'خىتايدا ئىقتىسادلا ئەمەس، چىرىكلىكمۇ تەرەققىي قىلماقتا'

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بىرى چىرىكلىك مەسىلىسىدۇر؛ بۇ 1989 ‏- يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىدىمۇ مۇھىم بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ يېقىنقى ئىككى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىمۇ، چىرىكلىك مەسىلىسى بۇندىن كېيىن ھەل قىلىنىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، خىتاي جەمئىيىتىدە چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ تۈگىمەيۋاتقانلىقى، ئەكسىچە تېخىمۇ ئۇلغىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تۈنۈگۈن، خىتاينىڭ دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ھەققىدە تور ئابونتلىرىدىن پىكىر ئېلىش ھەرىكىتى باشلىغان. ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان پىكىر ئېلىش سەھىپىسىدە ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلنى زىيارەت قىلىشنىڭ پايدا ‏- زىيىنى ۋە ئەگەر ئۇ زىيانلىق دەپ قارالسا، بۇنى چەكلەشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە مەسلىھەت سورالغان.

خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ھۆكۈمەت بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئۇشتۇمتۇتلا ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس، پەقەت ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇ ھەقتىكى شىكايەت ۋە ئىنكاسلاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان؛ چۈنكى 2008 ‏- يىلى يىل ئاخىرىدا خىتاي تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس ۋە تەنقىدلەر ئوتتۇرىغا چىققان؛ ئىنكاسلاردا پاش قىلىنىشىچە، جياڭشىنىڭ شىيۈ شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئامېرىكا ۋە كاناداغا خىزمەت ئۈچۈن تەكشۈرۈشكە كەلگەن. ئەمما 13 كۈنلۈك زىيارەت داۋامىدا پەقەت بىر كۈنلا خىزمەتكە ئالاقىدار زىيارەت ئېلىپ بارغان؛ قالغان كۈنلەردە ئامېرىكىدىكى داڭلىق سەيلىگاھ ھاۋاي ئارىلى ۋە داڭلىق قىمار شەھرى لاسۋېگاستا كۈن ئۆتكۈزگەن.

جېجياڭنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدىكى بىر تەربىيىلەش گۇرۇپپىسىمۇ، 20 كۈننى يۇقىرىقى ئىككى سەيلىگاھ ۋە قىمارخانىدا ئۆتكۈزگەن. بۇ ئاتالمىش تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ بارلىق يول راسخوتلىرى، ياتقان مېھمانخانىلىرى ۋە پاسپورتلىرىنىڭ فوتو كوپىيىسى پاكىت سۈپىتىدە ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان. ھۆكۈمەت تەنقىدكە ئۇچرىغان؛ مەسىلە پاش بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئاشكارا ھالدا مەزكۇر تەنقىدنى قوبۇل قىلمىغان؛ ئەمما 2009 ‏- يىلىنىڭ بېشىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ؛ ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلنى زىيارەت قىلىش ۋە چەتئەلدە تەربىيىلىنىشنى چەكلىگەن.

2009 - يىلى 4 ‏- ئايدا ھۆكۈمەت بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، يېڭى تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، چەتئەل زىيارىتىنىڭ 49% تۆۋەنلىگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق بىر مىليارد 630 مىڭ يۈەن تېجەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. شۇ قېتىمقى دوكلاتتا يەنە، ئورۇنسىز ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلنى زىيارەت قىلىش دېلوسىدىن 165نى پاش قىلغانلىقى، دېلوغا 634 كىشىنىڭ چېتىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 187 كىشىگە چارە كۆرۈلگەنلىكى ۋە بۇلار كەلتۈرگەن زىياننىڭ 9 مىليون 880 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەمما مۇلاھىزىچىلەر بۇ دوكلاتتىكى مەلۇماتلارنىڭ، خىتايدىكى مەزكۇر ۋەزىيەتنىڭ ئوڭشالغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئەمەسلىكىنى، پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېتتىكى نارازىلىقنىڭ ئاممىۋى قارشىلىققا ئايلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈنلا، ئالداش خاراكتېرىدىكى تەدبىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەتئەلنى زىيارەت قىلىش ۋە چەتئەلدە تەربىيىلىنىش، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا ئاز- تولا ھوقۇق تۇتقان كىشىلەر ئارىسىدا قوزغالغان بىر ئويۇن- تاماشا دولقۇنى. شۇنداقلا بۇ يەنە، خىتاي ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى كونا بىر كېسەلنىڭ يېڭى بىر ئالامىتى، يەنى 1980 ‏- ۋە 90 ‏- يىللاردىكى ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش ئىسراپچىلىقىنىڭ، يېڭى دەۋردىكى تەرەققىي قىلغان بىر شەكلى. ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئىقتىسادلا ئەمەس، چىرىكلىكمۇ تەرەققىي قىلماقتا. بۇ چىرىكلىكنىڭ ئالاقە تورلىرى دۆلەت سىرتىغا قاراپ كېڭەيمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ چىققان خىتاي مۇھاجىرلار ئۆز دۆلەتلىرىدە ساختا تەربىيىلىنىش كۇرسى ۋە ساختا تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرماقتا، ئۇلار خىتايدىكى ئەمەلدارلار بىلەن شېرىكلىشىپ، بۇ تۈردىكى تەكشۈرۈشلەردىن نەپ قازانماقتا.

يەنە ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تۈردىكى زىيارەتلەرنىڭ مەنزىلى زىيارەتچىلەرنىڭ ئەمىلىگە قاراپ پەرقلىق بولماقتا. ئادەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلار ئامېرىكا ۋە كانادادا، ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەكلىرى ياۋروپادا، ناھىيە دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بولسا خوڭكوڭ ۋە ئاۋمىندا زىيارەت ئېلىپ بارماقتا.

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يۇقىرىقى مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىپادىلىنىشى يەنە پەرقلىق بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا خىزمەت كۆرسەتكەن ئەمەلدار ۋە بەشتە ياخشى دىنىي زاتلار خىتاي ئۆلكىلىرىنى زىيارەت قىلماقتا. خىتاي ئەمەلدارلىرى لاسۋېگاسنى زىيارەت قىلغىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارلار، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىلىرىنى كەزمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.