خىتاي 'يېڭى يېزا ئىسلاھات پىلانى' بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەرلىرىدىن ئايرىماقچىمۇ؟

بۇندىن ئوتتۇز يىل ئىلگىرى خىتاي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى يېزىلاردىن باشلىغان ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسىمۇ يەنىلا يېزا بولماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.01.02
dixan-awazi-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﮕﻪ ﺑﺎﺝ ﯞﻩ ﺳﯧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان " يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى" دا يېزىلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش " نىڭ ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2008 - يىلى 8 ‏ - دېكابىر " شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزا ئىسلاھات پىلانى " نى ئېلان قىلىپ، دېھقانلارنى ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىپ، يەرلەرنى ئۆتۈنۈش، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كەسىپلەرگە رىغبەتلەندۈرۈش تەكىتلەندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر يېزىلىرىدا دېھقانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان يەر ئىسلاھاتى پىلانى ۋە باشقا سىياسەتلىرى،سوتسىيالىستىك يېزا قۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن تېرىلغۇ يەرلەرنى كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى باشقۇرۇشتىن تەدرىجى شەخسى ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشتەك غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىمۇ پات يېقىندا ئومۇملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر ياش دېھقاننىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان يۇرت ‏ - يۇرتلاردا، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى شەخسىيلەرگە مۇددەتلىك ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقىدەك گەپ ‏ - سۆزلەر تارالغان.

يەرنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرەلمەسلىك، تۈرلۈك يەرلىك باج ‏ - سېلىقلار تۈپەيلى بىر يىل ئىشلىگەن يەردىن ھاردۇقى چىققۇدەك كىرىم قىلالماسلىق ھەتتا، قەرزگە بوغۇلۇشتەك مەسىلىلەر، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلالماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەر.

شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرىنى شەخسى ھۆددىگەرلىككە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتقانلىقى، دېھقانلارنى يېرىدىن ئايرىيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ رادىئومىزغا قىلغان ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى، پۈتمەس ‏ - تۈگىمەس باج سېلىق ئاۋارىچىلىقلىرى دېھقانلارنى يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى دېھقانلار ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.