بانكوك پوچتىسى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋيېتنام بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ۋيېتنام ئۆزىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خونئوڭ ئاراللىرىدا، 13-14-ئىيۇن كۈنلىرى ئېتىش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ، مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرى ۋيېتنام تەۋەسىگە كېرىپ قالماسلىقى كېرەك، دەپ جاكارلىدى. شۇنداقلا بۇ ئېتىش مەشىقىنى نەق مەيداندىن 6 سائەت بىۋاسىتە خەۋەر قىلىش ئۈچۈن فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئىجازەت بەردى.
ۋيېتنام ھازىر نېفىت قېزىۋاتقان ئارالنى، ۋيېتنام باش مىنىستىرى نگويەن تاندۇڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، ۋيېتنامنىڭ زېمىنى-بىركىم بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان تېما ئەمەس، دەپ جاكارلىدى. بۇ، ۋيېتنام باش مىنىستىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بۇ مەسىلىدە يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئارال تالاش-تارتىشىدا پەيدا بولغان يىرىكچىلىكنىڭ دەرىجىسىمۇ يۇقىرى ئۆرلىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ جيەنگو مانىلاردا بايان ئېلان قىلىپ، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆزىنىڭ تەۋەلىكى دەپ جاكارلاۋاتقان ھەر قانداق ئارالدا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىشىغا يول قويمايدۇ دەپ جاكارلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋيېتنام تۈنۈگۈن، خىتاينىڭ بىر بېلىقچى پاراخوتى ۋيېتنامنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىش پاراخوتىغا سوقۇلدى، دەپ خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنلا، خىتايمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ۋيېتنام ھازىر خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىۋالدى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن بۇرۇن، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، ۋيېتنام ئۆزىنىڭ پاراسېل ئاراللىرىدا كانادا شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىۋاتقاندا، خىتاي قىسىملىرىنىڭ چارلاش پاراخوتلىرى ئۇنىڭغا پاراكەندىچىلىك سالغان. 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، خىتاي دېڭىز قىسىملىرى يەنە فىلىپپىننىڭ ئىقتىسادىي رايونىغا تاجاۋۇز قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋيېتنام، فىلىپپىن، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلەشكەن ئىدى. بۇنداق ۋەزىيەتتە، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى سىنگاپورنىڭ شاڭگىرىلا مېھمانخانىسىدا، ئاسىيا بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى. خىتاي بۇ سۆھبەتتە، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ھەرگىز تاجاۋۇز قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. بۇ، ۋيېتنام، فىلىپپىنلارنىڭ خىتايغا بولغان غەزىپىنى ئازراق پەسەيتكەن ئىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي گەپ ئويۇنىنى باشلاپ، ئۆز تەۋەلىكىمىز دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىۋېرىمىز دەپ جاكارلاپ، كەلگۈسىدە ئىگىلىۋېلىشنى ئويلاۋاتقان بۇ ئاراللارغا بېرىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ نورمال پائالىيىتىنى چەكلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. بۇنىڭغا قارىتا ۋيېتنامدا قايتىدىن غەزەپ قوزغىلىپ، ئۇدا بىر نەچچە قېتىم خىتايغا قارشى نامايىش يۈز بەردى.
ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى كارلېل تخايېرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزدا تېخىچە چۆكۈپ كەتمىگەن ئارال ۋە خادا تاشلارنىڭ تېگىدە ناھايىتى مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بار. ئىنسان ياشىمايدىغان بۇ ئاراللارنى يىللاردىن بۇيان فىلىپپىن، ۋيېتنام، برۇنىېي، تەيۋەن، مالايشىيا، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي رايون دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھازىر كۈچىگە تايىنىپ بۇ بايلىقلارنى ئۆزىلا ئىگىلىۋالالىسا، بۇ، خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرقتىن ياكى ئافرىقىدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يۆتكىگەنگە قارىغاندا كۆپ قۇلايلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر تۈگىمەس بايلىق، ئەمما ۋيېتنام بۇ جايدا ئاللىقاچان بايلىق قېزىشنى باشلىغان ئىدى.
بۈگۈن بۇ مول تەبىئىي بايلىق بار ئاراللارنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسىدە، خىتاي بىلەن ۋيېتنام، فىلىپپىن مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن جەنۇبىي دېڭىزدا پارتلىغان شىددەتلىك ئۇرۇشلارغا، دەل مۇشۇنداق پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان جىددىيلىكلەر سەۋەبچى بولغان ئىدى. ھازىر فىلىپپىننىڭ كەينىدە ئامېرىكا، ۋيېتنامنىڭ كەينىدە رۇسىيە بولغاچقا، خىتاي بۇ ئاراللارنى ئىگىلىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ.