خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاراللار تالاش - تارتىشىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار

خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى سېنكاكۇ قاتارلىق شەرقىي دېڭىزدىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى مەسىلىسى بويىچە داۋاملىشىۋاتقان تالاش - تارتىشلار ھازىر بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

ۋېن جياباۋ ب د ت يىغىنىدا نائوتو كان بىلەن كۆرۈشمەيدىكەن

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە، ب د ت يىغىنى جەريانىدا ياپونىيە باش مىنىستىرى نائوتو كان ۋە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە بىلەن خىتاي ئۆزىنىڭ باش مىنىستىرلىرى بۇ يىغىن جەريانىدا ئۆز - ئارا كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جىئو بايدىن: ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش - بولماسلىقىنى، خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش - بولماسلىقى بەلگىلەيدۇ

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جىئو بايدىن، ئامېرىكا - ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىدە " ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش - بولماسلىقىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدېشى بولغان ياپونىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش - بولماسلىقى بەلگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن ئۆزگە يول يوق"، دەپ جاكارلىدى.

ياپونىيە ئارال قوغدايدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە 13 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتتى

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان "تېلېگراف" گېزىتىنىڭ بۈگۈن توكيودىن بايان قىلىشىچە، ياپونىيە ھازىر ئارال قوغدايدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە يەنە 13 مىڭ ئەسكەر ئالدى. بۇ، ياپونىيىنىڭ 40 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەسكەر كۈچىنى 10% كۆپەيتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاراللار تىنچ ھەل قىلىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىلانىنى رەت قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكتە كېڭىشىپ، تىنچ ھەل قىلىش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىلان لايىھىسىنى رەت قىلدى. خىتاي بۈگۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ پىلانىنى "بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپىنى كەسكىنلەشتۈرۈدىغان پىلان" دەپ ئەيىبلىدى.

بۈگۈنكى مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇچۇرلار

بۈگۈن تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق ئارا سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە تور مۇنازىرىسى بولدى. بۇ مۇنازىرىدە، مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارغا ئاساسەن بايان قىلىنىشىچە، سېنكاكۇ ئاراللىرىنى ئامېرىكا ئۆزى ئىدارە قىلغان يىللاردا، جۇڭخۇا مىنگومۇ، كوممۇنىست جۇڭگومۇ ئاۋازىنى چىقارمىغان. ئەمما 1970‏ - يىلى بۇ ئاراللارنى ياپونىيە ئۆتكۈزۈۋالغاندا، كوممۇنىست جۇڭگو نارازىلىق بىلدۈرگەن.

گومىنداڭ بولسا بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئاراللارنى 'جۇڭخۇا مىنگونىڭ' دەپ قويغان. ھېچقانداق كېلىشىمدە ياكى باياناتتا 'تەيۋەننىڭ' دېگەن سۆز يوق. ئەمما كوممۇنىست خىتاي يەرلىك تەيۋەنلىكلەر بىلەن جۇڭخۇا مىنگونىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن، بۇ ئاراللارنى 'تەيۋەنگە تەۋە ' دەپ تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خوڭكوڭ بۇ ئاراللارنى پەقەت 'خىتايلارنىڭ' دېگەن مەنىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتىدۇ.

گومىنداڭ 18 - سېنتەبىر ۋەقەسىگە دۇچ كەلگەن ئىدى، كوممۇنىست خىتاي سېنكاكۇ ئارىلى ۋەقەسىگە دۇچ كەلدى

ئامېرىكىنىڭ شىمالى كارولىنا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى جۇ شۆيۇەننىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن 79 يىل بۇرۇن، گومىنداڭ 18‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. جاڭكەيشى 'تاشقى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئىچكى مەسىلىنى ھەل قىلىش' سىياسىتىنى قوللاندى. ئۆكتىچى ماۋزېدوڭ ياپونىيىدىن پايدىلىنىپ جاڭ كەيشىنى قوغلاپ چىقاردى ۋە كېيىن يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ ئامېرىكىنى شەرقىي دېڭىزدىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانىنى تۈزدى. ئەمما دېڭ شاۋپىڭ ياپونىيە بىلەن دوست بولۇش، ئىقتىسادنى ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلماي كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش سىياسىتىنى قوللاندى. كوممۇنىست خىتاي ھازىر ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سېنكاكۇ ئارىلى ۋەقەسىگە دۇچ كەلدى. بۇ مەسىلە خۇددى بۇنىڭدىن 79 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاش چوڭ مەسىلە.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ھازىرقى پىلانى ۋە مەقسىتى تېخىچە مۈجمەل. ھازىر خىتاي بىلەنلا ئەمەس، بەلكى رۇسىيە بىلەنمۇ، جەنۇبىي كورىيە بىلەنمۇ ئارال مەسىلىسى بار، ئەمما قۇدرەتلىك ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش ياپونىيىگە قانداق سىياسەت قوللانماقچى؟ دېڭ شاۋپىڭچە، يەنى مەسىلىنى ھەل قىلماي كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ قويۇپ، دېڭىزنى ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە ئېچىپ، ۋاقتىنچە ئۆزىنى ساقلاپ قالماقچىمۇ؟ ياكى ماۋزېدوڭچە، يەنى ئامېرىكىنى شەرقى دېڭىزدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن بومبا ياسىماقچىمۇ؟ ياكى ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويۇپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىماقچىمۇ؟ بۇ، پات ئارىدا ئاشكارا بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.