بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرى گېرمانىيىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، تىبەت مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، غەرب مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، كانادا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتايلارمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈپ ئوخشاش شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدىكى بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھادىسىسىگە دىققەت قىلماقتا
خىتاي ئىچىدە يەنە كۆپلىگەن تور بەتلەردە غەرب مەتبۇئاتىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش، غەرب ماللىرىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئۈچۈن چاقىرىقنامىلار چىقىرىلغان، ئىمزالار توپلانغان. ھەتتا ئامېرىكىدىكى بىر نامايىشتا تىبەتنى ياقىلاپ سۆز قىلغان بىر خىتاي ئوقۇغۇچى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن، بۇ تەھدىت ئۇنىڭ خىتايدىكى ئائىلىسىگىمۇ يېتىپ بارغان. يەنە بوشۈن تورى 19 - ئاپرىل كۈنى، خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي جەمئىيىتىدە يېقىندىن بۇيان باش كۆتۈرگەن بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھادىسىسىگە بىرقانچە نۇقتىدىن دىققەت قىلماقتا.
سايلاش - سايلىنىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان، ئەركىن پىكىر قىلىش، ئەركىن تەشكىللىنىش ھوقۇقى چەتكە قېقىلغان بىر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ، ئۆزىدىن بۇ ھوقۇقنى تارتىۋالغان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرماي، غەرب ئەللىرىگە قارشى تۇرۇشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمەس دەپ يازىدۇ، بوشۈن تورىنىڭ تەھرىرى ۋە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىك دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ AQ چە ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر.
تىبەتلىك ئىسيانچىلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، خىتاي مىللىتىنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ؟ دەپ يازىدۇ، خىتاي زىيالىيسى گې بىڭشەن ۋە مۇخبىرنىڭ سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: " ئەگەر ھىندۇنېزىيىدە، ئەگەر ياپونىيىدە ۋە ياكى ئەگەر باشقا بىر غەرب دۆلىتىدە خىتاي پۇقرالىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولسا، بۇنى خىتاي مىللىتىگە قارشى ھۇجۇم دەپ چۈشىنىشنىڭ ئاساسى بار. ئەگەر چەتئەللىكلەر شاڭخەيگە ياكى تيەنجىنگە بېسىپ كىرىپ تۇپرىقىمىزنى بېسىۋالسا، بۇ خىتاي مىللىتىگە ھاقارەت بولىدۇ، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك بولىدۇ.
ئاپتور يەنە مۇنداق يازىدۇ : "قولىدا قورالى بولمىغان، قولىدا ئىقتىسادى بولمىغان، پەن - تېخنىكا جەھەتتە ئارقىدا قالغان تىبەتلىكلەرنىڭ يەنى بىزدىن كىچىك، بىزدىن ئاجىز بىر مىللەتنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ زوراۋانلىقىغا، ئامالسىزلىق ئىچىدە قولىدىن كەلگەن قارشىلىقىنى كۆرسىتىشى خىتاي مىللىتىنى ھەرگىز ھاقارەت قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىق."
ئاپتور گې چيۇبىڭ " بىزنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتىمىز باشقا مىللەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندا " ناملىق ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: "ئۆزەڭلارنى تىبەتلىكلەر ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىڭلار، قىلىۋاتقىنىڭلار ئەڭ ئەقىلسىز ۋە ئەڭ ئەخلاقسىز بىر ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر."
ياڭ لىلى: "Jack Cafferty نىڭ تەنقىدى توغرا"
خىتاينى كۆزىتىش ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان ئاپتور ياڭ لىلى، س ن ن ئوبزورچىسى جەك كاففەرتينىڭ سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئوبزورچى خىتاينى 50 يىلدىن بېرى ئۆزگەرمىگەن بىر توپ قانخۇر ۋە تەلۋىلەر گۇرۇھى دېگەن، بۇ گەپنىڭ ئوشۇق كەتكەن ھېچ يېرى يوق، ئەكسىچە كەم قالغان، خىتايدا زوراۋانلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىلى ئەمەلىيەتتە يۈز يىلدىن ئاشتى.
ئاپتور بۇ ماقالىسىدە ھەقىقىي خىتاي ۋەتەنپەرۋەرىنىڭ ئەسلىدە بۇ تەنقىدنى قىلغان ئوبزورچىغا ئەمەس، خىتاي مىللىتىنى بۇ ئاھانەتكە قالدۇرغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاپتور يەنە ماقالىسىدە، بۈگۈن غەربنىڭ ئەركىن مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ، غەرب ئاخباراتىغا قارشى تۇرۇۋاتقانلار، ئەگەر خىتايدا يىغىلىپ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزسە ئىككى پۇتىنىڭ بىر ئۆتۈككە تىقىلىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك دەپ يازىدۇ.
"ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىك توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ"
خىتايدىكى بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك دولقۇنىنىڭ ئومۇمى خىتاي خەلقىنىڭ ئىرادىسى ياكى ئەمەسلىكى، بۇ تېمىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ يەنە بىر نۇقتىسى. بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان "ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى خىتايدا ئىچكى ئۇرۇش پەيدا قىلىدۇ" ناملىق ماقالىدە، بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئارقىسىدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىبەتلىكلەرگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەنلەرگە ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەبرىكنامە ئەۋەتكەن، ئاۋسترالىيىدىكى نامايىشقا چىققانلارغا خىتاي كونسۇلخانىسى ماددىي خىراجەت ئاجراتقان.
يۇقىرىقى ماقالىدە، خىتايدىكى بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك دولقۇنىنىڭ ئاخىرى زوراۋانلىق شەكلىگە ئۆتىدىغانلىقى، خىتايدىكى چەتئەل ئەلچىخانىسى ۋە تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى ئەسكەرتىلگەن. ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: تىبەتتىكى ئىسياننى ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشى، تىبەتتىكى نامايىشنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى، ئەگەر بۇ باستۇرۇشقا خىتاي خەلقى چاۋاك چېلىپ چىقسا، ئىسيانكارلارنىڭ خىتاي خەلقىغە قارىتا ھۇجۇمىنىمۇ ھەقلىق قىلىپ چىقارغان بولىدۇ.
ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ خىتايدىكى بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتىگە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى: " بۇلار خىتاي خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇراشتۇرىۋاتقان نامايىشلار."
مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتايدىكى بۇ ۋەزىيەت، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە توغرا يول، توغرا شەكىلنى تاللىۋېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ كۆرسەتتى.