خىتايدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان نارازىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.01.13
2012.01.13
Imaginechina
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي خەلقىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىلىرى كۈچىيىپ، بۇ خىل نارازىلىقنىڭ ئومۇمىي خەلق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئايلىنىشى، خىتايدا ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغان. بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنى جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يېمەك - ئىچمەك ساھەسىدىكى ساختا تاۋار ئىشلەپچىقىرىۋاتقان شىركەتلەرگە قارىتا بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغان.
خىتاي مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ چارشەنبە كۈنى ئېچىلغان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يىغىنىدا، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتايدىكى يېمەكلىك شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپەتلىرىگە قارىتا، ئارخىپلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سۈپەتسىز يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغان شىركەتلەرنىڭ قارا تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سۈپەتسىز يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغان شىركەتلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىش قارارىنى ئېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، خىتايدىكى ساختا يېمەكلىكلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، خىتايدا خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىشى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى خىتايدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىگە قارىتا مەلۇم تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتايدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2011 - يىلىدىكى خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 94.5% ئىستېمالچى خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدە مەسىلە بار دەپ قارايدىكەن. 80% ئىستېمالچى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن خاتىرجەم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن؛ 55.2% ئىستېمالچى خىتايدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يېمەكلىك سۈپىتىگە بولغان نازارىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، خىتايدىكى يېمەكلىك ساھەسىدە ساختا ناچار، ھەتتا زەھەرلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بازاردا سېتىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشىگە سەۋەب بولغان دەپ قارايدىكەن.
بولۇپمۇ، 2009،2010 - يىللىرى خىتايدا يۈز بەرگەن بوۋاقلارنىڭ زەھەرلىك سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى، 2011 - يىلى پاش قىلىنغان ئەۋرەزدىن يېمەكلىك مېيى سۈزۈۋېلىپ، بۇلارنى بازارغا سالغان ياغ شىركەتلىرىنىڭ پاش بولۇشى، ھورمون بېرىلىپ بېقىلغان ھايۋانات گۆشلىرىنىڭ خىتاي بازارلىرىنى ئىگىلىشى ھەمدە 2011 - يىلى سېنتەبىر ئېيىدا خوتەندە يۈز بەرگەن ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى قاتارلىقلار، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ قالماستىن، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغىمۇ يامان تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
2011 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن سانجۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئاچچىقسۇدىن زەھەرلىنىپ، 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقە ھەققىدە، رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن، ئەينى چاغدا يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاچچىقسۇنىڭ ئۆتكۈر خاراكتېرلىك زەھەرلىك خىمىيىلىك سۇيۇقلۇق قاچىلانغان كونا باكقا قاچىلىنىشى، بۇ ئاچچىقسۇنى ئىستېمال قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. رادىئومىز مۇخبىرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان پۇقرالار يەنە، خوتەندىكى يېمەكلىك سۈپىتىنى نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ بوشلۇقى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قارىتا سىستېمىلىق باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
نۆۋەتتە خىتايدىكى يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى، يەنىلا خىتايدىكى ئەڭ زور ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق چەت رايونلار خىتايدىكى ناچار، ساختا يېمەكلىكلەر ھەم دورىلار ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان رايونلار دېيىشكە بولىدىكەن. خىتاينىڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 12 - يانىۋاردىكى سانىدا ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونلۇق سودا سانائەت ئىدارىسىنىڭ يېڭىشەھەر رايونىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان لېخۇا مەھەللىسىدىن تازىلىقى ئىنتايىن ناچار بولغان دۇفۇ زاۋۇتىنى بايقىغانلىقىنى، يەنە ئوخشاش بىر كۈندە يېڭى شەھەر رايونىنىڭ لىيۈشەن مەھەللىسىدىن ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتلىرى ئۆتەلمىگەن، يېمەكلىك تازىلىق ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىنمىغان ئىسلاپ پىشۇرۇلغان توخۇ، ئۆردەك گۆشلىرى دۇكىنى بايقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلدى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردىن «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى خىتايدا ئومۇمى خەلق نارازىلىقىغا ئايلانغان زور ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنداق قارار بىلەن مەسىلىنىڭ ھېچقاچان ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر قارارنى ئېلان قىلىشى، ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تاكتىكىسى. مېنىڭچە، بۇنداق قارارلار مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمايمۇ. چۈنكى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر پارتىيىلىك دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈمىدە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئۆكتىچى پارتىيە، گۇرۇھلار مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى كوممۇنىست ئەمەلدارلار ياكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، يېقىنلىرىنىڭ قولىدا. شۇنداق بولغاندىن كېيىن كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان بۇ خىل قارارلار، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ خوجايىنلىرىغا ئۆتمەيدۇ. بۇنداق قارارلار ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا پەقەت قەغەز يۈزىدىكى يازما بولۇپلا قالىدۇ. بۇ خۇددى خىتايدا تۈزۈلگەن قانۇن، نىزاملارنىڭ ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىغا ئوخشاشلا بىر ئەھۋال. كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بىر قارارنى ئېلىشى قانداقتۇر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقى دېيىشكىلا بولىدۇ.»