پارلاق كەلگۈسى ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن باشلىنىدۇ

تەرەققى قىلغان 8 چوڭ سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى كېلەر دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ خوككايدو ئارىلىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن ھاۋا كېلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

دۇنيادا 4 مىليارد ئادەم تېخىچە قانۇن - تۈزۈمنىڭ كاپالىتىدىن مۇستەسنا ياشاۋاتىدۇ

8 چوڭ سانائەت دۆلەت باشلىقىلىرى ئۇچرىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋەزىيەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇش - پىلانلاش مەھكىمىسى بۈگۈن بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارغا، ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 4 مىليارد نوپۇسنىڭ تېخىچە قانۇن - تۈزۈمنىڭ كاپالىتىدىن مۇستەسنا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر تېخىچە تۇغۇش ھوقۇقى، پۇقرالىق ھوقۇقى، كۆچۈش ۋە كىملىك ھوقۇقى شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقى بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسلەتتى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ 4 مىليارد ئادەمگە ئالاقىدار بولغان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قانۇنى تۈزۈپ، بۇ نامرات خەلقلەرگە قانۇنىي ياردەم بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنداقلا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىدىن، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشدىن بۇرۇن، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان قانۇن لايىھىسىنى تەييارلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

ھازىر دۇنياغا ۋەدە بەرگەن رەھبەر ئەمەس، بەلكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان رەھبەر كېرەك

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ياپونىيىدە ئېچىلىدىغان تەرەققى قىلغان 8 چوڭ سانائەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغاندا، تۈنۈگۈن ئاق سارايدا سۆز قىلىپ، ياپونىيىدە ئېچىلىدىغان 8 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، پۈتۈن دۇنيادا زاۋۇتلاردىن ئاجرىتىپ چىقىرىلغان زەھەرلىك گازلارنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازلىتىش جەھەتتە بىردەك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر خۇسۇسىي شىركەتلەرگە، ئۇلارنىڭ پاكىزە ئېنېرگىيە قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش سۆزىدە يەنە، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ھازىر دۇنياغا ئافرىقىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەن رەھبەر ئەمەس، بەلكى قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان رەھبەر كېرەك؛ ئالدى بىلەن، بىزنىڭ ئىقتىسادىي شېرىكلىرىمىز دۇنياغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك؛ پارلاق كەلگۈسى ۋەدىگە ئەمەل قىلىشتىن باشلىنىدۇ، دېگەن.

خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك بازارلىرىدا مەنبە ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى زولىك ئەپەندى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن شىركەتچىلىك تەتقىقات يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ھازىر خەلقئارادا يېمەكلىك كرىزىسى ئېغىرلىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ۋە ئاشلىق بازىرىدا مەنبە ئۈزۈلۈپ قېلىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خەلقئارادا ئاشلىق باھاسى ئۆرلەۋاتقان بېسىم ئاستىدا، باھانى كونترول قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىلىشنى ئازلىتىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك بازىرىدا مەنبە ئۈزۈلۈپ قېلىش كېلىپ چىقماقتا. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى بۇ ھادىسىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى 50 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ھازىر دۇنيادا يېمەكلىك ۋە نېفىت باھاسى ئۆرلەۋاتقاندا، 30 دۆلەتتە يېمەكلىك جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن ئىسيان چىقىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن نامرات دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى 7 يىل كېيىنگە سۈرۈلۈشى مۇمكىن.

دۇنيادا يېقىلغۇ، يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دەرىجىگە يەتتى

خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بايان قىلىشىچە، دۇنيادا يېقىلغۇ ۋە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ھازىر 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دەرىجىگە يەتتى. بۇنىڭ زىيىنى نامرات دۆلەتلەرگە بولماقتا.

مەزكۇر فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېت باشلىقى ستراس كوئىننىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر يېمەكلىك باھاسى يەنە داۋاملىق ئۆرلەۋەرسە ۋە نېفىت باھاسى تۆۋەنلىمىسە، بەزى دۆلەتلەر ئۆز پۇقرالىرىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، بۇ جەرياندا جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ قېيىن بولىدۇ.

خىتايدا باھا ئۆرلىسە، مەھسۇلات تەننەرقى ئىستېمالچىلارغا يۈكلەنمەكتە

خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېت باشلىقى ستراس كوئىننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خىتايدا باھانىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مەھسۇلات تەننەرقىنى ئىستېمالچىلارغا يۈكلەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى. بۇنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت ئىچىدە سىرتىدا، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلەپ، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان مال بۇيرۇتۇش ئازلاۋاتىدۇ.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئازىيىشىنى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى يۇقىرىلاپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا؛ توختامنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى مەھسۇلات باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.