چەتئەللەردىكى خىتايلارنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاش ھەرىكىتى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، مارت ئېيىدا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتاي يولوچى ئايروپىلانىنى پارتىلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن كېيىن، خىتاي ئىچىدىكى تور بەتلەرنى، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن ماقالىلەر قاپلاپ كەتتى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.04.30

 تىبەتتە، يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ۋە خەلقئارا جامائەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە ۋە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى قوزغالغان نارازىلىق، خىتايدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى قوزغالغان دولقۇننىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارشى ئۆچمەنلىك ھېسسىياتى، خىتايدىكى تور بەتلەردە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارشى يېزىلغان ھاقارەت ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك ماقالىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. خىتايلار، نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاستىرىتتىن قوللىشى بىلەن، خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە كوچىلارغا چىقىپ، تىبەتلەرنى قوللىغان دۆلەتلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

خىتاي ئىچىدىكى تور بەتلەردە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن ماقالىلەرنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، چەتئەللەردىكى بەزى تور بەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشىغان ۋە ھازىر غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بەزى خىتايلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان.

27‏- ئاپرىل كۈنى، دﯤ چاينا بېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ۋە ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ۋە ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لياڭ فامىلىلىك بىر خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت بۇنىڭ ئەڭ يىرىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر تور بەتنىڭ مۇخبىرى، تېموتى ۋىستون تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، لياڭ، شىنجاڭدا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتسادىي جەھەتتىن كۆتۈرۈلۈشى، رايوندىكى ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتامدۇ؟ سىز شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، بىرەر بۆلگۈنچىنى ئۇچراتقانمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىگە قانداق قارايسىز؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللىرىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلايدىغان شەكىلدە، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن جاۋاب بەرگەن.

سۆھبەتتە، خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىگە پەقەت سەلبىي كۆز قاراش بىلەنلا قاراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان لياڭ، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلارغا قارىغاندا، نۇرغۇن ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بۇنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سۆھبەتتە، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان مەزگىللىرىدە، ھېچقانداق بۆلگۈنچى پائالىيەت ئۇچراتمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن لياڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ، ئىقتسادىي جەھەتتىن كۆتۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ، بۇ رايوندىكى رادىكال ئېقىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايان قىلغان. لېكىن ئۆزىنىڭ، ھازىرغىچە رادىكال ھەرىكەتلەرنىڭ سېپىگە كىرگەن بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئۇچراتمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
  
غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان خىتايلار تەرىپىدىن، چەتئەللەردىكى ھەر قايسى تور بەتلەردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان سۆھبەت ۋە ماقالىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن پەرقلىق ئەمەس. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۆز قاراشلار، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن ۋاقىت ياشىغان ،كۆپىنچىسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەن، غەرب جەمئىيىتىنى ياخشى تونۇيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ قايسى مەسىلىلەرگە قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە نېمىلەردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان خىتايلار تەرىپىدىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

دىلشات رىشىت، خىتايلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى، ئۇيغۇرلارنى ئەمدىلا تونۇشقا باشلىغان، خەلقئارا جامائەتنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇش ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىنى توسۇشنى نىشان قىلغان بىر سۈيىقەست، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ نىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتايلارنىڭ بۇ يېڭى تاكتىكىسىغا قارشى تەدبىر ئالىدىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.