بۇ يىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاڭ چيەنيۇەن 3 ئاينىڭ ئالدىدا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى قوللىغۇچى خىتاي ياشلىرى تەرىپىدىن ۋەتەن خائىنى دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.
" زالىمنىڭ تەرەپدارى بولۇش ئىنسانىي ھايات پرىنسىپلىرىمغا توغرا كەلمەيدۇ "
14 - مارت تىبەت توقۇنۇشى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا ئىنكاسى، ئولىمپىك مەشئەل ئۇزىتىش پائالىيىتىنىڭ قارشىلىققا دۇچ كېلىشى مۇھاجىرەتتىكى خىتايلارنى پىكىر ۋە مەيدان جەھەتتىن بىر قانچىگە بولدى. بۇلارنى چوڭ جەھەتتىن ئىككىگە ئايرىش مۇمكىن: بىرى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرىدىن ۋاز كېچىلسىمۇ بولىدۇ دېگۈچىلەر بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك نامى ئاستىدا توپلاندى. يەنە بىرى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك ئەمما، ئىنسان ھەقلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىلمەسىلىكى كېرەك دېگۈچىلەردۇر. بۇلار خەلقى ئەركىن پىكىر قىلالمىغان بىر دۆلەت ھېچقاچان قۇدرەتلىك دۆلەت ھېسابلانمايدۇ دەپ قارىغۇچىلار بولۇپ، ۋاڭ چيەنيۇەن ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەرگە مەنسۇپتۇر.
ۋاڭ چيەنيۇەن بۇ مەيدانىنى تىبەت مەسىلسىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى سۆھبەت دەپ بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ۋەتەنپەرۋەر ئاتالغان خىتاي ياشلىرىنىڭ ئېغىر تەنقىد ۋە تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەن؛ ھەتتا ئۇنىڭ خىتايدىكى ئاتا - ئانىسىمۇ تەھدىتكە يولۇققان. بۇ چاغدا ۋاڭ چيەنيۇەننىڭ يېقىنلىرى ئۇنىڭغا دۆلەت ۋە خەلقتىن ئەپۇ سوراش ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن.
بۇ چاغدا ئۇ " ھەق - ناھەق مەسىلىسىدە مەزلۇمنىڭ تەرەپدارى بولماي، زالىمنىڭ تەرەپدارى بولۇش ئىنسانىي ھايات پرىنسىپلىرىمغا توغرا كەلمەيدۇ " دەپ رەت قىلغان ۋە ئۆزىگە تەھدىت سالغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈستىدىن داۋا ئاچقان. خىتاي جەمئىيىتىدىكى خاتالىقلارنى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئىزچىل تەنقىد قىلغان.
" ۋاڭ چيەنيۇەننىڭ مەيدانى ساغلام مىللەتچىلەرنىڭ مەيدانىدۇر "
بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ باھالاش كومىتېتىنىڭ باشلىقى 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ۋاڭ دەن بولۇپ، ئۇ ۋاڭ چيەنيۇەن ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "ياشلار ئارىسىدا ئەسەبىي بىر مىللەتچىلىك باش كۆتۈرگەن پۇرسەتتە، ئۆزىنىڭ پەرقلىق پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇ پىكرىدە ئاداققىچە چىڭ تۇرۇش جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ. ۋاڭ چيەنيۇەن بۇنى قىلالىدى. ۋاڭ چيەنيۇەننىڭ يولى ئاقىلانە مىللەتچىلىكتۇر."
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ۋاڭ جۈنتاۋ ۋاڭ چيەنيۇەن ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرگە، ئوخشاش بولمىغان قاراشتىكى كىشىلەرگە زوراۋانلىق بىلەن ئەمەس، سۆھبەت يولى بىلەن يېقىنلىشىش، زامانىۋىي تەربىيىنى ھەزىم قىلالىغان كىشىلەرلا تەشەببۇس قىلىدىغان پىكىر. ۋاڭ چيەنيۇەننىڭ مەيدانى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى غايە قىلغان قىلغان ساغلام مىللەتچىلەرنىڭ مەيدانىدۇر."
" ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە جۇڭگو ئۈچۈن بىردىن - بىر چىقىش يولى "
ۋاڭ چيەنيۇەن مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش سۆزىدە، ئۆزىنىڭ بۇ مۇكاپات خەۋىرىنى ئاڭلاپ ھەم خوش بولغانلىقى ھەم ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە جۇڭگو ئۈچۈن بىردىن - بىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ بۇ بايراق ئاستىدا بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.
جۇڭگو ياشلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ئالدىنقى يىللاردا، لى خەي، خۇاڭ چى، ياڭ زىلى، ليۇ خۇ قاتارلىق ياشلارغا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئىچىدە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەش ۋە تەشۋىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغىنى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن جازالانغان ئۆكتىچى كۈچلەر ئىدى.
بۇ قېتىمقى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاڭ چيەنيۇەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىن بولۇپ، بۇ يىل 20 ياش، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى. باھالاش ھەيئىتى ۋاڭ چيەنيۇەننىڭ مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى ھەققىدە يەنە مۇنداق ئىزاھات بەرگەن: "ئۇ دىپلومى بىلەن، ئۇنۋانى بىلەن، ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن قانائەتلىنىپ ياشايدىغان ئاددىي كىشىلەردىن ئەمەس. ئۇ ھەقىقەت ئۈچۈن ئىزدەنگۈچى ھەم كۈرەش قىلغۇچىدۇر."