خىتايدىكى باي ‏ - كەمبەغەللىك پەرقى "ئىناق جەمئىيەت" ۋە تۇراقلىق ئىقتىسادى ئىگىلىك ھاسىل قىلىشنىڭ توسالغۇسى

دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا ئەھۋالى ھەققىدە تەييارلاپ ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان دوكلاتنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قولىغا چۈشكەن بولۇپ، دوكلاتتا خىتايدىكى باي ‏ - كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرق ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇراقلىق بازار ئىگىلىكى ھاسىل قىلىشتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن.

0:00 / 0:00

"خىتاي ئىقتىسادى ئېكسپورتقا تايىنىپ قالغان"

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىنىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا تىجارەتچىلەر گەۋدىسى، خىتاينى سالامەتلىك، مائارىپ ۋە پېنسىيە جەھەتلەردىكى سىېلىنمىسىنى كۆپەيتىشكە چاقىرغان ھەمدە بۇنىڭ بىلەن خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئىستېمال نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئېكسپورتقا كۆپرەك تايىنىپ قالغان ھەمدە چەتئەل بازارلىرىدا ئاستىلاش كۆرۈنگەندە ئاسانلا زەربىگە ئۇچرايدىغان ھادىسىلەرنى كېمەيتكىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 193 بەتلىك بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تۇراقلىققا تەھدىت سېلىپ تۇرۇۋاتقان ۋە خىتاينىڭ "ئىناق جەمئىيەت" بەرپا قىلىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىقتىسادى ئىگىلىكىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ئىجتىمائىي قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتايدا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى جەھەتتە خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە دۇنيا سودا تەشكىلاتى دوكلاتىدا بېيجىڭنىڭ سودا ئىستراتېگىيىسىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى جەھەتتە خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ھەمدە يېمەك - ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ پۇل پاخاللىقىنىڭ 7.1 پىرسەنتكە يېتىپ 11 يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەكنى كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، دوكلاتتا خىتاينىڭ پۇل مۇئامىلە ئىگىلىكىدە ئېكسپورتقا تايىنىپ قالغان ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى بىر قەدەر مۇستەقىل سودا سىستېمىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن ھەمدە بۇنىڭ بىلەن خىتايدا پۇل پاخاللىقى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ خىتاي پۇلىنىڭ دوللارغا ئالماشتۇرۇش قىممىتىدە 1.6 پىرسەنت ئۆرلەش بولغانلىقى قوشۇمچە قىلىنغان ھەمدە بۇنىڭ خىتايدىكى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ساھەسى ئارىسىدا ئىختىلاپلار مەۋجۇت

دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ماللىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇپ كەلگەچكە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا سودا ساھەسىدە قىزىل رەقەم يىلدىن ‏ - يىغا ئېشىپ كەلمەكتە.

مۇشۇ مەسىلە تۈپەيلى ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ساھەسى ئارىسىدا نۇرغۇن ئىختىلاپلار كېلىپ چىققان ھەمدە بۇ دۆلەتلەر خىتاينى ئوز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە قىستاپ كەلمەكتە.

"باي ‏ - كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرق ھەل قىلىنماي تۇرۇپ ، خىتايدا "ئىناق جەمئىيەت" بەرپا قىلغىنى بولمايدۇ"

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە يەنە، دوكلاتتا خىتايدىكى ئىپتىدائىي پۇل - مۇئامىلە بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىت مەسىلىسى، شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسى ئارىسىدىكى تاپاۋەت جەھەتتىكى پەرق قاتارلىقلارنىڭ، خىتاي ئىقتىسادى ساھەسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نېگىزلىك مەسىلىلەر ئىكەنلىكى قايتا تەكىتلەنگەن بولۇپ، يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ، دوكلاتتا ئەگەر خىتايدىكى ئاشكارا ھەمدە كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلە بولغان باي ‏ - كەمبەغەللىك ئارىسىدىكى پەرق ھەل قىلىنماي تۇرۇپ ، خىتايدا "ئىناق جەمئىيەت" ۋە تۇراقلىق ئىقتىسادى ئىگىلىك ھاسىل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى خۇلاسىلانغان.