لېكىن قار لەيلىسى جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتى يەرلىك دائىرىلەرنى بىئارام قىلىپ، مەزكۇر جەمئىيەت 2006 - يىلى پىچەتلىنىدۇ. چاڭ كۈن پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىيالماي ئىچكىرىگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھازىر بېيجىڭدىكى "يىرېنپىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى" نىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇش ئىشلەۋاتقان چاڭ كۈن يېقىندا ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىپ، دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ ئەيدىز ئەھۋالى توغرىسىدا ئىسپات بەرگەن. بۇ مۇناسىۋەت ئۇ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز، قار لەيلىسى جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتى ۋە جىگەر ياللۇغى ۋەقەسىگە دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
" قار لەيلىسى ئەيدىز ياردەم جەمئىيىتى" 2003 - يىلى قۇرۇلغان
چاڭ كۈن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، 2003 - يىلى " قار لەيلىسى ئەيدىز جەمئىيىتى" نى قۇرغاندا ئۇ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتى. ئەنخۇيلىك بۇ ياش خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈرۈمچىدە " قار لەيلىسى ئەيدىز ياردەم جەمئىيىتى" قۇرۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا قارشى تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قارارىغا كېلىشىدە ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆرە بىر سەۋەبى بار ئىدى.
ئەينى چاغدا قار لەيلىسى جەمئىيىتى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەزا سانى ئاز دېگەندە 400 گە يېتىدىغان ئاكتىپ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. لېكىن قار لەيلىسى جەمئىيىتى ۋە چاڭ كۈننىڭ پائالىيىتى 2006 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 19 نەپەر ئوقۇغۇچىنى جىگەر ياللۇغى تۈپەيلى يۇرتىغا قايتۇرۇش ۋەقەسىدە تونۇلىدۇ. چاڭ كۈن ۋە قار لەيلىسى جەمئىيىتى بۇ ۋەقەگە ئارىلاشقان ھەم ئۈرۈمچى مائارىپ دائىرىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۈز قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇ ۋەقە ئەينى چاغدا خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا غۇل - غۇلا قوزغىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش قارارىدا چىڭ تۇرۇپلا قالماي، ۋەقەگە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئارىلاشقان. نەتىجىدە قار لەيلىسى جەمئىيىتى تاقىلىپلا قالماي، چاڭ كۈننىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىغا خاتىمە بېرىلگەن.
ئوقۇغۇچىلاردا ئەيدىزگە بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ئېغىر ئىدى
بۇ قېتىم چاڭ كۈن بېيجىڭدىكى "يىرېنپىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى"نىڭ تەتقىقاتچىسى سالاھىيىتى بىلەن ئامېرىكىغا ب د ت نىڭ ئەيدىز يىغىنىغا قاتناشقا ئىدى. ئۇ، 13 - ئىيۇن كۈنى رادىئومىز مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئەيدىزلەرگە ياردەم قىلىش ئويىغا كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردى. چاڭ كۈن، "مەن بۇ ئىشنى باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئەيدىز پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئويۇم يوق ئىدى. دەسلەپكى يىلى مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا "باۋ ۋېن گوڭيى مۇلازىمەت ئۇيۇشمىسى،" دېگەن بىر ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى قۇرغان ئىدىم. ئەينى چاغدا بىزنىڭ مەقسىتىمىز ناھايىتى ئاددىي ئىدى يەنى مۇھىتنى قوغداش، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش بولۇپ، بۇ ئەيدىز ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەپسۇسكى بۇ ئۇيۇشما ئاران 9 ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن تارقىتىۋېتىلدى. لېكىن بۇ بىزنىڭ جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش قىزغىنلىقىمىزغا تەسىر قىلالمىدى. ئارىمىزدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مۇھىت مەسىلىسىگە قىزىقاتتى، ئەيدىزگە بىر تەرەپلىمىلىك قارايتتى، ئۇلار بۇ مەسىلىگە تازا قىزىقمايتتى. مەن ئۇيۇشما مەسئۇلى بولغانلىقىم ئۈچۈن مەخسۇس ئەيدىز مەسىلىسىنى تۇتتۇم. بۇ جەرياندا مەن ئەيدىز خىزمىتىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. "باۋ ۋېن گوڭيى" تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن مەن يەنە بىر تەشكىلات قۇرۇشنى قارار قىلدىم. بۇ "شىنجاڭ قار لەيلىسى ئەيدىز كېسىلى تەلىم تەربىيە پروگراممىسى" دېگەن ئاممىۋى ئورگان ئىدى. پائالىيىتىمىز بۇ مۇنبەردە قانات يايدۇرۇلدى. ئەپسۇسكى بۇ ئورگان ئاران 19 ئاي پۇت تىرەپ تۇرالىدى،" دەپ كۆرسەتتى.
