خىتايدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، 1981-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارنى ئېنىقلاپ دۇنياغا ئېلان قىلىپ تۇرۇۋاتقان «بلۇمبېرگ» ئۇچۇر شىركىتى دۈشەنبە كۈنى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 70 نەپەر خەلق ۋەكىلى قانداق تېز بېيىپ، قانچىلىك مۈلۈككە ئىگە بولۇپ بولغانلىقى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.
«بلۇمبېرگ» ئۇچۇر شىركىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى 70 نەپەر خەلق ۋەكىلىنىڭ 2011-يىلىدىكى ئومۇمىي مۈلكى 89مىليارد 800 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى (يۇئەن ھېسابىدا 565 مىليارد 800 مىليون يۇئەن).
ئامېرىكىدىكى ئىككى پالاتانىڭ ئەزالىرى، چوڭ سوتچى، ھۆكۈمەتنىڭ پرېزىدېنت، مىنىستىرلىرىدىن ئىبارەت بىر-بىرىگە بېقىنمايدىغان ئۈچ چوڭ تارماقتىكى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلار جەمئىي 660 نەپەر. ئامېرىكىدىكى مۇشۇ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئومۇمى مۈلكى 7 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇمكى، خىتايدىكى 70 نەپەر خەلق ۋەكىلىنىڭ مۈلكىلا ئامېرىكىدىكى ھەممە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئومۇمى مۈلكىدىن كۆپ.
«بلۇمبېرگ» ئۇچۇر شىركىتىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا خەلق ۋەكىللىرىنىڭ تېز بېيىپ كېتىشى دېھقانلارنىڭ زېمىن ۋە باشقا بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى بۇنداق تەڭپۇڭسىزلىق -خىتايدا كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ، داۋالغۇش پەيدا قىلىۋاتقان ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي زىددىيەت. شۇنداقلا بۇ، يېقىندا ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالىدىغان كىشىلەر دۇچ كەلگەن چوڭ رىقابەت.
خىتايدا تېز بېيىغان چوڭ بايلارنىڭ ئەھۋالىنى 1999-يىلىدىن بۇيان ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان «خۇرۇن بايلىق تاختىسى» نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2011-يىلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بايلار قاتارىغا ئۆتكەن 70 نەپەر خەلق ۋەكىلىنىڭ ئومۇمى مۈلكى 2010-يىلىدىكىدىن 11 مىليارد 500 مىليون يۇئەن ئاشقان. بۇ شىركەت خىتايدا ھەر قېتىم بىر چوڭ باي مەيدانغا چىقسا، ئۇنىڭ كەينىدە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان يەنە بىر باي بارلىقىنى سەزگەن.
«بلۇمبېرگ» ئۇچۇر شىركىتىنىڭ قارىشىچە، 2010-يىلى خىتاينىڭ ئومۇم مەھسۇلات قىممىتى ئادەم بېشىغا 2 مىڭ 425 ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كەلگەن، ئامېرىكىدا بولسا ئادەم بېشىغا 37 مىڭ 527 ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كەلگەن، دېمەك ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 15 ھەسسە پەرق بار ئىدى. ئەمما خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەمەلدارلارغا توپلىنىپ قېلىشى خىتايدىكى بىر ئالاھىدىلىك، بۇ، «خىتايچە سوتسىيالىزم»، مانا بۇ، خىتايدا ئىجتىمائىي زىددىيەت كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ، چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلىۋاتقان تۈزۈم.
«ئامېرىكا ئاۋازى» بۈگۈن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلدى. سىياسىي كۆزەتكۈچى دەيچىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى ھاكىمىيەت شەكلى -ھوقۇق بىلەن كاپىتال بىرلەشتۈرۈلگەن، بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھوقۇقدارلارنىڭ قولىغا توپلىنىدىغان ھاكىمىيەت. ئامېرىكىدىكى جوھن خوپكىنس تەتقىقات ئورنىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لىكەيرۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئىقتىسادىي بايلىق ئۈستىدە بولۇۋاتقان ئادالەتسىزلىككە كۆز يۇمۇۋاتقان قانۇن سىستېمىسى، ھازىر پۈتۈن خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا.
«ئامېرىكا ئاۋازى» بۈگۈن «بلۇمبېرگ» ئۇچۇر شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان سەھىپىگە، ئوقۇرمەنلەر بىر مۇنچە ئوبزور ئەۋەتتى. ئۇنىڭ بىرىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: خىتايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى خەلق سايلاپ چىقمىغان، ئۇلارغا «ۋەكىل» لىكنى پارتىيە بەرگەن. ھازىرقى ئەمەلدارلارنىڭ قولىدىكى ھوقۇقنى ئۇلارغا خەلق بەرمىگەن، ئۇلارنىڭ دادىلىرى بەرگەن. شۇڭا ئۇلار خەلققە بىر ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ. بۇ، خىتايدىكى ھازىرقى قانۇنسىز سىستېما. ھازىر خىتايدا ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەر بولۇۋالغان نائىنساب لالمىلار بىرلىشىۋالدى. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.