دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئىككىنچى قېتىم ئازاد بولغانلىقىمۇ؟

خىتاي كوممۇنست پارتىيىسى ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن 'بۇ يىغىندا دېھقانلارنىڭ يەرلەرنى ئۆتۈنۈش ھوقۇقى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ' دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندا، 'ئۈچىنچى ئومۇميىغىننىڭ قارارىنى 'يېزىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش قارارى' دەپلا ئاتىدى، ئەمما بۇ يىغىندا دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇقى ھەققىدە ئېلىنغان قارارنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى خەلقتىن يوشۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.10.27
xitay-dixan-yer-mesile-305.jpg ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯕﻨﯩﯔ، ﮔﯘﺍﯕﻨﯩﯔ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

بۇ يىغىندىن كېيىن، خىتايدا دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ئىگىلەش ھادىسىلىرى تېخىمۇ ئەۋج ئالماقتا.

جياڭشىدا جۈمە كۈنى دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا زور توقۇنۇش يۈز بەردى

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جياڭشىنىڭ يىچۈن شەھىرىدە 'لۈخەي ئورمانچىلىق مەيدانى' دەپ ئاتالغان بىر شىركەت %80 ى ئورمان بىلەن قاپلانغان 2 مىليون مو يەرنى مەخپىي سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئورمانلارنى كېسىپ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇشقا باشلاپلا قالماي، ھەتتا يولدىن ئۆتكەن دېھقانلاردىن مەجبۇرىي ھالدا يول پۇلى ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايدا دېھقانلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالدى.

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەزكۇر شىركەت 24‏ - ئۆكتەبىر كۈنى قوراللىق ساقچى ئەۋەتىپ 10 نەچچە دېھقاننى ئۆيلىرىدىن تۇتۇپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا زور توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇشتا يارىلانغان 10 نەچچە دېھقان ھازىر دوختۇرخانىدا. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىگە پىسەنت قىلمايۋاتىدۇ.

بېيجىڭدا شەنبە كۈنى دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ رايونىغا قاراشلىق بەنبىدىيەن كەنتىدە تۈنۈگۈن تۇرالغۇلىرى مەجبۇرىي چېقىلغان 12 ئۆيلۈك دېھقان بىلەن قوراللىق ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا جىددىي سۈركۈلۈش يۈز بەردى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەھەللە باشلىقى بۇ قوراللىق ساقچىلار بىلەن بىللە كەلگەن. ھازىر ھۆكۈمەت بۇ مەھەللىدىكى دېھقانلارنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرىنى ئاڭلىمايۋاتىدۇ.

خىتايدا دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قىلىش دەۋرى باشلاندى

خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرىتارى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىۋى باۋ تۇڭ ئەپەندىنىڭ بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى 2005 ‏ - يىلىدىن باشلاپ ئاممىۋىي خاراكتېرلىك ھەرىكەتكە ئايلانغان ئىدى.

شۇ يىلىلا 80 مىڭ قېتىم قارشىلىق يۈز بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، 15 مىليون ئادەم ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنۇپ بولدى. ھازىر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 5 مىنۇتتا بىر قېتىم دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

باۋ تۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى ھوقۇق قوغداش ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندىنى ھۆكۈمەتنىڭ تۈرمىگە تاشلىغانلىقى، دېھقانلارنىڭ قىزغىن قوللاۋاتقانلىقى ۋە خەلقئارانىڭ بۇنداق ھەرىكەتلەرگە ھېسداشلىق قىلىپ، خۇ جيا ئەپەندىنى مۇكاپاتلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس. خىتايدىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى كۈزەتكەندە، خىتاي ھازىر دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.

قۇمۇلنىڭ پارتكوم سېكرىتارى 'يەر ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈش ‏ - ‏ - دېھقانلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ئازادلىقى' دېدى

بىزگە كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا بىر تەرەپتىن 'تېررورچىلار تىزىملىكى' نى ئېلان قىلىپ، ھەممىلا جايدا كىشىلەرنى 'سىياسىي ئۆگىنىش' گە تەشكىللەپ، ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قاتتىق سىياسىي بېسىم شەكىللەندۈرگەن ئەھۋال ئاستىدا، يېزىلاردا يەر ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' بولسا، كۆچمەن خىتايلارنى يەرلىك دېھقانلاردىن يەر ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن يېڭى يول تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى (بىڭتۇەن) نىڭ تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ئۈچىنچى ئومۇميىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ھەققىدە قىلغان سۆزىدە ' قۇمۇل ۋىلايىتىدە يەر ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىشى 2007‏ - يىلىدىن ئېتىبارەن سىناق قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى، ھازىرغا قەدەر 80 مىڭ مو يەرنىڭ ھوقۇقى ئۆتكۈزۈۋېلىندى، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار ئەمگەك كۈچىنى ئېكىسپورت قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرىۋاتىدۇ' دېگەن ۋە ھازىر قۇمۇلدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەر ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەرىكىتىنى 'يېزىلاردا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئازاد قىلىنىشى' دەپ ئاتىغان.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ 10 يىل ئۆتكەندە ئاندىن يەرلەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشقان ئىدى

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 1949‏ - يىلىدىن كېيىن 1959‏ - يىلىغىچە، 'يەر ئىسلاھاتى' دېگەن ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىپ، يېزىلاردىكى يەرلەرنى ئەسلى يەر ئىگىلىرىدىن تارتىۋېلىپ نامراتلارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. 55‏ - يىلى كوپىراتسىيىلىشىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ يەرلەرنى كوپىراتىپ ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. 59‏ - يىلى كوممۇنالىشىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ يەرلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 1979‏ - يىلىدىن كېيىن، يەرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، 1993 ‏ - يىلى رۇسىيە بىر قانۇن ماقۇللاپ، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ يەرگە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بار، ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرنى ئەركىن بىر تەرەپ قىلالايدۇ، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇن پەقەت قەغەز يۈزىدىلا ساقلىنىپ قالدى. 2002 ‏ - يىلىغا كەلگەندە، رۇسىيە ئاساسىي قانۇن ماقۇللاپ يەرلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقتا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلىدە ناھايىتى چوڭ بىر قەدەم باستى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا ئۈچىنچى ئومۇميىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئەنخۇيغا بېرىپ ' دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە (بازارغا سېلىشىغا) رۇخسەت قىلىدۇ' دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈچىنچى ئومۇميىغىندا بۇ ھەقتە قانداق قارار ئېلىنغانلىقىنى خەلققە ئېنىق ئۇقتۇرمىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.