ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقىگە زۇلۇم قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھەممەر كازافىي، ھۈسنى مۇبارەك، بىن ئالىي ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. سۈرىيىدىكى خەلق قوزغىلىڭى داۋاملاشماقتا. يەنە 2011-يىلىدا ئوساما بىن لادىن ئۆلتۈرۈلدى. رۇسىيىدە پۇتىنگە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتە مەيدانغا كەلگەن ئەرەب باھارى ھەرىكىتىدە قوزغالغان خەلقلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى شۇنىڭدەك تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئابرۇيى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
ھازىر دۇنيادا ئەرەب دۆلەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ خىتايغا بولغان تەسىرى ھەققىدە مۇنازىرە بولماقتا. تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەرەب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، ئەرەب دۇنياسىدا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنىڭ ھازىر خىتايدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتايدىمۇ ئەرەب باھارىغا ئوخشاش بىر ۋەقەنىڭ مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.