دىلشات رېشىت: ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى روزى ھېيتىنى خىتاينىڭ قاتتىق زەربىسى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۈگۈنكى باياناتىدا، ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى روزى ھېيتىنى خىتاينىڭ قاتتىق زەربىسى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

پۈتۈن دۇنيادا مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتى باشلاندى. بەزى دۆلەتلەردە بۈگۈن ھېيت بولدى، مەسىلەن، تۈركلەر بۈگۈن ھېيت قىلدى. ئەرەبلەر ئەتە ھېيت قىلىدىكەن. تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇراننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دۇنيادا ھېيتنى قايسى دۆلەتتە قاچان ئۆتكۈزۈشنى دىنىي ئۆلىمالار بەلگىلەيدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىدە ۋە پاكىستاندا، ھېيتنى قاچان ئۆتكۈزۈشنى، دىنىي ئۆلىمالار ئاي چىققان ياكى چىقمىغانلىقىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. تۈركىي خەلقلەردە بولسا، دىنىي ئۆلىمالار تۈرك كالېندارى (تەقۋىم) بۇيىچە بەلگىلەيدۇ.

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، روزى ھېيتىنى ئۇيغۇرلار 10‏ - چېسلا ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتى قارار قىلغان.

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە، ئۈرۈمچى بازارلىرىدا ھېيتلىق مال ناھايىتى مول، باھاسى مۇقىم دەپ تەسۋىرلىگەن. ئەمما، ئۈرۈمچىدىن مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھېيتتا قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچىمۇ، بۈگۈن 10 كىلوگراملىق بىر خالتا ئۇننىڭ باھاسى بىر يۈەن ئۆرلىگەن.

بىز بۈگۈن، روزى ھېيتنىڭ ھارپا كۈنىدە، ئۈرۈمچىدىكى ھېيت تەنتەنىسىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئادەتتە ھېيتنىڭ ھارپا كۈنلىرىدە دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان جايلارغا، مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىكى خانتەڭرى مەسچىتىگە ۋە باشقا مەسچىتلەرگە، شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىن باشقا يۇرتلاردىكى ھېيت ئۆتكۈزىدىغان ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق.

مەسچىتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تېلېفونلىرى ئۇلانمىدى. بەزى تېلېفونلار ئۇلانسىمۇ، راۋان ئەمەس. ھېيت ئۆتكۈزىدىغان ئاھالىلەر چەتئەللەردىن كەلگەن تېلېفونلارغا جاۋاب بېرىشتىن قورقۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كەيپىياتىدا تەنتەنىدىن ئەسەر يوق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار بۇ يىلقى روزى ھېيتىنى خىتاينىڭ قاتتىق زەربىسى ۋە قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى لازىم دەپ كۆرسەتتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشى، قاتتىق نازارىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىنىڭ روزى ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.