ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لازلو تۆكېس، پارلامېنت ئەزالىرىدىن كرىستىنا ئوجۇلاند، ۋىتاۋتاس لاندسبېرگىس قاتارلىق كىشىلەر يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
مەزكۇر يىغىننى ياۋروپا پارلامېنتى خرىستىئان دېموكراتلار بىرلىكى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، د ئۇ ق ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر 1964-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە خىتاينىڭ لوپنۇردا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، مۇھىتقا ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئېلىپ كەلگەن زېيىنى ھەققىدە دوكلات بەردى.

يىغىندا مۇتەخەسسىسلەردىن باشقا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى مارىنو بۇستاچىن ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىنغا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.