خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى كۈنسېرى ئارقىغا چېكىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارىتا ئەيىبلەشلىرىگە بىنەزەر ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرى داۋاملاشماقتا. غەرب ئانالىزچىلىرىنىڭ نەزىرى ھازىر خىتايدىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىشقا مەركەزلىشىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدىن قالسا دۇنيادىكى 2-چوڭ ھەربىي دۆلەتكە ئايلانغان خىتاينىڭ ئارمىيە ساھەسىگە تىكىلمەكتە.
فرانسىيە ئاۋازىنىڭ 29-ئىيۇلدىكى «خىتاي قەغەز يولۋاسمۇ؟» ناملىق خەۋىرىدە، خىتاي ئارمىيە ساھەسىنىڭ بۈگۈن ئەڭ چىرىك، ئەڭ ئىنتىزامسىز، ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئەڭ نامرات بىر ساھە بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «خىتاي قەغەز يولۋاسمۇ؟» ناملىق بۇ ئانالىز فرانسىيىنىڭ «يېڭى كۆزەتكۈچىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 7-ئايلىق سانىغا بېيجىڭدىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئانالىزدا خىتاينىڭ ئارمىيە قاتلىمىدىكى چېرىكلىك مەسىلىلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭدا، 1927-يىلى قۇرۇلۇپ، 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان ئازادلىق ئارمىيىسى تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنگە كەلگەندە كۆسەي مىلتىقلىق ئەبگار قوشۇندىن رۇسىيىنىڭ ئىلغار قوراللىرى بىلەن قوراللانغان زامانىۋى بىر ئارمىيىگە ئايلانغان بولسىمۇ، بۇ زامانىۋى قوشۇننىڭ جەڭگە يارايدىغانلىقى گۇمان قوزغايدۇ، دېيىلگەن. د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى خىتايدىكى ھەر ساھەگە يامرىغان چىرىكلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
«خىتاي قەغەز يولۋاسمۇ؟» ناملىق ئانالىزدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئارقا سەپ باش شتابى خادىمى ليۇ يۈەن 600 نەپەر خىتاي گېنېرالىنى ئاگاھلاندۇرۇپ «ھېچقانداق دۆلەت بىزنىڭ پارتىيە، بىزنىڭ ئارمىيىمىزنى مەغلۇپ قىلالمايدۇ، ئەمما ئىچىمىزدىكى چىرىكلىك بىر پاي ئوق چىقارماستىن بىزنى بىتچىت قىلالايدۇ» دېگەن. ئۇ سۆزىدە، چىرىكلىكنىڭ پۈتكۈل خىتاي ئارمىيىسى ساھەسىگە يامرىغانلىقىنى، ھەربىي ھوقۇقنىڭ شەخسىيەتچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەققانىيەت تەرەپدارلىرىنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ، كۆزدىن يوقىتىپ، ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «شۇ تاپتا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، قايسى جەڭچى سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بوي سۇنۇپ قۇربان بېرىشنى خالايدۇ؟» دېگەن.
«خىتاي قەغەز يولۋاسمۇ؟» ناملىق ئانالىزدا يېزىلىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى ئىچىدىكى چىرىكلىكنى دادىل پاش قىلىۋاتقان ليۇ يۈەن ئىسىملىك بۇ شەخس كونا خىتاي رەھبىرى ليۇ شاۋچىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولۇپ، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە خادىم بولۇپلا قالماي، بىۋاسىتە خۇ جىنتاۋنىڭ يۆلىشىگە ئېرىشكەن كىشى. خۇ جىنتاۋ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەق، ئارمىيە ئىچىدىكى چىرىكلىكنىڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنىڭ راستلىقىنى بىلسىمۇ، بۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا چارىسىز. ئارمىيە ئىچىدىكى چىرىكلىكنىڭ بىر مىسالى؛ گۇ جۇنشەن دېلوسى. خىتاي ئارمىيىسى ئارقاسەپ باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى گۇ جۇنشەن قانچە مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىقتىسادقا خىيانەت قىلغان. شاڭخەيدىكى ئارمىيىگە تەۋە يەرنى سېتىپ، پۇلىنى ئۆز يانچۇقىغا سالغان. ئۆز ئالدىغا بىنالار قۇرۇپ، باشقىلارغا سېتىپ بەرگەن. خىتاي ئارمىيە ساھەسىدىكى چىرىك ئەمەلدارنىڭ يەنە بىرى دېڭىز ئارمىيىسى مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋاڭ سۇنيې بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرغاندا خىيانەت قىلغان 125 مىليون سوم خىتاي پۇلى تېپىلغان.
ئانالىزدا بايان قىلىنىشىچە، بىر چەتئەل دىپلومات خادىمى «ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى خىتاي ھەربىي باشلىقلىرى ئولتۇرغاندەك ئۇنداق ئالىي ئاپتوموبىللاردا ئولتۇرالمايدۇ» دېگەن. ھەربىي ئائىلىدىن يېتىشىپ چىققان بىر خىتاي مۇخبىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەسىلىنى پاش قىلغان. ئۇ بولسىمۇ، خىتاي ئارمىيە رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى بىر - بىرىگە ھوقۇق سېتىش مەسىلىسى. ئارمىيە رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ھەربىي ھوقۇقنىڭ باھاسى 10 مىڭ سومدىن يۇقىرى بولۇپ، بىر ئاددىي ئەسكەر 20 مىڭ سومغىچە پۇل خەجلىسىلا كىچىك بىر ھەربىي ئەمەلدار بولالايدۇ. ئەگەر بىرى گېنېرال بولماقچى بولسا، قانچە 100 مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇل خەجلىشى كېرەك. بۇ خىل ھەربىي ھوقۇق سودىسى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە چېتىلغان بولغاچ، ھېچكىمنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى يوق.
ئانالىزدا يەنە شۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپىسى دۆلەتنى ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرنى قوغداش. ئارمىيە ھاكىمىيەتكە چېقىلمىسىلا، جەمئىيەتنى داۋالغۇتمىسىلا، ئىچكى جەھەتتىن نېمە قىلىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. پەقەت جەمئىيەتتە زور ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە دەرھال ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرۇپ، دۆلەت رەھبەرلىرىنى خاتىرجەم قىلسىلا بولدى. خۇددى 1989-يىلى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغاندەك. ئانالىزنىڭ خاتىمىسىدە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 1979-يىلى ۋيېتنام ئۇرۇشى قىلغاندىن بۇيان ئۇرۇش قىلىپ باقمىغانلىقى، ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىدىن تەجرىبىسىزلىكى ۋە ئىچكى چىرىكلىك تۈپەيلى ئۈنۈملۈك بىر ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكى بايان قىلىنغان.