بېيجىڭ پەن - سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورىنىڭ ئامېرىكىدىكى راند شىركىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تەھلىللىرىگە بەرگەن باھاسى

1945 ‏ - يىلى قۇرۇلغاندىن باشلاپ خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئوبېكتىپ تەھلىل ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن يۇقىرى ئىناۋەت قازىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى "راند" RAND شىركىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتىنىڭ مەزمۇنلىرى يېقىندا 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ دوكلاتتا خىتاي ھەققىدە ئەقىلگە مۇۋاپىق باھا ۋە ئۆتكۈز تەنقىدلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن كېيىن، بېيجىڭ پەن - سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى خۇ شىڭدۇ ئەپەندى بۇ دوكلاتقا باھا بېرىپ بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، پروفېسسور خۇ شىڭدۇ راند شىركىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تەھلىللىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قاتتىق سىلكىنىپ كەتكەن.

پروفېسسور خۇشىڭدۇ راند شىركىتىنىڭ تەنقىتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇغان

ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتايلارنى، ئامېرىكىدىكى راند شىركىتىنىڭ قىلچە يۈز - خاتىرە قىلماستىن تۇرۇپ قاتتىق تەنقىدلىگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇغان بېيجىڭ پەن - سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى خۇ شىڭدۇ ئەپەندى، ئۆزى بۇرۇن خوڭكوڭدا نەشر قىلدۇرغان 'مەسىلە چىقىۋاتقان جۇڭگو'، 'جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋىي شەقىقە كېسەللىكى' دېگەن كىتابلىرىدا خىتايلار توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئاچچىق تەھلىللەر بىلەن ئامېرىكىدىكى راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدىكى تەھلىللەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن، راند شىركىتىنىڭ خىتايلار ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنىڭ مۇھىم نوقتىلىرىنى ئايرىپ چىقىپ، ئۇنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەنقىدلەرگە ئاپىرىن ئوقۇغان.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خۇ شىڭدۇ ئەپەندى1999‏ - يىلىدىن بۇيان بېيجىڭ پەن - سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرى جۇڭگو مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى، سىنگاپوردىكى بىرلەشمە گېزىتى، خوڭكوڭدىكى سۇمرۇغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، يۇلتۇزلۇق ئارال گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. خۇ شىڭدۇ ئەپەندىنىڭ 'جۇڭگو كېسىلى'، 'جۇڭگودا پەزىلەت گۇمرانلىقى'، 'جۇڭگو چىرىكلەر دۆلىتى'، 'جۇڭگودا جەسەتلەر مائارىپى'، 'جۇڭگودا يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ گۇمران بولغانلىقى' قاتارلىق ئوبزورلىرى ئۇقۇرمەنلەردە چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان ئىدى.

راند شىركىتىنىڭ خىتايلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقى نېمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟

بېيجىڭ پەن - سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى خۇ شىڭدۇ ئەپەندىنىڭ 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان باھاسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى راند شىركىتىنىڭ خىتايلار ھەققىدىكى ئۆتكۈر كۆز قاراشلىرىنىڭ توغرىلىقى، ئۇنىڭدىكى 'خىتايلاردا ئەقىل كام ئەمەس، كام نەرسە جۈرئەت بىلەن ۋىجدان'، 'خىتايلارنىڭ ئارزۇ - ھەۋەسلىرى تېخىچە ھايۋانلاردا بولىدىغان جىنسىي ۋە يېمەكلىك جەھەتتىكى ئاچكۆزلۈك باسقۇچىدا تۇرماقتا'، 'ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە، خىتاي 2020 ‏ - يىلىغا كەلگەندە دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ'، 'خىتايلاردا سەمىمىي - ساداقەتلىك ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق كام'، 'خىتايلاردىكى شەخسىيەتچىلىك ۋە رەھىمسىزلىك جەمئىيىتىنىڭ ئىلغارلىققا قاراپ تەرەققى قىلالماسلىقىدىكى تۈپ ئامىل'، 'خىتاي 2020 - يىلىغا كەلگەندە دۇنيادا ئىنسانىيەتنىڭ ياشىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق بولمىغان جايغا ئايلىنىدۇ'، 'چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتايلار خۇددى نىشاندىن ئاداشقان ئىتقا ئوخشاپ قالدى' دېگەن مۇھىم نۇقتىلاردا ۋە بۇ كۆز قاراشلار ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن دەلىل - ئىسپاتلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