شىنجاڭ بۇنىڭغا ئۆزى ئامالىنى قىلىش كېرەك ئىدى
چاڭ كۈن، يەنە قار لەيلىسى ئەيدىز جەمئىيىتى يولۇققان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ، قار لەيلىسى ئۆز پائالىيىتىنى 2 خاتىرە دەپتەر، 2 جوزا ۋە بىر كومپيۇتېر بىلەن باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چاڭ كۈن مۇنداق دەيدۇ،" بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك مەسىلە بۇرۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىدا مەخسۇس ئەيدىز خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلار يوق ئىدى. لېكىن قار لەيلىسى جەمئىيىتى ۋە بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى، سانجى تىببىي ئىنىستىتۇتى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ئۇيۇشمىسى ۋە كىچىك گۇرۇپپىلار قۇرۇلدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىگە دىققەت قىلىدىغانلارنى كۆپەيتىش ئىدى. چۈنكى شىنجاڭدا ئەيدىز پەقەت چەتئەلنىڭ ياردىمىگىلا تايىنىپ قالسا بولمايتتى. شىنجاڭ بۇنىڭغا ئۆزى ئامالىنى قىلىش كېرەك ئىدى. شۇڭا بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، ئۇلارنى ئۆز سېپىمىزگە قېتىپ، سەپنى كېڭەيتىش بولدى. بۇ جەرياندا بەزى قىيىنچىلىقلار كۆرۈلدى. بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە كومپيۇتېر يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلىمىز يېتىشمەيتتى. خىزمىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى ئىنتېرنېت بىلەن بولاتتى. پائالىيىتىمىز ناھايىتى قىيىن شارائىتلاردا قانات يايدۇرۇلدى. ئەينى چاغدا مەن پائالىيەتنى ئۆز خىراجىتىمگە سېتىۋالغان 2 خاتىرە دەپتەر، 2 جوزا بىلەن باشلىغان. 2006 - يىلغا كەلگەندە ئۆز پۇلۇمغا بىر ئىشخانا كىرالاندى".
ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ئاجىز
چاڭ كۈن مۇخبىرىمىزنىڭ بەزى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا، دەپ ئاگاھلاندۇرىۋاتىدۇ، سىز ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىزنىڭ تېز يامراش ئەھۋالى ۋە ئەيدىزنىڭ يامرىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار توغرىسىدا نېمىلەرنى ئويلايسىز؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەردى. چاڭ كۈن، "مەن پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ئەيدىز كېسەللىكلەر پروفېسسورنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئاق تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۈزدە 30 % ئەتراپىدا، دېگىن يەكۈن 'گە نىسبەتەن قوشۇلىمەن. بۇ بىر قەدەر ئەمىلى ساننى ئىپادىلەيدۇ. شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلى مەسىلىسى خېلىلا ئېغىر. بۇنىڭ ئېغىر بولۇشىدا تۆۋەندىكى ئامىللارنىڭ رولى بار. شىنجاڭنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تەشۋىقات سالمىقى چوڭ ئەمەس. يەنە سەۋەبى، مېنىڭ تەجرىبىلىرىمگە ئاساسلانغاندا شىنجاڭدا سىياسەت ئېچىۋېتىلگەن ئەمەس. جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى چۈشەنچىسى يېتەرسىز. مەن بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارايمەن. بۇ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. مېنىڭ كەچۈرمىشىمنىڭ ئۆزى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى......ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن ساھەلەردە ئۇچۇر راۋان ئەمەس. ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ئاجىز..."
