مەزكۇر قائىدىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى تولغاندىن كېيىن قانداق بولىدۇ ؟ خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر قائىدىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1 - يانۋاردا يولغا قويغان خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى ئاخبارات خىزمەت قائىدىسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەدىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ قائىدىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى ئەتە يەنى 17 - ئۆكتەبىر كۈنى تولىدۇ. بۇ قائىدىدە خىتاينىڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارغا چىقارغان بۇرۇنقى بەلگىلىمىسىگە بەزى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭى قائىدىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا خىتايدىكى ھەر قانداق جايغا رۇخسەتسىز بېرىش، ھەر قانداق كىشىنى رۇخسەت ئالماي زىيارەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىدى.
خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسى ۋە ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى كۇچار ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن 4 - ۋە 10 - ئاۋغۇست ۋەقەلىرىنى ۋاقتىدا ۋە ئۈز جايىدا دۇنياغا خەۋەر قىلالىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، مەزكۇر بەلگىلىمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مەزكۇر قائىدىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى ئەتە يەنى 17 - ئۆكتەبىر كۈنى توشقاندىن كېيىن قانداق بولىدۇ ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قائىدىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئۇزارتامدۇ ياكى بۇرۇنقى چەتئەللىك مۇخبىرلار بېيجىڭدىن باشقا جايلارغا بارسا رۇخسەت ئالىدىغان كونا قائىدىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ ؟
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پات ئارىدا ئەتكەس بولىدىغان مەزكۇر قائىدە توغرىسىدىكى مەيدانى ھازىرغا قەدەر ئېنىقسىز بولۇپ، بۇنىڭغا پات ئارىدا ئىپادە بىلدۈرمىسە مەزكۇر قائىدە 17 - ئۆكتەبىر كۈنى يېرىم كېچە سائەت 12:00 دە ئاپتوماتىك بىكار بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن، لېكىن ئاخبارات قائىدىسىنىڭ ئەتكەس قىلىنىدىغان ياكى ئۇزارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: "مەن كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتمەكچى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ. بىز چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا جۇڭگوغا كېلىپ، خەۋەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قارشى ئالىمىز. ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىمىز. بۇ ھەقتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار بولسا بىز كۆپچىلىكنى تېز ئارىدا خەۋەردار قىلىمىز."
خەلقئارا تەشكىلاتلار بولسا خىتاي دائىرىلىرىنى يېڭى قائىدىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كېڭەيتىش، بۇ قائىدىنى خىتاي ئاخباراتچىلىرىغا تەدبىقلاشقا چاقىرماقتا. مەركىزى نيۇيوركتىكى خەلقئارا مۇخبىرلار قوغداش كومىتېتى خىتاينى ئۆزى چىقارغان قائىدىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان مۇخبىرلار ھوقۇقى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلار كوردىناتورى باب دېيتز پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا بۇ قائىدىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇ قائىدىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باب دېيتز مۇنداق دەيدۇ": ئەگەر خىتاي بۇ قائىدىنى داۋاملاشتۇرسا ياخشى بولاتتى، دەپ قارايمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى،خىتاي بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى. لېكىن ساياھەت ۋە زىيارەت ھەققىدىكى يېڭى قائىدە يولغا قويۇلغان ئەھۋالدىمۇ بىز يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقىمىز مەلۇم. شۇڭا بۇ قائىدە يولغا قويۇلسۇن ياكى كونا قائىدە ئەسلىگە كەلسۇن مۇخبىرلار بەرىبىر ئۆزى خالىغان ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلماي زىيارەت قىلىۋېرىدۇ. بۇ قائىدىگە ئولىمپىك مەزگىلىدە ناھايىتى ئاسانلا خىلاپ ئىشلار يۈز بەردى. بۇ قائىدىگە قارىماي 3 - ئايدىكى تىبەت ئىسيانى باستۇرۇلغاندا تىبەتكە ساياھەت قىلىش چەكلەندى. قولىمىزدا بۇ قائىدىگە خىلاپ نۇرغۇن پاكىتلار بار. خىتاي خەلقى غەربلىك مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلسا ساقچىلار سۈرۈشتۈرىدىغان ۋەقەلەر سادىر بولدى. گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا بىز بۇ قائىدە داۋاملاشتۇرۇلسا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىمايمىز".
خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەرنى قايغۇغا سېلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى بولۇپ، بۇ بالىلار سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدە كۆرۈلگەن ئىدى. "ئامېرىكا نيۇيورك ۋاقتى" گېزىتىدە پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە ئاخبارات كونترولى خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى سەتچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئىمكانسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەسلى 2008 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاينىڭ "جەنۇب ھەپتىلىك ژورنىلى" خىتاي سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى مېلامىن ماددىسىنى پاش قىلىدىغان بىر دوكلات تەييارلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىكتىكى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ خەۋەرنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، دوكلاتنىڭ ژورنالدا ئېلان قىلىنىشىنى چەكلىگەن ئىدى. " نيۇيورك ۋاقتى " گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە " بۇ ۋەقە شۇنى كۆرسىتىدىكى، خىتاينىڭ ئاخبارات كونترولى مەتبۇئاتنىڭ بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشىنى ئىمكانسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا " دەپ تەكىتلىگەن.
خەلقئارا مۇخبىرلار قوغداش كومىتېتىدىكى باب دېيتز، بۇنىڭ تىپىك ئۆرنىكى بالىلار سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ، " بالىلار سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىنى خەۋەر قىلىش مەسىلىسىدە خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەقەنى خەۋەر قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك جايلارنى زىيارەت قىلىشى چەكلەندى. بىزنىڭ يەنە بىر چوڭ ئەندىشىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان يېڭى قائىدە خىتاي مۇخبىرلىرىغا تەدبىقلانمىدى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر، ئۇلار يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا خىزمەت قىلماقتا. بولۇپمۇ ئالاھىدە ۋەقەلەردە بۇ تۈردىكى نازارەت ناھايىتى كۈچلۈكتۇر " دەپ كۆرسەتتى. باب دېيتز "چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلىش خىتاي خەلقى ئۈچۈن يەنىلا خەتەرلىك" ئىكەنلىكىنى، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلغان پۇقرالارنىڭ سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇ يەنە يېڭى قائىدە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك دائىرىلەر چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدىغان، چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلالايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ رايوننىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دېيتز مۇنداق دەيدۇ": مېنىڭچە، قەشقەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا سۆھبەت ئېلان قىلغانلىقى خىتاينىڭ ئاخبارات يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللاردا يەنىلا بىر ئۆزگىرىش بولمىدى".
ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا ۋە ئولىمپىك باشلانغان دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچى كۈچلەر خىتاينىڭ قەشقەر ۋە كۇچادىكى ھەربىي ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغان قىلىپ، 4 - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەدە خىتاينىڭ 16 نەپەر چېگرا مۇداپىئە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ۋەقەلەر مۇناسىۋىتى بىلەن كۇچا ۋە قەشقەردىكى يەرلىك دائىرىلەر رايوندىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچى كۈچلىرىنى " تېررورچىلار" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
خىتاينىڭ يېڭى ئاخبارات قائىدىسى ئەتكەس بولۇش ھارپىسىدا بەلگىلىمىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان ئورگانلار يالغۇز مۇخبىرلار قوغداش تەشكىلاتى ئەمەس. شۇ كۈنى مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بەلگىلىمە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قائىدىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئۇزارتىش، بۇ قائىدىنى يەنە خىتاي مۇخبىرلىرىغا تەدبىقلاشنى تەلەپ قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مۇدىرى سوفىيە رىچاردسېن، "ئولىمپىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئەركىنلىك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئېغىر مەسىلىلەر بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قائىدە خىتاي قانۇنىدىكى خەۋەر ئەركىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېڭى ۋە يۇقىرى بىر ئۆلچەمنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن مەزكۇر قائىدىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە بۇنى خىتاي مۇخبىرلىرىغا تەدبىقلاش ئولىمپىك مىراسلارنىڭ بىر بولۇپ قالغۇسىدۇر" دەپ تەكىتلىگەن.