خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ باياناتى، ۋىكىلىكىس تور بېتى خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ خاككېر ھۇجۇمىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋىكىلىكىس تور بېتى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاشكارىلىغان خىتايغا ئائىت ھۆججەت ئىچىدە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ خاككېرلارغا بۇيرۇق بېرىپ، گۇگۇل تور بېتىگە ھۇجۇم قىلدۇرغانلىقىغا ئائىت مەزمۇن ئورۇن ئالغان ئىدى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىخەتەرلىك ئۈچۈن گۇگۇلدىن ئېلخەت ئادرېسى ئاچقان بولۇپ، خىتاي ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنى تەكشۈرۈشى قېيىنغا توختىغان. خىتاي تەرەپ بۇ سەۋەبتىن گۇگۇلنىڭ مۇلازىمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنى گۇگۇلدىن چېكىنىپ چىقىشقا قىستىغان. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىكىلىكىس تور بېتى ئاشكارىلىغان بۇ مەلۇماتنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ دۇنيادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ۋىكىلىكىس تور بېتى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ددوس ھۇجۇمى بىلەن ئېچىلماس قىلىۋېتىلگەن. بۇ تور بېتىنى قۇرغان 39 ياشلىق جۇلىئانپائۇل ئاسساڭە ئۈستىدىن خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. ئاسساڭەنىڭ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىماقچى بولغان. ئۇنىڭ 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاشكارىلىغان ھۆججەتلىرىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ بار ئىدى.
خىتاي تەرەپ 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ۋىكىلىكىس تور بېتىنى خىتايدا ئېچىلماس قىلىۋەتكەن. بۇنىڭغا ۋىكىلىكىس تور بېتىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلارنى ئاشكارىلىغانلىقى ۋە ئاشكارىلىماقچى بولغانلىقى سەۋەب بولغان. ئەمما، خىتاي بۇ يىل 8 - ئايدا ۋىكىلىكىس تور بېتى ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى، بولۇپمۇ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا ئائىت ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغاندا، مەركىزى ت ۋ قاناللىرىدىن تارتىپ ئىنتېرنېتلارغىچە بۇ خەۋەرنى كەڭ تەشۋىق قىلغان ئىدى.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆز مەنپەئىتىگە قارشى مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان خىتايدىكى ھەرقانداق تور بېتىنى ئېچىلماس قىلىۋېتىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، چەتئەللەردىكى تور بەتلەرنىمۇ ئېچىلماس قىلىۋەتمەكتە. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، چەتئەللەردىكى تور بەتلىرىگە خاككېرلار ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. گېرمانىيىدە ئېچىلغان ۋەتىنىم ئۇيغۇر مۇنبىرى تور بېتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى تور بېتى خىتاينىڭ ددوس ھۇجۇمى سەۋەبلىك ھازىرغا قەدەر تاقىلىپ تۇرماقتا. د ئۇ ق تور بېتىمۇ بۇ خىل ھۇجۇملارغا دۇچ كەلمەكتە.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مىڭدىن ئارتۇق تور بېتى تاقىلىش بىلەن بىرگە، مىڭلىغان تور بېتى قۇرغۇچىلار ۋە تور بېتى يازغۇچىلىرى قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر يېتەرلىك مەلۇمات يوق. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىنتېرنېت ساقچىلىرى بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېلخەتلىرىنى ئوغرىلاش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا.
خىتاي خاككېرلىرى ئىلگىرى ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى كۈچلۈك بولغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلىش ۋە ئاخبارات ئوغرىلاش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار مەتبۇئاتلاردىن كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى.