چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: 'ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقان 40 كۈشەندىنىڭ بىرى ‏- خۇ جىنتاۋ'

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان سىياسەتچىلەر، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، دىنىي رەھبەرلەر، قوراللىق گۇرۇھلار ۋە جىنايى تەشكىلاتلاردىن 40 شەخس ۋە گۇرۇھنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ئىدى. بۇ تىزىملىكتىكى شەخسلەرنىڭ بىرى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا تىزىملىكتىكى كىشى ۋە گۇرۇھلارنىڭ قۇدرەتلىك، خەتەرلىك، جىدەلخور ۋە قانۇننىڭ ئۈستىدىكى شەخس ۋە گۇرۇھلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خۇ جىنتاۋنىڭ مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقان سىياسەتچى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، دىنىي رەھبەرلەر، قوراللىق گۇرۇھلار ۋە جىنايى تەشكىلاتلاردىن بولۇپ 40 شەخس ۋە گۇرۇھنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا "ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ 40 كۈشەندىسى" دەپ نام بېرىلگەن. تىزىملىكتىكى بۇ شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ ئاخباراتنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاخباراتنى دۈشمەن ئورنىدا ھېسابلاپ، مۇخبىرلارغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تىزىملىكتىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قارشى 40" كۈشەندە"نىڭ بىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن، چېچەنىستان پرېزىدېنتى قادىروف، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كېرىموف، قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا، ئىران دىنىي رەھبىرى ھامەنىي، تالىبان رەھبىرى موللا ئۆمەرگە ئوخشاش سىياسىي ۋە دىنىي شەخسلەر، سومالى ئىسلامچى گۇرۇھى، ئىسپانىيىدىكى باسك ۋەتەن - ئەركىنلىك تەشكىلاتىغا ئوخشاش قوراللىق گۇرۇھلار بار ئىدى. دوكلاتتا بۇ شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ "قۇدرەتلىك، لېكىن خەتەرلىك، جىدەلخور ۋە قانۇننىڭ ئۈستىدىكى شەخس ۋە گۇرۇھلار" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ۋېنسېنت برۇسسېل مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خۇ جىنتاۋنىڭ مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈش سەۋەبى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بولۇشىدا خۇ جىنتاۋنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ " بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. بىرىنچىدىن، مەتبۇئات ھۆكۈمەت ۋە پرېزىدېنت تەرىپىدىن كومپارتىيە تەشۋىقات بۆلۈمى ئارقىلىق بىۋاستە كونترول قىلىنىدۇ. تەشۋىقات بۆلىمى بولسا خۇ جىنتاۋنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئورگان. سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلار بەزىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك خەۋەرلەرنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى خەۋەر قىلماي، بەزى گېزىتلەرگە چەكلىمە قويۇپ، خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن چەتنەيدۇ. يەنە بىر سەۋەب بولسا، خىتايدا نۇرغۇن مۇخبىرلار تۈرمىگە تاشلانغان. خۇ جىنتاۋ بولسا ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە كۈچ چىقارمىدى. تىبەت ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كىشىلەر يازغان خەۋىرى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى. ئۈچىنچىدىن، ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ناھايىتى ئېغىر. ئىنتېرنېت خەۋەرچىلىكى ناھايىتى ئېغىر چەكلىمە ئاستىدا بولۇپ، بۇنىڭ جاۋابكارلىقى خۇ جىنتاۋدىدۇر"، دەپ كۆرسەتتى.

2009‏ - يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچىدىكى 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ تەسىرىدە ئەڭ ئېغىر زەربە يېگەن ساھەلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر خۇسۇسي تور ئىگىلىكى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە ئۇيغۇر تور بەت ئىگىلىرىنى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە قاراتقان چەكلىمىنى ئاساسەن ھازىرغا قەدەر بىكار قىلمىغان ئىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلاتتا خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ ۋەقەدىكى پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلەپ، "خۇ جىنتاۋ 2009‏ - يىلى 7‏ - ئايدا قارشىلاشقان ئۇيغۇرلارنى شەپقەتسىز باستۇردى. ھۆكۈمەت مەتبۇئاتىدا 'بۆلگۈنچىلەر'گە قارشى سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىلغان مەزگىلدە ئىنتېرنېت بىر قانچە ئاي ئۈزۈپ تاشلانغان"لىقىنى تەنقىد قىلغان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى ۋېنسېنت برۇسسېل خىتاينىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئۇزۇن ۋاقىت تاقىۋېلىشىنى "ئىپتىدائىيلىقتۇر" دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ ": بىز ھازىر شىنجاڭنى بازا قىلغان تور بەتلىرىگە كىرەلمەيلا قالماي، ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىگە مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىگە كىرەلمەيمىز. بىز 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن تور بەتلىرىنىڭ ئاساسەن پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەنلىكى، توسۇۋېتىلگەن ياكى پىچەتلەنگەنلىكىنى بايقىغان ئىدۇق. بۇ دېگەنلىك، دائىرىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرى ناھايىتى ئىپتىدائىي بولۇپ، شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىنىڭ 90 % ى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. "

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىپ، شەپقەتسىز تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدا خۇ جىنتاۋنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ " شۇنداقلا بىز يەنە، تەشۋىقات قوراللىرىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى بىلىمىز. شىنجاڭدىكى گېزىت، رادىئو - تېلېۋىزىيە قاناللىرى بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە شەپقەتسىز تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، رايوندىكى نۇرغۇن كىشىلەر قاباھەتلىك ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. شۇڭا بىزنىڭچە، بۇ قارار خۇ جىنتاۋ تەرىپىدىن چىقىرىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك قارار بولۇپ، رايوندا يۈز بەرگەن پۈتۈن ھادىسىلەردە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى بار" دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تاقاپ، تور باشقۇرغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ئۇنىڭ ئىنتېرنېتكە "كۈشەندە" دەپ ئېلان قىلىنىشىدىكى يىگانە سەۋەب ئەمەس. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە خۇ جىنتاۋنىڭ 2008‏ - يىلى تىبەتتىكى ئىسياننى باستۇرۇپ، تىبەت ۋەزىيىتىگە دائىر سىنئالغۇ، رەسىم ۋە خەۋەر يوللىغان 50 نەچچە تىبەتنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ خىتايدا لىبېرال مەتبۇئاتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆكتىچىلەرنى چەكلەپ، 2008 ‏ - ئاساسىي قانۇن نىزامنامىسىغا ئىمزا قويغان دېموكراتىك زاتلارنى باستۇرغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ باش قوزغىغۇچىسى لى شاۋبونىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، نىزامنامىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.