كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھۆكۈملىرىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار دەپ قارالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ھەر خىل دەرىجىدە جازا ئېلان قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
25
13 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، بارلارنىڭ ئىچىدىكى 4 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى، يەنە بىر نەپىرىگە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى، قالغان 8 نەپىرىگە مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بەردى.
بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دېلولار ئۈستىدىن ئاچقان ئەڭ يېڭى سوتتۇر. شىنخۇئا ئاخباراتىدا سوت ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان 13 جاۋابكارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر.
بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاقىدار جاۋابكارلارنى سوتلاش جەريانىنىڭ يەنىلا بىر سوئال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رىچاردسون مۇنداق دېدى: "كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھۆكۈملەرنى بىر قانچە جەھەتلەردىن ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ دەپ تونۇيمىز. ئالدى بىلەن بىز ئۆلۈم جازاسىغا قارىشى. بۇ بەك ۋەھشىيلىك. بىز خىتايدىكى سوتنىڭ قانۇنىي تەرتىپىدىن ئەزەلدىن ئەندىشىلىنىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ ئادەتتىكى سوتلاردىمۇ شۇنداق. ئەمما بۇ بەك سەزگۈر دېلولار ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يەردە، بۇ جاۋابكار ئۆزلىرىگە ئارتىلغان جىنايەت ئىسپاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە رۇخسەت قىلىندىمۇ، ئۇلارغا ئۆز ئالدىغان ۋاكالەتچى تۇتۇش پۇرسىتى بېرىلدىمۇ، ئۇلار خىتاي قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن قىلىندىمۇ قاتارلىق سوئاللار جاۋابسىز قالدى."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە ئاچقان سوتلىرى قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.
دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇنىي ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى قىلغان.
سوفىي رىچاردسون خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھەممە سوتلار بولۇپمۇ، بۇ خىلدىكى سوتلار ئاساسەن سىياسىيلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سوتلار تېخىمۇ كەسكىن سىياسىيلاشتۇرۇلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: "مەنچە، نۆۋەتتە بۇ خىل سىياسىيلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى مەنپەئەتى، مۇقىمسىزلىق سەۋەبلىرى ۋە باشقىلارنى ھۆكۈمەتنى يەنە تەنقىد قىلىش نىيىتىدىن ياندۇرۇش مەقسىتىدە شىنجاڭدا ئالاھىدە كەسكىنلەشتى."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن يىڭنە سانجىش ۋەقەسى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار جەمئىي 9 قېتىم سوت ئاچقان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ جەرياندا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 26 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرنى مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان.
خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەن قولغا ئېلىنغان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. دىلشات رىشتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلەتمىسە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەن قولغا ئېلىنغان خىتاي تۈرمىلىرىدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايلا قالماي، خىتاينىڭ سوتنى قالقان قىلغان ئاساستا، جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇش قىلمىشلىرى يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
سوفىي رىچاردسون خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ھۆكۈم قىلىش خاھىشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوز قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ھەمدە بۇ خىلدىكى ئۆلۈم جازالارنى ئىجرا قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىشتا دۆلەت دەرىجىلىك ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا چاقىرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە خىتاينى بۇ خىلىدىكى جازالارنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "نۆۋەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا خەلقئارا جەمئىيەت يەنە، دوكلاتلىرىمىزدا خاتىرىلەنگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ياش يىگىتلىرىنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرى دائىم ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قەيەردە، قانداق تۇرۇۋاتقانلىقىنى سورىشى ھەمدە بۇنىڭغا قوشۇپ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سۈرۈشتە قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. مەنچە نۆۋەتتىكى ئەھۋال شۇنداق شەكىلدىكى ئەيىبلەشلەر ۋە جامائەت پىكرىنى شەرت قىلىنىدۇ."
دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە رويتېرس ۋە ب ب س قاتارلىق ئاخبارات ئاگېنتلىقىرىغىمۇ بايانات بېرىپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دىلشات رىشتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشى ۋاسىتىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىپ مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.