بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرى ھەققىدىكى پىكرىنى سورىغان.
ۋۇخەندىكى ئادۋوكاتلاردىن بىرى چىن يۈڭمىن مۇنداق دېگەن: «ئەلۋەتتە پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ۋەقەلەر تېررورلۇقتۇر. بۇنى توغرا دېيىشكە بولمايدۇ، ئەمما ۋەقەنى تېررورلۇق دەپلا ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ.»
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ھۇجۇمچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختالغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، رايوندا سىياسەت ئىجرا قىلىۋاتقانلار، قانۇننى يۈرگۈزۈۋاتقانلار، يەنى ھۆكۈمەتتە ئىشلەۋاتقانلار خىتايلار، شۇڭا ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقىنى، ھەتتا خىتاي ئارمىيىسى بىلەن خىتاي خەلقىنى بىر دەپ تونۇيدۇ. مانا بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشىنىڭ سەۋەبى.
چىن يۈڭمىن يەنە رايوندا مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ تارىخىي ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مىللىي توقۇنۇش شىنجاڭدا 1960 -يىللاردىمۇ يۈز بەرگەن. ھەر قېتىملىق توقۇنۇشتىن كېيىن، يەرلىك خەلقنىڭ بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك بىرمۇنچىلىغان ھەقلىرى تارتىۋېلىنغان.» چىن يومىن سۆزىدە بۇ تارتىۋېلىنغان ھەقلەرنىڭ كونكرېت قايسى ھەقلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن. ئەمما، توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىك ۋە ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئادالەتسىزلىكنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىشارەت قىلغان.
خەلق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى جاڭمىڭ ۋەقە ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە دۆلەت مىللەتلەر سىياسىتىدە بىر يۈرۈش كۆرۈنۈشتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بارلىقىنى، ماھىيەتتە بولسا بۇلارنىڭ ئېتىبار ئەمەس ئەكسىچە ھاقارەت خاراكتېرىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئاۋمېندا ياشاۋاتقان خىتاي ئانالىزچى خۇاڭدوڭ، يالغۇز ئۇيغۇر رايونىدىلا ئەمەس، خىتاينىڭ بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:«مانا بۇ دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى قاتتىق قول تەدبىرلىرىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. گۇاڭشىدا ياشاۋاتقان يازغۇچى جىڭچۈ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىدىكى ناھەقچىلىكلەر ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان. ئۇ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەسلىدىنلا كەمچىل بولغان سۇ مەنبەلىرىنى ۋە مۇنبەت يەرلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىگىلىۋالغانلىقىنى، مانا بۇنىڭ ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە بىر غەزەپ-نەپرەت ئامبىرى پەيدا قىلغانلىقىنى، ئەمما مانا مۇشۇنداق بىر مەسىلىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارىلىماي يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.
ئۇ يەنە، ئارتۇق نوپۇس سەۋەبلىك، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى، دەريا ۋە كۆللەرنىڭ قۇرۇپ، قۇملۇقلارنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتايدا ئەركىن ئاخبارات بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتى بولمىغانلىقىنى ۋە ھەل قىلىش چارىسىمۇ تېپىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدا مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
بۇنىڭغا ئوخشىغان پىكىرلەر يەنە خىتاينىڭ «بوشۈن» تورىدىمۇ كۆرۈلمەكتە. خىتاي زىيالىرىدىن جېڭشيەنلى خوتەندە يۈز بەرگەن «ناۋاغ ۋەقەسى» ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھۇجۇمچىلارنىڭ ساقچىخانا ئۆگزىسىگە بايراق قادىغىنىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئېنىق بىر سىياسىي مەقسىتى بار. ئۇلار ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن، ياكى مەلۇم بىر غۇم ۋە ئاداۋەت ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار ئەمەس.» ئاپتور بۇ سۆزلەردىن كېيىن، ئەسلىدە بۇ ۋەقەگە نورمال قاتىللىق ۋە بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرىدىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكى، ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، سوت ئېچىپ سىياسىي ئارزۇ تەلەپلىرىنىڭ ئاڭلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن سوت قىلمىشىغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىش كېرەكلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 14 ھۇجۇمچىنى نەق مەيداندا ئېتىۋېتىپ خاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە، «ھۇجۇمچىلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغانلىق مەسىلىنى ھەل قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى مەسىلىنى چوڭايتىۋەتكەنلىك» دېگەن. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتايغا قارىتا ئۈچ ۋە ئاداۋىتىنى يوقاتماي تۇرۇپ، بۇ خىل ۋەقەلەردىن ساقلانغىنى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.