ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي زىيالىيلىرى خوتەن ۋەقەسىنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇم» ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلدى

18-ئىيۇل خوتەننىڭ ناۋاغ ساقچى پونكىتىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىگە بەرگەن باھاسى بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.07.20
tutqun-xitay-saqchi-kochida.jpg خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كوچىدا پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىش كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى ئىيۇل، قەشقەر.
RFA

18-ئىيۇل خوتەننىڭ ناۋاغ ساقچى پونكىتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش داۋام قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى «تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ بېكىتكەن. خىتاي دائىرىلىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلغان مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى ئۇچۇرىدا بىر ئوچۇم توپىلاڭچىلارنىڭ ناۋاغ ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچىلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى، ۋەقەدە 4 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن د ئۇ ق ناۋاغ ساقچى پونكىتىدىكى ۋەقەدە ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى ۋە 20 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل چۈشەندۈرۈشى خىتاي ۋە چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەردە ۋەقەنىڭ خاراكتېرىگە قارىتا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى. چەتئەلدىكى بەزى خىتاي كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇم» لىقى دىن گۇمانلىنىشقا يېتەرلىك سەۋەب بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ قاراشتىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكىدا ياشايدىغان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پروفېسسور ياڭ لىيۈي ئەپەندى. ئۇ «ناۋاغ ۋەقەسى» ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى بىر قەدەر ئىشەنچلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقە ئەسلى ئىقتىسادى ئىختىلاپتىن باشلانغاندەك قىلىدۇ. ئەسلى بىر يەر مۈلك داۋاسى بولۇشى مۇمكىن. يەرلىك ئامما ساقچى پونكىتىغا بېرىپ، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ساقچى پونكىتى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغان. بۇ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئەگەر ساقچى پونكىتى بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغان بولسا، بۇ ئىش بۇنچىلىك چوڭىيىپ كەتمىگەن بولاتتى. ھازىرقىدەك 18 ئادەم ئۆلمىگەن بولار ئىدى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ساقچىلار دەۋاگەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغان. مانا بۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا پۇت تىرەپ تۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، بۇنىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزۈشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇ ۋەقەگە تېررورلۇق تۈسى بېرىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋەقەنىڭ بۇ دەرىجىگە بېرىشى سىياسەتنىڭ يۆنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بولمىسا ساقچىلار بۇ ئىشنى بۇنچىلىك چوڭايتىۋەتمىگەن بولاتتى.»

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ۋەقە 18 ئادەم ئۆلگەنلىكى، 14 كىشىنىڭ «تېررورچىلار» ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. بىراق كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر ۋەقەنىڭ راست «تېررورلۇق ھۇجۇم» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت ئېلان قىلماسلىقىغا دىققەت قىلماقتا. ياڭ لىيۈي ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن جاڭ چۈنشيەننى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىپ ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن. بەلكى كۆچمەن يۆتكەشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد ۋە ھوقۇقنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلىشىشىنى ئىلگىرىلەپ كېڭەيتكەن. ياڭ لىيۈي بۇ سىياسەتكە چوڭ خەنزۇچىلىقنىڭ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ «شىنجاڭنىڭ بايلىقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خەنزۇلارنىڭ، ئىچكىرىلىك سودىگەرلەرنىڭ قولىدا. لېكىن ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك كىشى بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ ؟ شىنجاڭنىڭ بايلىقى ناھايىتى مول بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ھەممىسىنى كومپارتىيە كونترول قىلىدۇ. ئۇ بۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسا شۇنىڭغا بېرىدۇ. مەن شىنجاڭدا كومپارتىيىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن چوڭ كارخانىچىلارنى يۆلىگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىدىم. رابىيە قادىر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن. شۇڭا بۇ ئاڭدىكى مەسىلە، سىياسەتتىكى مەسىلە. كومپارتىيە ئۆزىنىڭ بۇ ئېڭىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. سىز شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنى چوڭ خەنزۇچىلىققا تايىنىپ باشقۇرسىڭىز بولمايدۇ. سىز مەسىلىنى پەقەت سىزنىڭ نۇقتىئىينەزىرىڭىز بويىچىلا بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ. مەسىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدە تۇرۇپ ئويلاپ بېقىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ مەسىلىنىڭ نېگىزى. مەسىلە شىنجاڭ ۋە شىزاڭدا چوڭ خەنزۇچىلىققا تايىنىپ سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقتۇر» دەپ كۆرسەتتى.

خوتەن ناۋاغ ساقچى پونكىتىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى ۋەقە 2009-يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ جىددىي توقۇنۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياڭ لىيۈي ئەپەندى خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ داۋاملىق باستۇرۇش ۋە ئۇچۇرنى كونترول قىلىش سىياسىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم خوتەن ناۋاغ ۋەقەسىدىمۇ ئۇچۇرنى كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن باستۇرۇش ۋە ئۇچۇر كونتروللۇقىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تامامەن ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى چوقۇم ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئۇ چوقۇم ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنى قوغدىشى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆڭلىنى ئېلىشى لازىم. مانا بۇ ۋەزىيەتنى ياخشىلاشنىڭ يولى. سىز بىر كۈنى چىقىپ ئۇلارنى باستۇرۇپ، يەنە بىر كۈنى چىقىپ ئارىدىكى توقۇنۇشنى تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلان قىلىپ ۋە يەنە بىر كۈنى ئۇچۇرنى كونترول قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلالمايسىز. مېنىڭچە، بۇنداق كېتىۋەرسە مەسىلە ئازايمايدۇ. بەلكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. جاڭ چۈنشيەن خۇنەندە ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ھازىرقى بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرىمەن دېگىنى ئاقامدۇ............ئەگەر سىزنىڭ راست ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتىڭىز بولسا، ئۇيغۇرلارغا ھوقۇق بېرىشىڭىز كېرەك. ئۇلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىپ، ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇشىڭىز لازىم. مانا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.