«خىتايغا نەزەر تور گېزىتى» دە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئاسىيادا يېتىم قالدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: يېقىندا ئېچىلغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى يىغىنىدا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە، سىنگاپور، مالايشىيا، ۋېتنام، برۇنېي، ئامېرىكا، چىلى، پېرودىن ئىبارەت 9 دۆلەت تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى (TPP) كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ كونكرېت رەسمىيەتلىرى كېلەر يىلى 7-ئايغىچە تاماملىنىپ بولىدۇ. ھازىر ياپونىيە، كانادا ۋە مېكسىكا بۇ كېلىشىمگە قاتنىشىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا كېلىشىمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى 800 مىليون، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 40% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا چەمبىرىكىنىڭ كۆلىمى 27 ئەزاسى ياۋروپا بىرلىكدىن چوڭ. بۇ ئەركىن سودا چەمبىرىكى ھازىر بۇ رايوندا بۇرۇن قۇرۇلغان ھەرخىل ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ بولدى. ئەمما ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت، ئۆزىنى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ ئاتايدىغان خىتاي ھازىر، بۇ تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ سىرتىدا قالدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى خىتاينى بۇ ئەركىن سودا چەمبىرىكىگە كىرگۈزمىدى. نېمە ئۈچۈن؟
ئاپتورنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، گەرچە خۇ جىنتاۋ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى يىغىنىدا، ھەرخىل شەكىل بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خۇددى ئوباما ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگەندەك، خىتاي بازارنى كەڭ ئېچىۋېتىش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل رىقابەت، ئەمگەكچى ھوقۇقىنى قوغداش، مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيانىڭ ئەركىن سودا ئۆلچىمىگە توشمايدىغان دۆلەت. بەلكى ھازىر دۇنيانىڭ قائىدە-ئۆلچەملىرىگە چوقۇم رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان، ئەمدى ئىشنى خۇددى چوڭ بولغان ئادەمدەك قىلىشى لازىم بولغان، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ سەۋرى-تاقىتى قالمىغان بىر دۆلەت.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا پەيدا بولغان قىزىل رەقەمنىڭ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغان، ھازىرقى بۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا چەمبىرىكى ئالدىدا ئۆزىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىر ئۈنۈمسىز گەۋدىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاللىقاچان سەزگەن، خىتايدىكى تۈزۈم ۋە سىياسەت خاتالىقلار تۈپەيلىدىن ھازىر سىياسىي زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، جەمئىيەتتە چۈشكۈنلۈك ئەۋج ئېلىپ، كوممۇنىست پارتىيە سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك گۇمرانلىققا يۈزلەنگەنلىكىنى ئاللىقاچان ھېس قىلغان خۇ جىنتاۋ، ئۇ راست گەپ قىلىشقا ئادەتلەنمىگەن، نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان، ھازىر بولسا مەككار باي قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقى ئۈچۈن، يىغىندا يەنە مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ، خىتاي پۇلنىڭ ئوبروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسىنى ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس، دەپ ئۆكتەملىك قىلدى. خىتاينىڭ ياللانما ئەدىپلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، بۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىش سۇيىقەستى دەپ بىلجىرلاشقا باشلىدى.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاسىيادا ھازىرقىدەك يېتىم قېلىشىنى، قوشنا دۆلەتلەر يىرگىنىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشىنى، جوڭنەنخەينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش سىياسىتى پەيدا قىلغان، خۇ جىنتاۋنىڭ يىللاردىن بۇيان تىبەتلەرنى، ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئۇلارغا ئوخشاش دىنىي ئېتىقادىنى ساقلايدىغان، مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان مىللەتلەرنى رەھىمسىز باستۇرۇشتىن تېخىچە قول ئۈزمەيۋاتقان ئەشەددى خىتاي مىللەتچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان.