«خىتاي پۇقرالىرى ياۋروپادا ساياھەتتە»
2011.04.15
بۇلاردىن بىرى يېقىندا ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان نېۋ يوركېر گېزىتىدە بېسىلغان «خىتاي پۇقرالىرى ياۋروپادا ساياھەتتە» تېمىلىق ماقالە بولۇپ، ماقالىنى خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ساياھىتىگە قاتناشقان بىر ئامېرىكىلىق مۇخبىر يازغان. ئۇ بۇ ساياھەت خاتىرىسى ئارقىلىق خىتايدىكى ۋەزىيەت ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.
«خىتاي پۇقرالىرى ياۋروپادا ساياھەتتە» ناملىق ماقالىنى ئامېرىكىلىق مۇخبىر ئىۋان ئوسنوس يازغان. 15 بەتلىك بۇ ماقالە مۇنداق دەپ باشلىنىدۇ:
خىتاي پۇقرالىرى نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ سىرتىغا چىقىشتىن چەكلىنىپ كەلگەن. ئەمما توشقان يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن خىتايدىكى گېزىتلەر ياۋروپا ساياھەتلىرىنىڭ ئېلانلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى. بۇ خۇددى كىشىگە ھەممىلا ئادەم سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى. مەن ئاخىرى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ساياھەتكە چىقىشنى قارار قىلىپ، ئون كۈندە 5 ياۋروپا دۆلىتىنى ساياھەت قىلىدىغان بىر ساياھەت ئۆمىكىگە تىزىملاتتىم. ئەتىسى كۈنى بىز ئۆمەكتىكى 38 كىشى شاڭخەيدىكى پۇدۇڭ ئايرودرومىدىن فرانكفورتقا قاراپ يولغا چىقتۇق. ئايروپىلانغا چىققاندا بىزگە ساياھەت جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار يېزىلغان بىر كىتابچە تارقىتىلدى. ئۇنىڭدا، ياۋروپادىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە، ساياھەت جەريانىدا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان سىگانلارنى كۆرگەندە ئۇلارغا ھەرگىز پۇل بەرمەسلىك، ئەگەر ئۇلار ئەتراپىغا ئولىشىۋالسا دەرھال يېتەكچىنى چاقىرىش. ئەگەر بىرەسى رەسىم تارتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ھەرگىز ماقۇل دېمەسلىك، چۈنكى بۇنىڭ ئوغرىلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكى... دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان ئىدى. بۇ ماڭا بەكلا غەلىتە بىلىندى. چۈنكى مەن نۇرغۇن قېتىم ياۋروپاغا ساياھەتكە بارغان بولساممۇ، بۇنداق بىر ئەھۋال بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئىدىم. بۇ كىتابچە خۇددى بىز كىشىلىك خاراكتېر ئىمتىھانىغا قاتناشقىلى ماڭغاندەك، كۇڭزىنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان بىرمۇنچە ماددىلار بىلەن تولغان ئىدى.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ گېرمانىيىنىڭ تېرىيېر شەھىرىدىكى ساياھىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
بىز ئادەتتە ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغان تېرىيېر شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. ئەمما بۇ خىتاي ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر جاي ئىكەن. كېيىن مەن قولۇمدىكى خىتايچە ساياھەت كۆرسەتكۈچىدە بۇ يەرنىڭ كارل ماركسنىڭ تۇغۇلغان جايى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. كىتابتا بۇ يەر «خىتاي خەلقىنىڭ مەككىسى» دەپ تەسۋىرلەنگەن ئىدى. ئۇ يەردە مەن بىلەن بىللە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەردىن بىرى «ئامېرىكىلىقلار كارل ماركىسىنى ئانچە بىلمەيدىغۇ دەيمەن» دەپ سورىدى. مەن «پەقەتلا بىلمەيدۇ» دېدىم ۋە بۇ يەردە خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئىنتايىن جىقمىكىن دەپ ئويلىغانتىم دېدىم. ئۇ ماڭا كۈلۈپ كېتىپ: «خىتايدىكى ياشلارمۇ ھازىر ئۇلار ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدۇ». دېدى.
