خىتاينىڭ يېزا ئىسلاھاتى كوممۇنىستلارنىڭ مەنپەئەتىنى دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كرىزىستىن ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ

'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏ - نۆۋەتلىك 3 ‏ - ئومۇميىغىنى بۈگۈن بېيجىڭدا باشلاندى. يىغىندا مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ 'يېزا ئىسلاھاتى ۋە يېزىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا دائىر چوڭ مەسىلىلەر ھەققىدىكى قارارى' مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان خىتايدا يەر مەسىلىسى، مۇھىت مەسىلىسى ۋە قانۇندىكى ئادالەتسىزلىك سەۋەبىدىن دېھقانلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۆزلۈكسىز پارتلاۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سۆز قىلىپ 'يېزىلاردىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇقىم قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش'نى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا يەنە دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئالغان يەرلەرنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش' توغرىسىدا يېڭى ۋەدىلەرنى بەرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دېھقانلارنىڭ يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىدارە قىلىش ۋاقتى 30 يىلدىن 70 يىلغا ئۇزارتىلىدىكەن.

كوللىكتىپ ئىگىلىكى تۈزۈمى ھازىرقى خىلمۇ - خىل ماجرالارنىڭ مەنبەسى

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۇ شۆيىنىڭ قارىشىچە، ھازىر يېزىلاردا قوللىنىلىۋاتقان كوللىكتىپ ئىگىلىكى تۈزۈمى بىمەنىلىكتە چېكىدىن ئاشتى. دەل مۇشۇ تۈزۈم ھازىر شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدا ۋە يېزىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بېرىۋاتقان خىلمۇ - خىل ماجرالارنىڭ مەنبەسى.

دېھقانلارنىڭ ھازىرقى يەر ھوقۇقى ئەسلىدىلا خۇدا ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇق ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ۋاقتىنچە ئىلتىپات قىلىپ تۇرغان ھوقۇق

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى سەي جىمىڭنىڭ قارىشىچە، دېھقانلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرى يەنىلا ئەسلىدىلا خۇدا ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇق ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ۋاقتىنچە ئىلتىپات قىلىپ تۇرغان ھوقۇقتىنلا ئىبارەت. دېھقانلارنىڭ قولىدىكى ھازىرقى يەرلەرنى باشقۇرۇش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى، پاراۋانلىقلاردىن شەھەرلىكلەر بىلەن ئوخشاش بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى دەپ ئاتالغان ھوقۇقلارمۇ شەھەرلەشتۈرۈش، سانائەتلەشتۈرۈش ھەرىكىتى جەريانىدا، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈزۈمى تەرىپىدىن يوق قىلىندى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ كەنت، يېزا، ناھىيە ھۆكۈمەتلىرى 'كوللېكتىپ ئىگىلىك' دېگەن نام ئاستىدا دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ كېلىۋاتىدۇ

ئامېرىكىدىكى خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەخسۇس خىتايدىكى دېھقانلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسى چېن شاۋنۇڭنىڭ قارىشىچە، يەرگە بولغان خۇسۇسىي ئىگىلىكنى ئېتىراپ قىلىش يېزا ئىسلاھاتىدىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 'كوللېكتىپ ئىگىلىك' دېگەن نام ئاستىدا يېزىلاردا ھەممە بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ھوقۇقى بارغانسىرى چوڭىيىپ كېتىۋاتقان كەنت، يېزا، ناھىيە ھۆكۈمەتلىرى ھازىر، ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۆزلۈكسىز تاجاۋۇز قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھازىرقى نوپۇس تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشمۇ شەھەرلەردە ئاللىقاچان مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىپ بولغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان مەسىلە. بۇ، ماھىيەتتە، شەھەردىكى ئەمەلدارلار توپى بىلەن يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش مەسىلىسى. ئەگەر خىتايدا ئۈزۈل - كېسىل سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلماي، بەلكى ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى مەقسىتى بويىچىلا بولسا، دېھقانلار مەسىلىسى يەنىلا ھەل بولمايدۇ.

خىتايدا يەر - زېمىن دېھقانلارنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى سودىگەرلەر بىلەن چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا

خوڭكوڭدىكى ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى لىن گۇڭشىننىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەت يەر - زېمىننى بايلىقنىڭ ئانىسى دەپ قارايدۇ. يەر - زېمىن دېھقانلارنىڭ قولىدا بولغاندا ئاندىن بۇ سۆز ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ بايلىق ئانىسى بولغان يەر - زېمىن ھازىر خىتايدا يەرنى تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى يەر - زېمىن سودىگەرلىرى بىلەن چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا. بۇنداق ئادالەتسىزلىكنى پەقەت كوممۇنىست پارتىيە تۈزۈۋالغان ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا ھەل قىلىش مۇمكىن.

پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىي ھازىر 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى

خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوند تەشكىلاتنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەردى. ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ھازىرقى دۇنيا خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈك 2009 ‏ - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كرىزىستا يېزا ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىرىمىنى ساقلاپ قالماقچى

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى كوممۇنىست پارتىيە بۈگۈن يېزا ئىسلاھاتى ھەققىدە 4 كۈنلۈك يىغىن باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەدەپ ئۆسۈۋاتقان كىرىمىنى ھازىرقى دۇنيا خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىستىن ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.