خۇ شىڭدۇ ئەپەندى راند شىركىتىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى رەت قىلمايدۇ، ئەمما ئەپسۇسلىنىدۇ

‏ - ‏ ئەپسۇسكى، ‏ - ‏دەيدۇ خۇ شىڭدۇ ئەپەندى ئامېرىكىدىكى راند شىركىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تەھلىللىرىگە باھا بېرىپ يازغان ماقالىسىدە. پروفېسسور خۇنىڭ قارىشىچە، راند شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا خىتايلاردىكى گۇمرانلىقنىڭ سەۋەبلىرى بىۋاستە كۆرسىتىلمىگەن، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، ئۇ بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان دۆلەتنى قانۇنغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئادەم بىلەن ئىدارە قىلىدىغان مۇستەبىت تۈزۈم ۋە زوراۋانلىق، يالغانچىلىق سىياسەت قوللىنىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت.

خىتايدا 1949 ‏ - يىلىدىن كېيىن ھەر يىلى نورمالسىز ئۆلۈۋاتقان ئادەم سانى دۇنيا سانىنىڭ %70 نى تەشكىل قىلىدۇ

‏ - ‏جۇڭگودا 1949 ‏ - يىلىدىن كېيىن ھەر يىلى نورمالسىز ئۆلۈۋاتقان ئادەم سانى دۇنيا بۇيىچە يىغىلغان ساننىڭ %70 نى تەشكىل قىلىدۇ، ‏ - ‏ دەپ بايان قىلىدۇ خۇ شىڭدۇ ئەپەندى 'جۇڭگودا يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنۇشلۇق ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ قانۇنىيىتى ' دېگەن ماقالىسىدە. خۇ شىڭدۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئامېرىكىدىكى راند شىركىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تەھلىللىرىگە باھا بېرىپ يازغان ماقالىسىگە قوشۇپ قويغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، جۇڭگودا ھەر يىلى كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە نورمالسىز ئۆلۈۋاتقان ئادەم سانى پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئوخشاش سەۋەبتىن ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ %70 نى تەشكىل قىلىدۇ. دۇنيا نوپۇسىنىڭ 4 تىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگودا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانىمۇ دۇنيا بۇيىچە ئوخشاش سەۋەبتىن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى يىغىندىسىنىڭ %70 نى تەشكىل قىلىدۇ.

خۇ شىڭدۇ ئەپەندى ماقالىسىدە، خىتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەردە ئۆلگەن ئادەم سانى بىلەن باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانىنى سېلىشتۇرۇپ بايان قىلىنىشىچە، 1992 ‏ - يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا 7.3 بال يەر تەۋرىگەندە بىر ئادەم ئۆلگەن؛ ئالاسكىدا 1964 ‏ - يىلى 8.5 بال يەر تەۋرىگەندە 130 ئادەم ئۆلگەن؛ لوس ئانجىلىستا 1952 ‏ - يىلى 7.7 بال يەر تەۋرىگەندە 12 ئادەم ئۆلگەن؛ 2007 ‏ - يىلى ياپونىيىدە 6.9 بال يەر تەۋرىگەندە 11 ئادەم ئۆلدى؛ 2005 ‏ - يىلى ياپونىيىدە 7.2 بال يەر تەۋرىگەندە ئادەم ئۆلمىگەن ئىدى. ئەمما خىتايدا تاڭشەندە يەر تەۋرىگەندە 240 مىڭ ئادەم ئۆلدى، بۇ قېتىم سىچۈەندە يەر تەۋرىگەندە 90 مىڭ ئادەم ئۆلدى. خىتايدا 1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى پۈتۈن دۇنيادا يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 54% نى تەشكىل قىلاتتى، بۇنىڭغا بۇ قېتىم سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانىنى قوشقاندا، ھازىر بۇ سانمۇ دۇنيا بۇيىچە يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى يىغىندىسىنىڭ 70% دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلدى. بۇنداق نورمالسىز ئۆلۈم كۆپىنچە ھالدا خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىقتى.