چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ خىتايدىكى ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى ھەققىدىكى قاراشلىرى

ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنىس، مىسىر، لىۋىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدە پارتلىغان دېموكراتىك ئىنقىلابلارنىڭ تەسىرىدە، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، خىتايدا «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» نامىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتى باشلاندى.

0:00 / 0:00

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردىن سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى ھەم ئېلشات ئەپەندىلەر مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا باشلانغان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدا «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» نارازىلىق ھەرىكىتى كېڭەيمەكتە

خىتايدا ئۆتكەن يەكشەنبە باشلانغان «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» نامىدىكى خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى بۇ ھەپتىمۇ داۋاملاشتى. خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەپتە خىتاي تور ئابونتلىرى قوزغىغان «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» نامىدىكى بۇ خىل تىنچ ھالدا نارازىلىق ئىپادىلەش ھەرىكىتى دەسلەپكى 13 شەھەردىن 27 شەھەرگە كېڭەيگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان بوشۈن تور بېتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەرىكەتنى تەشكىللىگۈچىلەر بۈگۈن چەتئەللەردىكى كۈندىلىك ئالاقە تور بەتلىرىدىن Facebook ھەم Twitter دا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كېلەر يەكشەنبە كۈنى يەنى 6-مارت كۈنى بۇ خىل تىنچ يوسۇندىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ خىتايدىكى 100 نەچچە شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ: «ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى خىتاي پۇقرالىرىغا خاس نارازىلىق ئىپادىلەش ھەرىكىتى»

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى سىياسىي ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى خىتايدا باشلانغان «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» نامىدىكى ھەرىكەت ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا تور ئابونتلىرى تەرىپىدىن تەشكىللىگەن «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» نامىدىكى بۇ ھەرىكەت تۇنىس، مىسىر، يەمەن، لىۋىيىلەردىكىدەك شىددەتلىك ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە ھەم ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ تىنچ يوسۇندا ئېھتىياتچان ھالەتتە ئىپادىلىنىشى ئىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي پۇقرالىرىدىكى بۇ خىل ئېھتىياتچانلىقنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى.
«شۇنداق 1989-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى،2008، 2009-يىللىرى تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئېلىدە قوزغالغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى. بۇ خىل قانلىق باستۇرۇش خىتاي پۇقرالىرىدا ھۆكۈمەتتىن ئېھتىيات قىلىش، ئۆز نارازىلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىيەلمەسلىك پسىخىكىسىنى تەبىئىي ھالدىلا شەكىللەندۈردى. شۇڭا خەلق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مانا مۇشۇ خىل تىنچلىق شەكلىدىكى يوشۇرۇن ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشمەكتە.»

«خەلقنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى يوشۇرۇش ئىپادىلەش ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ساراسىمىگە سالدى»

چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرىكەتنى باستۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئالغان. تور ئابونتلىرى يىغىلىشنى بېكىتكەن جايلاردا ساقچىلار ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن. نۆۋەتتە خىتايدا ياسىمەن گۈلى ھەم ياسىمەن گۈلى ھەققىدىكى ھەرقانداق سۆز ئىبارىلەر سەزگۈر سۆزلەر دەپ قارىلىپ، بۇ سۆزلەرنى تىلغا ئالغان ھەرقانداق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە 27-فېۋرال كۈنى خىتاي ساقچىلىرى ھەتتا يىغىلىش بەلگىلەنگەن رايونغا بارغان چەتئەل مۇخبىرلىرىنىمۇ تۇتقۇن قىلغان.

خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق تەرىپىدىن قوزغالغان بۇ خىل تىنچلىق ھەرىكىتىگە بۇنداق سەزگۈر مۇئامىلە قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى، «پۇقرالارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەڭ ئېھتىياتچان ئۇسۇلدا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ھەرىكىتىمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتكەندەك قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار ھازىر پۇقرالارنىڭ ھەرىكىتى باشلانماي تۇرۇپلا، كەڭ كۆلەمدە ئادەم تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتتى. بوشۈن قاتارلىق تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ھەتتا گۈل بازارلىرىنىمۇ تاقاپ، ياسىمەن گۈلى سېتىشنى ھەم ياسىمەن گۈلى نامىنى تىلغا ئېلىشنى چەكلىدى. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك باستۇرۇشى سەۋەبلىك گەرچە بۇ ھەرىكەت مىسىر ھەم لىۋىيىلەردىكىدەك زور كۆلەملىك ھەرىكەتكە ئايلىنالمىسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت مۇشۇ يوسۇندا ئۈزۈلمەي بىر مەزگىل داۋاملاشسا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇندىن كېيىن زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قوزغىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.»

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ بىرى. ئېلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكىتى ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملاشسا، بۇ ھەرىكەتنىڭ مەلۇم نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئېلشات ھەسەن: «خىتايدىكى ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي داۋاسىغا پايدىلىق»

نۆۋەتتە تور بەتلىرىدە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي داۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى ھەققىدە مۇنازىرىلەر كۆپەيمەكتە.

ئېلشات ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن قوزغالغان ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ بىر پارتىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتايغا دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىش بولغىنى ئۈچۈن، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي داۋاسىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەلقئارا ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ھەم شىمالىي ئافرىقا ئەللىرىدە قوزغالغان دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەگەر خىتايدا «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» نامىدىكى بۇ ھەرىكەت پۈتكۈل خىتايغا كېڭىيەلىسە، بۇنى خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىدىكى بىر سىگنال دېيىشكە بولىدىكەن.