ئوباما بىلەن خۇجىنتاۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنى نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ خەلق گېزىتى باشقىچە خەۋەر قىلىدۇ؟

ئوباما بىلەن خۇجىنتاۋ تۈنۈگۈن كېچىدە تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشتى. ئامېرىكا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى بۇ سۆھبەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى، دېسە، خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئوباما 'بىر خىتاي سىياسىتى'نى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلدى، دەپ خەۋەر قىلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مارىلاند شىتاتىدىكى ئاندىرۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما تۈنۈگۈن كېچىدە بوستۇن شەھىرىدىن قايتىش يولىدا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 1 - نومۇرلۇق ئايروپىلاندا تۇرۇپ، يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشقا كېلىدىغان خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشتى. ئۇلارنىڭ تېلېفون سۆھبىتى بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.

بۇ سۆھبەت ئوبامانىڭ ئايروپىلانى ئاندرۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قونۇپ توختىغاندىن كېيىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئاياغلاشتى. بۇ سۆھبەت مۇخبىرلاردىن خالى بولدى. ئاقساراي بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى تېخىچە ئاشكارىلىمىدى.

خۇففىنگتون پوست: ئوباما بىلەن خۇجىنتاۋ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشتى

خۇففىنگتون پوست گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جىۇلىي رايس تۈنۈگۈن كېچە سائەت 12 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلىپ، پرېزىدېنت ئوباما خۇجىنتاۋ بىلەن يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشتى، دەپ بايان قىلغان.

ھىندىستان خەلقئارا رادىئوسى: ئوبا بىلەن خۇجىنتاۋ تېلېفون ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە سۆزلەشتى

ھىندىستان خەلقئارا رادىئوسى بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلغاندا 'ئوباما بىلەن خۇجىنتاۋ تېلېفون ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە سۆزلەشتى' دەپ بايان قىلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى: ئوباما خۇجىنتاۋنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىك ھەققىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشقا قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما بىلەن خۇجىنتاۋ تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندە، ئوباما خۇ جىنتاۋنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشقا قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، خۇ جىنتاۋ بۇنىڭغا ئىنتايىن خوشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئوباما بىلەن خۇجىنتاۋ بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭى، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەن.

رويترس ئاگېنتلىقى: ئىران مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋ تېبەت، تەيۋەن مەسىلىسىنى شەرت قىلدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندە، ئوباما ئىران مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، خۇ جىنتاۋ تېبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى شەرت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ب ب س: ئاقساراي، ئامېرىكا - خىتاي ھەمكارلىقىدا ئىراننىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم نۇقتا، دەپ كۆرسەتتى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما بىلەن خۇ جىنتاۋ تۈنۈگۈن كېچىدە ئىران مەسىلىسى بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق تەرەققى قالدۇرۇلۇشىنى تەڭشەش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدە سۆزلەشكەندە، خۇ جىنتاۋ ئوباماغا تەيۋەن ۋە تىبەت مەسىلىسى خىتاي مەنپەئەتىنىڭ يادروسى، دەپ تەكىتلىگەن.

ئاقساراي بۇ ۋەقە ھەققىدە ئىزاھات بەرگەندە، ئامېرىكا -خىتاي ھەمكارلىقىدا ئىراننىڭ خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم نۇقتا، دەپ كۆرسەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى: خۇ جىنتاۋ بىلەن ئوباما ئىككى دۆلەت بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى سۆزلەشتى

ئەمما بۈگۈن خىتاينىڭ خەلق گېزىتى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىنىڭ بايانى يۇقىرىقىلارغا تامامەن ئوخشىمايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئوباما بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئىككى دۆلەت بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە سۆزلەشكەن. خۇ جىنتاۋ ئوباماغا 'خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەت، خىتاي يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تارقىلىپ كەتمەسلىكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

خەلق گېزىتى: ئامېرىكا 'بىر خىتاي' سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش لازىملىقىنى ئېتىراپ قىلدى

خەلق گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بىلەن ئوباما تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندە، 21‏ - ئەسىردىكى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاكتىپ مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولغان. خۇ جىنتاۋ ئوباماغا، تەيۋەن ۋە تىبەتكە دائىر مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىدىكى يادرولۇق مەنپەئەتى، بۇنى ياخشى ھەل قىلغاندا، ئاندىن خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ساغلام تەرەققى قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

خۇ جىنتاۋ بىلەن ئوبامانىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئارقىلىق، ئامېرىكا 'بىر خىتاي' سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش لازىملىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

بۈگۈن خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خەلق گېزىتى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇشۇ خەۋەرلىرىلا كۆچۈرۈپ بېسىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.