خىتاي ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالمايدۇ

خىتايدا باستۇرۇش كۈچەيگەنسېرى، قارشىلىقلارمۇ ماس قەدەمدە كۈچىيىپ، پۇقرالاردا ھۆكۈمەتتىن قورقۇش ئېڭى بارغانسېرى ئاجىزلاپ، ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جاسارىتى كۈچەيمەكتە.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 19-سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسى خەينىڭ شەھىرى يۈەنخۇا بازىرى خۇڭشياۋ كەنتىدىكى نەچچە يۈزلىگەن پۇقرا پەيشەنبە كۈنى قوزغىلىپ، قۇياش ئېنېرگىيىسى مەھسۇلاتلىرىنى ياسايدىغان بىر زاۋۇتقا باستۇرۇپ كىرىپ، زاۋۇتتىكى قانچىلىغان ماشىنىلارنى پاچاقلاپ تاشلىغان. نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا ئېغىر توقۇنۇش كېلىپ چىققان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19-سېنتەبىر بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر زاۋۇت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلماي، ئېغىر دەرىجىدە مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە زەھەرلىك ماددىلارنى ئەتراپتىكى سۇ مەنبەلىرىگە قويۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، زاۋۇت ئەتراپىدىكى دەريادىكى بېلىقلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. بۇ زاۋۇتتا ئىلگىرى يەنە 31 ئىشچى زەھەرلىنىپ ھەرخىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان. ئوخشاشلا ئالدىنقى ئايدا داليەندە پۇقرالار مۇھىت بۇلغىنىشقا قارشى قوزغىلىپ چىقىپ، بىر خىمىيە زاۋۇتىنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى.

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى 17-سېنتەبىر كۈنى خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبى ۋە نەتىجىسى توغرىسىدا يېقىندىلا تۈرمىدىن چىققان خىتاي زىيالىيسى چىن يۇڭمىننى زىيارەت قىلغان ئىدى. خىتايدا «تۈرمىدە يېتىش پادىشاھى» دەپ نام ئالغان، خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان، ئىلگىرى-كېيىن 20 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان چىن يۇڭمىن ئالدى بىلەن مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭ تور بەتلەردە ماقالە يېزىشىنى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلەيدىكەن. ئۇ «بىرىنچىدىن تاماق يەيمەن، ئىككىنچىدىن گەپ قىلىمەن، مېنى قايتا ئەكىرىپ سولاپ قويساڭمۇ، بۇ ئىككى ئەقەللىي ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم قىلالمايسەن» دەيدىكەن. ساقچىلار ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنى ۋىرۇس ئەۋەتىپ ئىنتېرنېتقا ئۇلانماس قىلىۋەتكەن، ھەتتا كومپيۇتېرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىپ، ئىچىگە ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنى ئورنىتىپ قويۇپ، خەت يازالمايدىغان قىلىۋەتكەن چاغدىمۇ، ئۇ باشقا تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، كومپيۇتېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان.

فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالمايدۇ» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىدە، خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى چىن يۇڭمىن بىرقانچە مۇھىم كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرى كۈچەيگەنسېرى، قارشىلىقلارنىڭمۇ ماس قەدەمدە كۈچىيىۋاتقانلىقى، خىتاي پۇقرالىرىدا ھۆكۈمەتتىن قورقۇش ئېڭىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ، ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جاسارىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى، ھاياتىنىڭ خەۋپكە يولۇقۇشىغا قارىماي دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ ئېغىر بېسىمغا باش ئەگمەي، تۇشمۇتۇشتىن قوزغىلىپ، ھۆكۈمەتكە بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى مىسالغا ئالغان.

ئىككىنچىسى، ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى مۇستەبىتلەرنىڭ ئەرەب ئىنقىلابىنىڭ خىتايدا باش كۆتۈرۈشىدىن ۋەھىمە يەۋاتقانلىقى، قانداقلا قارشىلىق يۈز بەرمىسۇن، ئۇنى شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇپ، «قەرەللىك پارتلايدىغان بومبا مېنىڭ قولۇمدا پارتلىمىسىلا بولدى» دېگەن ئىدىيە بىلەن ھاكىمىيەتنى كېيىنكىلەرگە ساق تاپشۇرۇپ بېرىپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان قارشىلىقلارنى قاتتىق باستۇرۇپ، يۈزمىڭلارچە كىشىگە ھەقسىزلىق قىلغانلىقى، دۇنيادا خىتايدىن ئۆتە مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنىڭ قالمىغانلىقى، كېيىنكى ھاكىمىيەت ئىگىلىرىگە قەرەللىك پارتلايدىغان بومبىنى، يەنى غەزەپ-نەپرەتلىرى ئىچىگە پاتمايۋاتقان خەلق قارشىلىقلىرىنى مىراس قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى مىسال قىلغان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى خىتاي زىيالىيسى چىن يۇڭمىننىڭ قاراشلىرىدىنمۇ ئېنىق بولۇپ، ئۇ بۇ خۇسۇستا كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن دىئالوگ قۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى.

20 يىل تۈرمىدە ياتقان بۇ خىتاي ئۆكتىچىسى ئۈچىنچى نۇقتىدا، غەرب بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىپ كەلگەن قانۇن-تۈزۈم دىئالوگلىرىنىڭ ھېچنېمىگە كار قىلمايدىغانلىقىنى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى غۇلىتىشتا زوراۋانلىق قارشىلىقلىرىدىن ساقلىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ خىتاينىڭ ئۇزۇن تارىخىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ، خىتايدا تىنچ ھاكىمىيەت ئالمىشىشنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقى، ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تارىختىكى ھەرقانداق مۇستەبىتلەردىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئەگەر خىتايدىكى ھوقۇقدارلار سەل ئىنساپقا كېلىپ تىنچ ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلسا، يەنىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنالايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىغا قارىتا «بىز ساڭا بىر تارىخى پەلەمپەي ھازىرلاپ بېرەيلى، سەن بىزگە دىئالوگ ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەرگىن» دېگەن.

«خىتاي نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالمايدۇ» ناملىق بۇ ئۇزۇن زىيارەت خاتىرىسى بەش ئاساسى تېما ئاستىدا شەرھىيلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا، مەيلى خەلقئارا ئېقىم نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى ئىچكى قارشىلىقلار نۇقتىسىدىن بولسۇن ۋە مەيلى خىتاينىڭ ھازىرقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سىياسەتلىرى نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى يېڭى ھوقۇقدارلارنىڭ سىياسەتلىرى نۇقتىسىدىن بولسۇن، خىتاينىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالمايدىغانلىقى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.