ئۇلار ئەمەلىيىتىدە بىزگە كۆرۈنگەنگە ئوخشاش ئاكتىپمىدۇ؟
چاڭ كۈن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش قاناللىرىنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى 2 قانالنىڭ رولى زور بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بىرى ئاق تاماكا چېكىش جەريانىدىكى توغرا بولمىغان قىلىقلار. مەسىلەن: ئىشپېرسنى تەڭ ئىشلىتىش، بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس يۇقتۇرۇشتۇر. يەنە بىرى، ناھايىتى ئازاپلىنارلىقتۇر يەنى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى، مەن شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللارغا ئۇلارنى ئەرلىرىنىڭ يۇقتۇرغانلىقىدۇر. بۇ ئەرلەرگە ۋىرۇس ئاق تاماكا چېكىش ياكى تالادىكىلەر بىلەن بىخەتەر بولمىغان جىنسىي ئالاقىلاردا بولۇش نەتىجىسىدە يۇققان. بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچ چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ"، دەيدۇ. چاڭ كۈن "بىزنىڭ نەزىرىمىزدە يەرلىك دائىرىلەر ئەيدىز مەسىلىسىدە ناھايىتى ئاكتىپ كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيىتىدە بىزگە كۆرۈنگەنگە ئوخشاش ئاكتىپمىدۇ؟ بۇ بىزگە مەلۇم ئەمەس،" دەپ تەكىتلەيدۇ. چاڭ كۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز مەسىلىسىدىكى دىققەتچانلىقىغا دائىر بىر سوئالىمىزغا ئۇيغۇرلارنى "پوزىتسىيىسى ناھايىتى پاسسىپ،" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇرلار ئەيدىز مەسىلىسىدە "ناھايىتى پاسسىپ"
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى" ناھايىتى پاسسىپ دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى مەن شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا بىزنىڭ پىدائىلىرىمىز ئىچىدە ئاز سانلىقلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىدى. قار لەيلىسى 2006 - يىلى 5 - ئايدا پىچەتلىنىشتىن بۇرۇن بىزنىڭ ئەزالىرىمىز 470 كە يەتكەن ئىدى. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئون نەچچە ئىدى. ئەزالارنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇلار بولسىمۇ، بىر قىسىم تۇڭگانلار ۋە قازاقلار بار. ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى بولسا تۇڭگان ۋە قازاقلارغا يەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى پائالىيەتلەردە ئاكتىپ دېگىلى بولمايتتى،" دەيدۇ. قار لەيلىسى ئەيدىز جەمئىيىتى 2006 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 19 نەپەر ئوقۇغۇچىنى جىگەر ياللۇغى تۈپەيلى جەنۇبتىكى يۇرت - ماكانلىرىغا قايتۇرۇۋېتىش ۋەقەسىدە مائارىپ دائىرىلىرىنى تەنقىدلىگەن، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور غۇلغۇلا ياراتقان ئىدى. چاڭ كۈن بۇ ۋەقە توغرىسىدا توختالدى.
