بۇ ئەتكەسچىلىك ۋەقەلىرى كانادا جامائىتىنى چۈچۈتمەكتە.
كانادا ساقچى دائىرىلىرى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرلىرى خوڭكوڭدىن ۋانكوۋېر شەھىرىگە يۈك توشۇيدىغان بىر يۈك پاراخوتىدا تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ، 1000 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كېتامىنې ماددىسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ۋە 5 نەپەر خىتاينى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ساقچى دائىرىلىرى بۇ ئەتكەسچىلىك دېلوسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ساقچىلارنىڭ يەنە برىتىش كولومبىيە شتاتىنىڭ رىچمونت رايونىدىكى خىتايلارغا ئائىت زەھەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى زاۋۇتنى بايقىغانلىقىنى، زەھەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان بىر تۈركۈم ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ۋە ئېغىر-يېنىك تىپتىكى ھەربىي قوراللارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئېغىر دەرىجىدە مەست قىلىش ۋە نېرۋىنى تىزگىنلەش ماددىسى ھېسابلىنىدىغان كېتامىنې بىر نەچچە خىل زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ خېمىرتۇرۇچى ياكى جەۋھىرى ئىكەن. بۇ قېتىم قولغا چۈشۈرۈلگەن1000 نەچچە كىلوگرام كېتامىنې ماددىسىنىڭ قىممىتى 15 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن نەچچە يۈز مىليون دوللار قىممىتىدە زەھەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىكەن.
كانادا خان جەمەتى ساقچى ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى، يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە، خوڭكوڭدىن كاناداغا قانۇنسىز يۆتكەپ كېلىنگەن زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئۈچىنچى قېتىم قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: بۇ قېتىمقى ئەتكەسچىلىك كانادا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كېتامىنې ماددىسى ئەتكەسچىلىك دېلوسىدۇر، دېدى. ئۇ، بۇ ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان 5 نەپەر خىتاينىڭ ئىسىم، فامىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى ئېلان قىلدى.
بۇلارنىڭ 3 ئى خىتاي پۇقراسى، ئىككىسى بولسا كانادا پۇقراسى ئىكەن. ساقچىلار بۇ دېلونىڭ خىتايلارنى ئاساس قىلغان تەشكىللىك جىنايەتچىلەر گۇرۇھلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى، ۋانكوۋېرنى مەركەز قىلغان خىتاي مافىيە گۇرۇھلىرىنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. كانادا فېدېرال بىخەتەرلىك مىنىستىرى ۋىك توئېۋس بۇ قېتىمقى ئەتكەسچىلىك ۋەقەسىنىڭ كانادالىقلارنى چۈچۈتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: "شۇنداق بولسىمۇ،ئەتكەسچىلىككە قارشى بۇ ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى كانادالىقلارغا تەسەللى بولدى. كانادا ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى جىنايەتچىلەرگە ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ" دېدى.
مەلۇماتقا قارىغاندا، ساقچىلار ئالدىنقى يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا،خوڭكوڭ يۈك پاراخوتىدىن 22 كىلوگرام زەھەرلىك بۇيۇمنى قولغا چۈشۈرۈپ،ئىككى نەپەر خىتاي كۆچمەننى قولغا ئالغان. نويابىردا بولسا، يەنە خوڭكوڭ يۈك پاراخوتىدىن 6000 كىلوگرام زەھەرلىك ماددا ۋە ساختا كرېدىد كارت ياساشتا ئىشلىتىدىغان كۆپ مىقداردىكى ماتېرىيال-ئۈسكۈنىلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، كانادانىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىككى نەپەر خىتاي بىلەن بىر نەپەر كانادا پۇقراسى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 نەپەر خىتاينى قولغا ئالغانىدى.
بۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن 6000 كىلوگرام زەھەرلىك بۇيۇم 10 نەچچە مىليون دوللار قىممىتىدە بولسىمۇ، بۇنىڭدىنمۇ 100 مىليون دوللارلىق زەھەرلىك بۇيۇم ياسىغىلى بولىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتىدىمۇ، كانادادىكى ئاسىيالىق ۋە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىك ھەرىكەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، كانادانىڭ نۆۋەتتە زەھەرلىك بۇيۇم "ئېكسپورت" قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقى،ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيىلەرنىڭ كانادادىن كېلىدىغان ئەتكەس زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، كانادا دائىرىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغانىدى.