خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى غەيرەتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى (1)

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتى جاسۇسلۇق خادىمى غەيرەت نۇرمەمەت، بۇ يىل 1 - ئايدا ئۆيىدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەيرەتنىڭ ئۆلۈمى سىرلىق ۋەقە بولۇپ، ئۇ، ئۆلۈشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ تۈرمىلەردە 5 - ئىيۇلدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئېچىنارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆرگەنلىكى ھەم سۈرەتكە ئالغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

0:00 / 0:00

گەرچە بۇ ئۆلۈم ئۈرۈمچىدە خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى يېپىق بىر تەرەپ قىلغان. غەيرەتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى داۋاملىق غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

غەيرەت نۇرمەمەت، 36 ياش، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قوراللىق ساقچى مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىدە، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشقا مەسئۇل باشقارمىنىڭ رازۋېدكا خادىمى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، غەيرەت نۇرمەمەت 2010 - يىلى 1 - ئايدا تۇيۇقسىز ئۆيىدە ئۆلۈپ قالغانغا قەدەر، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىقلىق بىلەن ئىشلەپ كەلگەن. غەيرەتنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم يېقىنلىرى غەيرەتنىڭ يۈزى كۆكىرىپ كەتكەن جەسىتىگە قاراپ تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بېكىتكەن قانۇن دوختۇرى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىشى نەپەس يولى كېسەللىكىدىن دەپ دىئاگنوز قويۇپ، ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئارتۇقچە سۈرۈشتە قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

غەيرەتنىڭ يېقىنلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزچە، ئۇنىڭ دادىسى نۇرمەمەتمۇ، غەيرەت خىزمەت قىلغان خىتاي بىخەتەرلىك ئورگىنىدىن پېنسىيىگە چىققان خادىم ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق باستۇرۇش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە سادىقلىق بىلەن ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن غەيرەتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى بىر مەھەل غۇلغۇلا قوزغاپ بېسىققان بولسىمۇ، غەيرەت نۇرمەمەتنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرىدىن بىرى يېقىندا چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ چەتئەلگە قېچىشىنىڭمۇ دەل غەيرەتنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىستانسىمىزغا غەيرەتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق تەرەپلىرىنى ئاشكارىلىدى ۋە "غەيرەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى" دەپ، ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرنى رازۋېدكا قىلىشنى كەسىپ قىلىپ، ئاكتىپ خىزمەت كۆرسىتىپ كەلگەن غەيرەت ئىسىملىك بۇ جاسۇسنىڭ پەخىرلىنىۋاتقان كەسپىدىن گۇمانلىنىشىغا، ۋىجدانىنىڭ ئويغىنىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟

بىز غەيرەتنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك تولۇق ئۇچۇرلارنى ئېلىش ئۈچۈن غەيرەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرگەن بولساقمۇ، ئۇلار بىردەك زىيارىتىمىزنى رەت قىلىپ كەلدى. ھالبۇكى، غەيرەتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقەتەن گۇمانلىق ئىكەنلىكى ئىگىلىگەن مۇناسىپ ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلانماقتا.

بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا تونۇشتۇرىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.