ئامېرىكا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئادەم ئەتكەسچىلىك ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى دۇنيادىكى "ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسى" ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى يەنە بىر قېتىم ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىدە "كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى"گە كىرگۈزدى.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا دېھقانلارنى ھاشارغا تۇتۇش، بالىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ھاشار ۋە بالىلار ئەمگىكىنى بىكار قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيادىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىگە دائىر 2010‏ - يىللىق دوكلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا دۇنيادىكى 177 دۆلەتنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ يىل يەنە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ "كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى"گە كىرگۈزۈلگەن.

دوكلاتتا خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك ئەھۋالىغا باھا بېرىپ، خىتاي "ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى، بولۇپمۇ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، پاھىشىلىككە مەجبۇرلاش ئەتكەسچىلىكنىڭ مەنبەسى، ئۆتكۈنچى بېكىتى ۋە ئاخىرقى پەللىسى" دەپ كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا، خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك پائالىيىتىنىڭ مەركەزلىك مەملىكەت ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېرما، ۋيېتنام، لائوس، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، شىمالىي كورىيە، زىمبابۇۋى ۋە رومانىيىلىك ئاياللار ھەم بالىلارنىڭ خىتايغا ئېلىپ بېرىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، پاھىشىخانىلاردا ئادەم كۈتۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى، باش ئەلچى لۇئىس سدى باكا دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ۋە شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىر ئاياللارنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، "خىتايدىكى ئادەم ئادەم ئەتكەسچىلىك ۋەزىيىتى كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلە. سىزگە مەلۇم، بىز خىتايدا كىشىلەرنىڭ كان، خۇمدان ۋە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدا قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنغانلىقىنى كۆردۇق. بىز تۈرمىدە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان كىشىلەرگە داۋاملىق دىققەت قىلىمىز. بولۇپمۇ، شىمالىي كورىيە چېگرىسىدا پاھىشىلىك ياكى باشقىلارغا خوتۇن بولۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان ئاياللارنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىككى مەسىلە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ ئىككى مەسىلە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى جايلاردا دېھقانلارنىڭ ھاشارغا تۇتۇلۇپ، بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىدۇر. دوكلاتتا "شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىقلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان بەزى رايونلىرىدا دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى" تەنقىدلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدىكى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش پروگراممىسى مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئىشچىلارنى، جۈملىدىن بالىلارنى تەھدىت ھەم جەرىمانە قويۇش بىلەن قورقۇتۇپ، ئادەم يۆتكەش پروگراممىسىغا مەجبۇرىي قاتناشتۇرغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ پروگراممىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقانلىقىنى ئېيتقۇچى بەزى كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

شۇنداقلا يەنە، خىتايدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ "ئەمگەك - ئۆگىنىش" پروگراممىسىغا ئاساسەن بالىلارنى ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالى كەڭ ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "شىنجاڭدا بالىلارنىڭ ئەمگەك - ئۆگىنىش پروگراممىسىدىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە كېۋەز ئۈزۈشكە سېلىنغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بالىلارنى ئەمگەككە سېلىش ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

دوكلاتتا،خىتاينىڭ 2009‏ - يىلى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئىجرائاتى مەلۇم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىگىنى، لېكىن خىتاي قانۇنىنىڭ ئەتكەسچىلىك ئۇقۇمىغا بەرگەن تەدبىرى چەكلىك بولۇپ، خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن بىردەك ئەمەسلىكىنى ، خىتاي قانۇنىدا ئەتكەسچىلىك قۇربانىغا ئايلىنىپ، پاھىشىخانىدا جىنىسىي مۇلازىمەتكە مەجبۇرلانغان 14 ياشنىڭ ئۈستىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىگە ئېنىقلىما بېرىلمىگەنلىكىنى، خىتاي قانۇنىدا يەنە، گۆرۈگە ئېلىۋېلىشنىڭ سىرتىدىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنىڭ يەنى جىسمانىي ياكى غەيرى جىسمانىي تەھدىتنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك تۈرىگە كىرىش - كىرمەسلىكى روشەن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

باش ئەلچى لۇئىس سدى باكا خىتاينىڭ يېقىندا ب د ت ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى قوغداش توغرىسىدىكى"پالارىمو كېلىشىمنامىسى" گە ئىمزا قويغانلىقىنى مەدھىيىلەپ، خىتاينىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

لۇئىس سدى باكا مۇنداق دەيدۇ" :خىتاينىڭ بۇ يىل ب د ت پالورىما كېلىشىمنامىسىگە قاتناشقانلىقى بىزنى سۆيۈندۈردى شۇنداقلا بىز، ئۇلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدىكى ئەھدىنى بىجا كەلتۈرۈش ۋاقتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. نۆۋەتتىكى مەسىلە خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىنى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنگە قەدەر خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن بولماسلىقتەك مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەمدى ئۇلار ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويدى. بىز بۇنىڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز شۇنداقلا بىز ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز."

دوكلاتتا، ئەتكەسچىلەر 2009‏ - يىلى خىتايغا يۆتكىگەن ۋيېتنام ۋە بېرمىلىقلارنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سولاپ قويۇلغانلىقىنى، كۆپ قىسىمىنىڭ بولسا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ، قەرزىنى تۆلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتايغا قېچىپ كىرگەن شىمالىي كورىيىلىك نۇرغۇن قىز - چوكانلارنىڭ پاھىشىخانىدا جىنىسىي مۇلازىمەتكە ياكى خىتاي ئەركەكلىرىگە خوتۇنلۇققا مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بىر پەرزەنتلىك سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، بۇ سىياسەت خىتايدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قاراشتىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئوغۇل بالىنى ئەتىۋارلاش ئادىتى خىتايدا قىز - ئوغۇللار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇرۇلۇشىغا، قىز - ئاياللارنى ئېلىپ - سېتىش قىلمىشىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.