بۇ جىگەر ياللۇغى مەسىلىسى ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقى
ئۇ مۇنداق دەيدۇ،" ئەسلى بىزنىڭ تەشكىلات ئەيدىز كېسىلى بىلەن ھەپىلىشەتتى. 2005 - يىلى 11 - ئايدا يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان بىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ ئىككى مەكتەپتىكى 156 نەپەر جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچى يۇرتىغا قايتۇرۇلماقچى بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بىزنىڭ قار لەيلىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئەينى چاغدا بىز ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە جىگەر ياللۇغى مەسىلىسىگە ئارىلاشقان. كېيىنكى يىلى بۇ ئوقۇغۇچى مەكتەپكە قايتتى. لېكىن قالغانلارنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس ئىدى. بۇ ۋەقە بىزنىڭ جىگەر ياللۇغى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىمىزغا سەۋەبچى بولدى. 2006 - يىلى 4 - ئايدا بىزنى بىر موڭغۇل بالىنىڭ ئانىسى بىلەن، 2 ئۇيغۇر بالىنىڭ ئانىسى بىزنى ئىزدەپ كېلىپ، ياردەم قىلىشىمىزنى ئۆتۈندى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پەرزەنتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىشنى تەلەپ قىپتۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا نومۇسسىزلارچە بىر پارچىدىن خەت تۇتقۇزۇپ، خەتكە ئۇلارنىڭ جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەنلىكىنى يېزىپ قويۇپتۇ. بۇ ئىشتا بىز 2 ئۆلچەمنى بېكىتىپ چىقىپتۇ. بىرىنچىدىن، مەسىلىگە ئىلمىي نۇقتىدىن قاراش، يەنى بۇ كېسەللىك باشقىلارنى يۇقۇملايدۇ، دېگەن مەسىلە، ئىككىنچىدىن قانۇننى تەكىتلەش. بىز جۇڭگو قانۇنلىرىغا ئاساسەن مۇمكىن بولسا ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغدىماقچى بولدۇق."
دائىرىلەر جىگەر ياللۇغىنى بۇرمىلىدى
چاڭ كۈن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە ئارىلىشىشى ج خ ئورگانلىرىنى بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن كېيىن قار لەيلىسى جەمئىيىتى شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىگە ئۇچراشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ ۋەقە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. جۇڭگودىكى نۇرغۇن گېزىتلەر بۇ ۋەقەنى ئارقا - ئارقىدىن خەۋەر قىلدى. ليۇ دېخۇئاغا ئوخشاش نۇرغۇن ئارتىست ۋە ناخشىچىلار ئوقۇغۇچىلارنى قوللىدى. نۇرغۇن كىشىلەر دائىرىلەرگە خەت يېزىپ، دائىرىلەرنى تەنقىد قىلدى....... بۇ يەردە ئىككى مەسىلە بار ئىدى. بۇنىڭ بىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم تەربىيە ئېلىش ھوقۇقى. يەنە بىرى بولسا ئىلمىي تونۇش مەسىلىسىدىكى خاتالىقلار ئىدى. شىنجاڭدىكى مائارىپ ئورگانى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرمەكچى بولدى. ئۇلار ناھايىتى كۈلكىلىك ئىش قىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇلار جىگەر ياللۇغىغا دائىر ئىلمىي يەكۈنلەرنى پۈتۈنلەي بۇرمىلىدى. شىنجاڭدىكى تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋەرسە تەسىرى بولمايدۇ، دېگەن پىكىرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىنى يوشۇردى،" دەپ كۆرسەتتى.
ساقچىلار قار لەيلىسى جەمئىيىتىنى مەجبۇرى تاقىغان
چاڭ كۈن يەنە مۇنداق دەيدۇ، " ئۇلارنىڭ بىزگە زەربە بېرىش، بىزنى بېسىشقا باشلىدى. ساقچىلار بىزنىڭ پىدائىلىرىمىز جۈملىدىن مېنى ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلدى. بىزنىڭ قانۇنسىز يىغىلىش ئېلىپ بارغانلىقىمىزنى. جەمئىيىتىمىزنى تارقىتىۋېتىشنى، ئەگەر تارقىتىۋېتىلمىسە، قولغا ئېلىنىدىغانلىقىمىزنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇلار 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاخىرى ھەرىكەتكە ئۆتتى. ساقچىلار شۇ كۈنى نۇرغۇن ئادەم بىلەن مېنى مەكتەپكە ئىزدەپ كەلدى. مەن ئۇلارنى بىزنىڭ ئىشخانىغا باشلاپ باردىم. ئۇلار مېنى بىر ھۆججەتكە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىدى. بۇ ھۆججەت قار لەيلىسى جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىش، ئىشخانىنىڭ كومپيۇتېر ۋە پۈتۈن ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلىش توغرىسىدا ئىدى. مەن ئەينى چاغدا شۇنچىلىك ئازاپلاندىم. مەن يىغلىدىم دېسەممۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ مېنىڭ غايەم ئىدى."