' خىتاي يېتىشتۈرگەن ئاتالمىش مىللىي كادىرلار ئۇيغۇرلارغىمۇ، ئاپتونومىيىگىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ '

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ سانى رايوندىكى كادىرلارنىڭ 51.25% ئىنى ئىگىلىدى" دېگەنگە ئوخشاش ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەشۋىقاتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەم زىيالىيلىرىدا قارشى ئىنكاسلارنى مەيدانغا كەلتۈردى.

بۇ ھەپتىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تور بەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، نۆۋەتتە بولسا مىللىي كادىرلارنىڭ نىسبىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلارنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغانلىقى تەشۋىقاتىنى تارقىتىپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان نۇر بەكرى دەپ مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى دەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتى نۆۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەم زىيالىيلىرى ئارىسىدا زور قارشى ئىنكاسلارنى مەيدانغا كەلتۈردى.

سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىلىرىدىن دىلشات رىشىت ئەپەندى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونومىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق تەشۋىقاتىنى ئىنكار قىلغاندىن سىرت "خىتاي ئاتالمىش ئاپتونومىيە بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئالدىدى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق ‏ - ھوقۇقلىرى، ئىنسان ھەقلىرى، دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىپ كەلمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن خىتاي يەنە، بۇ ئاپتونومىيىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىپ داۋاملىق تۈردە دۇنيانىڭ كۆزىنى ئالدىماقچى " دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

بۈگۈن بۇ ھەقتە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىمۇ رادىئومىزدا ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كانادادا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن يازغۇچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقاتى، تېخى يېقىندىلا ۋاشىنگىتوندا يېپىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن" دېگەن كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىم بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىللىي ياكى ئۇيغۇر كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل كادىر قىلىپ تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈشىنىڭ مەقسىتى باشقا دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدا سىلەر خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشى ھەم بۇنى ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلاپ تەشۋىق قىلىشىغا قارىتا چەتئەللەردىكى بىر قىسم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەم زىيالىيلىرىنىڭ قارشى ۋە ئىنكاسلىرى بىلەن تونۇشتۇڭلار.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.