ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، ھازىر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ تىپتىكى پارىخورلۇق دېلولىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرى بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. ئۇ ئەمەلدارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر بېيجىڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىچىدە دوختۇر پۇلىنى ئاتچوت قىلىدىغان بىردىن - بىر ئورگان جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئىكەن.
خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى چىرىكلىشىشتە، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى، سوت - ئەدلىيە قاتارلىق ئورگانلار پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالغان.
ئۇنداقتا مۇقىملىق تەكىتلىنىۋاتقان، " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش" نى ئاساسى ۋەزىپىسى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىدىكى قانۇن ئورگانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىدىكى ئەھۋال زادى قانداق ؟
ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خەلق نۇرغۇنلىغان جىنايى قىلمىشلاردا جىنايەتچىلەرنىڭ شۇنچە ھەددىدىن ئېشىپ كىتىشىدە، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە توغرا يولدا ماڭغانلىرىنى جازالاپ، خاتا يولدا ماڭغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خاتا يولدا ماڭغانلارنىڭ پايدىسىغا شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رادىئومىزغا مەلۇمات بەرگەن بىر ياش، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋەقەلەردىن يانچۇقچىلار بىلەن ساقچىلارنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى، يانچۇقچىلار ھەر كۈنى تاپقان پۇلىنىڭ يېرىمىنى ساقچىلارغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئىلىدە ساقچىلار خەلق تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغان بىر قوشۇن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىلاردىن بىزار بولۇش كەيپىياتى ناھايىتى ئېغىر ئىكەن، ساقچىلار خەلق تەرىپىدىن "كىنىشكىلىق لۈكچەكلەر " دەپ ئاتىلىدىكەن. رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان بۇ ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ھەر ۋاقىت زومىگەرلەرگە يانتاياق بولۇپ، ئاجىز خەلقنى باستۇرغان. بۇ ياش، ساقچىلارنىڭ ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە يانتاياق بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، " 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش"، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتىكى ئاساسى تايانچ كۈچ بولغىنى ئۇچۇن، ئۇلارنىڭ خەلق ئالدىدا خالىغانچە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلالايدىغان چەكسىز ھوقۇققا ئىگە زومىگەر كۈچ ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ھەر قانداق قانۇننىڭ ساقچىلار ئۇچۇن ئىشلەنمەيدىغانلىغىنى، ساقچىلارنىڭ قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان، قانۇننى ئاياق - ئاستى قىلىدىغان " مافىيالار " ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۇچۇن ياللىۋالغان " كىنىشكىلىق لۈكچەكلىرى " ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ساقچىلارنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇش بولغىنى ئۇچۇن، ئۇيغۇر ئىلىدە ساقچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارقا تىرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ساقچىلاردىكى چىرىكلىكنىڭ بارغانچە ئەۋج ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.