بۇ مۇناسىۋەت بىلىەن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئالدىنقى كۈنلىرى ماقالىلار ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن رابىيە خانىمنىڭ بۇ يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ۋە ئەكسىچە بولغاندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، گېرمانىيە تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە خىتاي تەرەپ شەرەپ مېھمىنى سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى بىرلا دۆلەتكە بېرىلىدىغان بۇ ئىمتىيازغا ئېرىشكەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغانلىكى ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان.
ئەسقەرجان ئەپەندى، خىتاي تەرەپنىڭ رابىيە خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتنىشىشىنى چەكلىيەلمەيدىغانلىقىنى، رابىيە خانىمنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرىنىڭ يالغۇز يەرمەنكىگە قاتنىشىش بىلەنلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى ۋە بەزى مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەسقەرجان ئەپەندى يەنە، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن رابىيە خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا پ مەغلۇپ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئاخىرقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە، خەلقئارالىق بىر مەسىلە ھالىغا كېلىپ بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چەكلەشكە ئەمدى خىتاينىڭ قۇربىتى يەتمەيدىغانلىقىنى، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنى قوللاۋاتقانلىقى ۋە قوغداۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.