ئۇ ماقالىسىدە خىتاي خەلقىنىڭ تارىختىن بېرى ئۆز ئىچىدە قامىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى مۇنداق بايان قىلغان :
خىتاي خەلقى نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ساياھەت قىلىشتىن چەكلىنىپ كەلگەن. قەدىم دەۋرلەردە ساياھەت قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى. بۇ ھەقتە خىتايلارنىڭ «ئۆز ئۆيۈڭدە مىڭلارچە كۈن خاتىرجەم ياشايسەن، ئەمما تالاغا چىقتىڭمۇ ئاۋارىچىلىككە يولۇقىسەن» دېگەن ماقال -تەمسىلى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۇڭزىنىڭ «ئاتا-ئاناڭ ھايات ۋاقتىدا سەن ئۇلاردىن بەك ئۇزاقلاپ كەتمە» دېگەن نەسىھىتى بار. گەرچە خىتاي كۆچمەنلەر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە يېيىلغان بولسىمۇ، ئەمما ماۋ زىدۇڭ ساياھەت قىلىشنى سوتسىيالىزمغا قارشى، دەپ تەرىپلىگەن. شۇڭا ماۋ زىدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن يەنى 1978-يىللاردىن كېيىنلا خىتايلار چەتئەلگە ئوقۇش ۋە ئىشلەشكە چىقىشقا باشلىدى. ئۇلار ئالدى بىلەن خوڭكوڭدىكى تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلالايدىغان بولدى، كېيىن ئاستا -ئاستا سىنگاپور، تايلاند ۋە مالايشىيالارغا ساياھەتكە چىقالايدىغان بولدى. ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى جەمئىي 57 مىليون خىتاي چەتئەلگە ساياھەتكە چىققان. دۇنيا بۇ سان كېلەركى ئون يىل ئىچىدە ئىككى قاتلىنىدۇ، دەپ قارىماقتا.
ئاپتور ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
ئۇ ياۋروپانىڭ يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن سۆز ئاچسا، بىزگە توختىماي ئۈزۈم ھارىقىنىڭ باھاسى ۋە گوللاندىيىلىك بىر ئەر كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە بويى توغرىسىدا گەپ قىلىدۇ. يولدا كېتىۋاتقاندا ساياھەتچىلەر ئۇنىڭدىن ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى نېمىشقا بۇنداق يۇقىرى، دەپ سورىدى. ئۇ دەرھال ئارتىسلىق قىلىپ ياۋروپالىقلارنى دورىغاچ «ياۋروپالىقلار ئەتىگەندە ۋاقچى قوپۇپ، چىشىنى چوتكىلاپ، ئاندىن ئۆزىگە بىر قەھۋە دەملەپ، ئۇنى پۇراپ ئولتۇرىدۇ» دېدى. يېتەكچى سۆزىنى داۋام قىلىپ، «مۇشۇنداق ئاستا ھەرىكەت قىلسا ئىقتىساد قانداق راۋاجلىنىدۇ، مۇمكىن ئەمەس. بۇ دۇنيادا قاتتىق ئىشلەيدىغان ئادەم بولغاندىلا ئاندىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ» دېدى. ساياھەتچىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە كۈلۈپ كېتىشتى.
جۇ فامىلىلىك خىتاي ساياھەتچى ماڭا: «ياۋروپا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندا، خىتايمۇ ئوخشاش كۈچلۈك ئىدى. ئۇنداقتا نېمىشقا بىز كەينىدە قالدۇق؟ چۈنكى بىز غەرب ئارمىيىسى بىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، ئۇلارغا دەرھال قايتۇرما زەربە بېرەلمىدۇق» دېدى. ئادەتتە خىتاي تارىخچىلارغا ئىستىبدات ھاكىمىيەتنى، چىرىكلىكنى ئەيىبلەش ئادەت بوپقالغان. ئەمما جۇ بۇ ھەقتە مۇنداق ئويلايدىكەن:
بىز بۇددىزم، تەرىقەتچىلىك ۋە كۇڭزىچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىزمنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە 49-يىللاردىن 78-يىللارغىچە بىزگە ماركىس ئىنقىلابى دەرس قىلىپ ئۆتۈلدى. بىز 30 يىلىمىزنى مۇشۇنداق نەرسىلەر بىلەن زايە قىلىۋەتتۇق"
ئاپتوبۇستا ساياھەت قىلىپ كېتىۋاتقاندا، مەن يېنىمدا ئولتۇرغان خىتاي ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسىغا «سەن فېيسبۇك ئىشلىتەمسەن» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا «ياق ئۇنىڭغا كىرىش بەك ئاۋارىچىلىك. مەن ئىشلەتمەيمەن» دېدى. مەن ئۇنىڭدىن:«نېمىشقا فېيىسبۇكنىڭ خىتايدا چەكلەنگەنلىكىنى بىلەمسەن»، دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا «بىلىشىمچە، ئۇنىڭدا سىياسىي مەزمۇنلار كۆپقۇ دەيمەن، ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن» دېدى. گەرچە ئۇ داڭلىق رېژىسسورلارنىڭ ئەڭ يېڭى كىنولىرى ۋە داڭلىق يېڭى ئاپتوموبىللار ھەققىدە نۇرغۇن نەرسە بىلسىمۇ، ئەمما خۇددى نۇرغۇن باشقا خىتاي ياشلىرىدەك ئۇنىڭ فېيىسبۇكنىڭ مىسىردىكى ئىنقىلابتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىدىن قىلىچىلىكمۇ خەۋىرى يوق ئىدى.
ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ياۋروپا ھەققىدە ساياھەتچىلەرگە داۋاملىق ئانچە ئىجابىي بولمىغان مەلۇماتلارنى بېرىدىغانلىقىدەك مەسىلىگە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ داۋاملىق خىتاي ئاشخانىلىرىدا غىزالىنىدىغانلىقىدەك بىر ئەھۋالنى سۈرەتلەپ مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
بىز ئاپتوبۇستا كېتىۋاتقاندا ھەممىزنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتتى. ئاخىرى خىتاي ساياھەتچىلەر ھەممىسى ساياھەتچى يېتەكچىسىگە:«ئاپتوبۇسنى توختات، مەيلى خىتاي ئاشخانىسى بولمىسىمۇ، قانداقلا رېستوران بولسا يەۋېرىمىز»، دېدى. لېكىن ئۇ «غەربلىكلەرنىڭ تامىقى بەك ئاستا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تاماقنى يېسەڭلار قوسىقىڭلارنى كۆپۈرۈپ، سىلەرنى بىئارام قىلىدۇ، كېيىنكى ياۋروپا سەپىرىڭلاردا يەۋالارسىلەر» دەپ ئاپتوبۇسنى توختىتىشقا ئۇنىمىدى. گەرچە بىز ياۋروپادا ساياھەت قىلىۋاتقىنىمىزغا بىر ھەپتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساياھەتچىلەر بېرە قېتىممۇ ياۋرۇپاچە تاماق يېمىگەن ئىدى.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا يۇقىرىدىكى بۇ ئەھۋالنى خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ماقالىسىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇرىدۇ:
ساياھەتچىلەرنىڭ ئىچىدىكى جۇ ئىسىملىك بىرى ماڭا:
«سىلەر ئامېرىكىلىقلار بىرىنچى بولۇشقا بەك كۆنۈپ قاپسىلەر. ئەمما سىلەر يېقىن كەلگۈسىدە بولمىسىمۇ، يەنە 20-30-يىلدىن كېيىن ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىلەر. بىزنىڭ كىشى بېشىغا چۈشىدىغان مىللىي دارامىتىمىز ئاخىرى بېرىپ سىلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىز ياۋروپانىڭ مېتودىنى ئۆگىنىمىز، ئەمما بىز ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىۋېرىمىز» دېدى. مەن ئۇنىڭ سۆزىگە ھەيران قالدىم. ئۇ خىتاينىڭ كېلەچەكتە غەربكە يېقىنلىشىدىغانلىقىغا ئانچە ئىشەنچ بىلەن قارىمايتتى. ھازىر خىتاي باي بولسا غەربكە يېقىنلىشىپ، ھازىرقىدىن كۆپ ئەركىنلىشىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراش بار.
ئەگەر خىتاي تەرەققىي قىلسا غەربكە يېقىنلىشىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراش ئەخمىقانىلىك بولسا، يوشۇرۇن ئۆزگەرتىشنىڭ كۈچىگە سەل قاراشمۇ بىر ئەخمىقانىلىك. خىتاينىڭ تەرەققىياتى خۇددى ساياھەتچىلەرنى ياۋروپالىق ئوغرىلاردىن ۋە ياۋروپا تاماقلىرىدىن قورقۇتۇپ، ئۇلارنى غەرب دۇنياسىدىن ئۇزاق تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلىكىگە ئوخشايدۇ. ئەمما خىتاي خەلقى خۇددى بۇ ساياھەتچىلەرگە ئوخشاش ساياھىتىدە دەسلەپتە غەربتىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى، خەلق تۇرمۇشىنى، خەلقنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسىنى كۆرىدۇ. ئاندىن ئۇلار قانچە كۆپ ماڭغانسېرى بۇلارنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. خۇددى بىر خىتاي ساياھەتچىنىڭ قولىدا مېھمانخانىدىن ئېلىۋالغان ۋال ستىرېت ژۇرنىلىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ماڭا «چەتئەلنىڭ گېزىتلىرىنى ئوقۇغىنىمدا مەن بۇرۇن بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشىنىپ يېتىمەن» دېگىنىگە ئوخشاش. بىز ئاخىرقى بېكىتىمىز پىساغا يېتىپ كەلگەندە غىزالىنىش ئۈچۈن ئاپتوبۇستىن چۈشتۇق. ساياھەتچىلەر ئارىسىدىكى مېيىپ ھارۋىسىدا ئولتۇرغان ياشانغان ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ بەدىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ساپ ھاۋادىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. ئاندىن مەن ئۇلارغا قاراپ ئازراق نېرىدا تۇرغان خىتاي ئاشخانىسىنى كۆرسەتتىم. ئەمما ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىچە پىكرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېك دونالد تېز تاماقخانىسىغا كىرىپ كېتىشتى.