ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ ئۇقتۇرۇشتا ' نەشرىيات ئاخبارات باش ئىدارىسى دۆلەتنىڭ ۋە جامائەتنىڭ مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان ۋەقەلەردە مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش، ئەھۋالنى بىلىش، خەۋەر ئېلان قىلىش ۋە تەنقىدلەش ھوقۇقىنى قانۇن بۇيىچە قوغدايدۇ؛ مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش ھوقۇقىغا ھەر قانداق شەخس ياكى ئورگاننىڭ مۇداخىلە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ " دېگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇخبىرلارنىڭ قانۇنلۇق كىنىشكىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھەر قانداق گېزىت - ژۇرنال، رادىئو - تېلېۋىزىيە، ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلار كىنىشكىسىنى نەشرىيات ئاخبارات باش ئىدارىسى تەستىقلايدىغانلىقىنى، جايلار بۇنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت ھوقۇقىغا قاتتىق چەكلىمە قويماقتا.
نەشرىيات ئاخبارات باش ئىدارىسى كىنىشكە بەرمىگەن مۇخبىر بۇنىڭدىن كېيىن قانۇنلۇق زىيارەت قىلالمايدىكەن
'خىتاي دېڭىز - ئوكيان گېزىتى' نىڭ مۇخبىرى جى ئەيزۇڭنىڭ رادىئومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ھەققىدە چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇشىدا، نەشرىيات ئاخبارات باش ئىدارىسى كىنىشكە بەرمىگەن مۇخبىر قانۇنلۇق زىيارەت قىلالمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇخبىرلار ئادەتتە خىتاي نەشرىيات ئاخبارات باش ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمايدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئورگانلىرى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ھەر يىلى بىر قېتىم خاتىرىلىنىدىغان ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنىنىڭ ھارپىسىدا بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت ئەركىنلىكىنى ئۆزىنىڭ يەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قولى بىلەن چەكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
ئازادلىق ئارمىيە باش ئارقا سەپ بۆلۈمى ئىنتېرنېتكە قىزىقىدىغان كىشىلەرنى 'روھى كېسەل' 'دەپ مۇئامىلە قىلىشنى جاكارلىغان
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيە باش ئارقا سەپ بۆلۈمى ھازىر خىتايدا ياشلاردىن 40 مىليون تور مەستانىسى بارلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 13 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغانلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قارىتا بىر ئۆلچەم بەلگىلەپ، تور پائالىيەتلىرى بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىدىغان تور مەستانىلىرىنىڭ ئىچىدىكى مىجەزى جىمغۇر، باشقىلار بىلەن قارشىلىشىدىغان كىشىلەرنى 'روھى كېسەل' دەپ مۇئامىلە قىلىپ، مەخسۇس دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىش لازىملىقىنى جاكارلىغان.
تەيبېيدە ئېچىلغان مۇستەقىل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدىكى تەھلىللەر
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش' ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەش ۋە كونترول قىلىشقا باشلىغان بۇنداق شارائىتتا، 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تەيبېيدە ئېچىلغان مۇستەقىل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا ھازىر 'پۇقرا مۇخبىرلار' ئۆزلىرىنىڭ 'دۆلەت پۇقراسى' ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمە ۋە توساقلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھەر بىر ئادەم ھەممە بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، توغرا كەلگەن ھەر بىر مىنۇتنى قولدىن بەرمىگەن ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ كۆرسەتتى.
'پۇقرا مۇخبىرلار' ئىنتېرنېت تورلىرى ياكى يانفونلار ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىلىرىنى ئۈنۈملۈك بۇزماقتا
يىغىن ئەھلىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن جىددىي ۋەقەلەردىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئادەتتە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. پۇقرا مۇخبىرلار بولسا، بۇنداق بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ توساقلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. 'پۇقرا مۇخبىرلار' ئۆزلىرىنىڭ زىيارەت ئەركىنلىكىنى ئۆزلىرىگە تەڭرى ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇق دەپ قاراپ، ئىنتېرنېت تورلىرى ياكى يانفونلار ئارقىلىق تېز ئۇچۇر تارقىتىپ، ھۆكۈمەت ھەرگىز ئاشكارا قىلمايدىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىلىرىنى ئۈنۈملۈك بۇزماقتا.
يېزىلغان دوكلاتلار ئىنتېرنېتكە كىرگەن ھامان پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كېتىدۇ
تەيبېيدە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بېيفېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى زىيارەت ئەركىنلىكىدىن ۋاز كەچمىگەن مۇخبىرلاردىن ئەللىك نەچچىنى تۈرمىگە تاشلاپ بولغان بولسىمۇ، پۇقرا مۇخبىرلار يەنىلا ئۆزلىرى بۇرۇن قوللانغان ئۇسۇللارنى داۋاملىق قوللىنىپ، ۋېلىسىپىت بىلەن ياكى پىيادە ساياھەت قىلىپ، سەھرالارنى ئارىلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئېنىقلاپ، ھۆكۈمەت ئاشكارىلاشنى چەكلەۋاتقان قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارىلاۋاتىدۇ. ئۇلار ھەتتا ھايات خەۋپىگە دۇچ كەلگەندىمۇ، يەنىلا دوكلات يېزىۋاتىدۇ ياكى ئۇچۇر توپلاۋاتىدۇ. ئۇلار يازغان دوكلاتلار ئىنتېرنېتكە كىرگەن ھامان پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كېتىدۇ.
خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ئېڭى ئۆسكەنسېرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېت چەكلەش تېخنىكىسى ئارقىدا قالماقتا
2006 - يىلىدىلا خىتايدا ئىنتېرنېت تورلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقان ئادەم سانى 253 مىليونغا يەتكەن ۋە ئۆز ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئىدى.
تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتايدا خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ئېڭى ئۆسكەنسېرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش تېخنىكىسى ئارقىدا قېلىپ، خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقا يېقىندا 'مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش' دېگەن نام بىلەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى جايلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە تاپشۇردى. خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ھازىر 'تورلاردىكى شەھۋانە ئۇچۇرلارنى چەكلەش' دېگەن نام بىلەن خەلقنىڭ ئىلخەتلىرىنى، تور سۆھبەتلىرىنى، ھەتتا تېلېفون ئالاقىلىرىنىمۇ چەكلىمەكتە.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ئېڭىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈشىنى ۋە ھەممە بوشلۇقلاردىن پايدىلىنىش پۇرسەتلىرىنى توسۇپ قالالمايدۇ.