خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئارىسىدا نېفىتلىك ماجىراسى يۈز بەردى

خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدا تەۋەلىكى تېخىچە ھەل قىلىنمىغان پاراسېل ئاراللىرىدا تۈنۈگۈن يەنە ۋەقە يۈز بەردى ۋە ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى جىددىيلىك پەيدا قىلماسلىقى لازىم دەپ ئاگاھلاندۇردى.

0:00 / 0:00

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ چارلاش پاراخوتلىرى تۈنۈگۈن، ۋيېتنامنىڭ نېفىت قىدىرىۋاتقان بىنمىن 2 بەلگىلىك پاراخوتىنىڭ خىزمىتىگە ئۈچ سائەت كاشىلا قىلىپ، ۋيېتنامنىڭ نېفىت قىدىرىشتا ئىشلىتىۋاتقان ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ، كابېللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ قايتىپ كەتكەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن ۋيېتنام ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ چارلاش پاراخوتلىرىنى، ۋيېتنامنىڭ نېفىت قىدىرىش پاراخوتلىرىغا تاجاۋۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. بۈگۈن خىتاي ۋيېتنامنى، يېڭىدىن جىددىيلىك پەيدا قىلماسلىقى كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ بۈگۈنكى باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ ۋيېتنام پاراخوتلىرىغا تەدبىر قوللانغانلىقىنى، تامامەن قانۇنلۇق ھەرىكەت، ۋيېتنام ھازىرقى جايدا نېفىت قىدىرىشنى دەرھال توختىتىشى لازىم، دەپ جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە بۇ ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا كوممۇنىزمغا ۋارىسلىق قىلغان دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار دۆلەت تەۋەلىكى مەسىلىسىدە، ھەرگىز بىر-بىرىنى كەچۈرمەيدۇ. ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ۋەقە پەيدا بولغان بۇ جاي، ۋيېتنامنىڭ جەنۇبى قىرغاقلىرىدىن 120 كىلومېتىر يىراقلىقتا، خىتاينىڭ خەينەن ئارىلىدىن 600 كىلومېتىر يىراقلىقتا. خىتاي ئۆزىدىن كۆپ يىراق بولغان بۇ جايدىكى 1 مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى ئاراللارنى ۋە خادا تاشلارنى، خىتاي زېمىنى دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ.

خەلقئارادا غەربىي پاراسېل ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جاي، يىللاردىن بۇيان ۋيېتنام بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق، ھەتتا ئۇرۇش كېلىپ چىقىشقا سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە. ھەر قېتىم يۈز بەرگەن ئۇرۇش بىر-بىرىنى مۇشۇنداق شەكىلدە ئەيىبلەشتىن كېيىن كېلىپ چىققان ئىدى.

ۋيېتنام تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ۋيېتنامنىڭ پاراسېل ئاراللىرىنى خىتاي 1974‏-يىلى ئۇرۇش قوزغاپ بېسىۋالغان. 1979‏-يىلىدىكى خىتاي -ۋيېتنام ئۇرۇشىمۇ، ۋيېتنام بىلەن خىتاي قوللاۋاتقان قىزىل كېخمىرلار ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا بولغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان. 1988‏-يىلى خىتاي يەنە مۇشۇ پاراسېل ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدا، ۋيېتنامنىڭ ساياھەت پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 70 نەپەر ۋيېتناملىق ساياھەتچىنى ئۆلتۈرگەن. ۋيېتنام ھازىرغا قەدەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، بۇ ۋەقەلەرنى تىلغا ئالماي قالمايدۇلا ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشنى ئىپادىلىمەي قالمايدۇ.

خىتايدىكى «س ن ئا» تور گېزىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى جىددىيلىك ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن كىشىلەرنىڭ 92% ئى، ۋيېتنام بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن تالاش-تارتىشىنى پەقەت ئۇرۇش بىلەنلا ھەل قىلىش مۇمكىن، ئۇنىڭدىن ئۆزگە چارە يوق، دەپ قارىماقتا.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان مالىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر جەنۇبىي دېڭىزدىكى 50 ئارالنىڭ 9 نى ئۆزى، بىرىنى تەيۋەن كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقاندىن باشقا، قالغانلىرىنى پۈتۈنلەي باشقا دۆلەتلەر ئىگىلىۋالدى، بۇنىڭدىن 28نى ۋيېتنام ئىگىلىۋالدى، قالغانلىرىنى فىلىپپىن، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىگىلىۋالدى دەپ جاكارلىماقتا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ چارلاش پاراخوتلىرى، ۋيېتنامنى جەنۇبىي دېڭىزدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللاندى. ئەمما ۋيېتنام، خىتاينىڭ چەكلىمىلىرىگە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنداق سۈركىلىشلەر ھازىر جەنۇبىي دېڭىزنى جىددىي ھەربىي توقۇنۇشقا يۈزلەندۈرمەكتە.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نېفىت زاپىسى كۆپ بولسا يەنە 20 يىل يېتىدۇ، ئەمما دېڭىز -ئوكيانلاردا يېقىلغۇ مەنبەلىرى مول، خىتاي ئۇنى ئون مىڭ يىل سەرپ قىلسىمۇ تۈگىمەيدۇ. خىتاي بۇ كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي، چوقۇم جەنۇبىي دېڭىزنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.