خىتايدا چېرىكلىكنىڭ ھىمايىچىلىرى مەركەزدە

6-سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى ۋە فرانسىيە ئاۋازى رادىئولىرى ھەمدە ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا خىتايدىكى چېرىكلىك مەسىلىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ماقالە ۋە خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي كوممۇنىستلىرى چېرىكلىكنى چەكلىيەلمەيدۇ» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىشىشى بارغانسېرى كۈچەيگەن. گەرچە كومپارتىيە داۋاملىق چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش شوئارىنى توۋلاپ تۇرسىمۇ، چېرىكلىك ھادىسىلىرىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمەيدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، خىتايدا مۇستەقىل نازارەت قىلىش ئورگىنى مەۋجۇت ئەمەسكەن، ئەكسىچە خىتاي مەركىزى كومىتېتىدا چېرىكلىككە قارشى ھەرىكەتكە توسالغۇ بولىدىغان كۈچ مەۋجۇت ئىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 800 نەپەر خىزمەتچىسى بولغان خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پەقەتلا كومپارتىيىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان ئورگان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چېرىكلىك ھادىسىلىرى ئۈستىدىن ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ئىنتايىن تەسكەن. پارا قوبۇل قىلىش ۋە باج ئوغرىلاش بۇ يىل خىتاي ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 15% ئىنى ئىگىلەپ بولغان. خەلق گېزىتىنىڭ 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى مەلۇماتىغا كۆرە، بۇ يىل ئىچىدە چەتئەلگە قاچقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى 4 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئېلىپ كېتىلگەن پۇلنىڭ سانى 500 مىليون دوللارغا يەتكەن. 1990-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر خىتايدىن چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ساقچى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئومۇمى سانى 1800 كىشىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆتۈرۈپ كەتكەن بايلىقىنىڭ قىممىتى 124 مىليارد دوللاردىن ئاشقان.

بېيجىڭدىكى خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ستېفان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېرىكلىك كېسىلى خىتاينىڭ ھەممىلا ساھەسىگە يامرىغان ۋە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر كېسەللىك بولۇپ، ھازىر بېيجىڭ كوچىلىرىدا مېڭىپ يۈرگەن گېرمانىيىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلار ئىكەن. خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى رىچارد ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن خىتايلار ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن، باج ياكى تاموژنا ئورگانلىرىدىن خىزمەت تېپىشقا تىرىشىدىكەن. چۈنكى، بۇنداق جايلاردا پارا ئالغىلى، ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلغىلى، بۇ ئارقىلىق بېيىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. بۇ جايلار تۈگىمەيدىغان بايلىق مەنبەسى ھېسابلىنىدىكەن. رىچارد ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ «مەسىلە يۇقىرى قاتلامدا» دېگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى يەنە بىر جەھەتتىن بۇ خىلدىكى چېرىكلىك ھادىسىلىرىدىن قورقۇپ تۇرىدىكەن. چۈنكى ئاددىي پۇقرالار بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى چېرىكلىك بولۇپ، خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. خىتايدىكى چېرىكلىككە قارشى ئورگانلار بىرەر ئەمەلدار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى بولسا، مەركەزنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەككەن. مەركەز بولسا، ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ياكى قارشى ئېلىنمايدىغان شەخسلەرنىڭلا تەكشۈرۈلۈشىگە تەستىق سالىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دېگەن بۇ ئورگاننىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى قوغداشتىن باشقا رولى يوقكەن.

گېرمانىيە خرىستىئان دىنى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 6-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە فېدىرال جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى بېرند نويمان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ «كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر، سىستېمىلىق تاجاۋۇز قىلغۇچى» دېگەن. ئۇ، 6-سېنتەبىر كۈنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ خەلقئارا يازغۇچىلار بىرلەشمىسى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا ليۇ شاۋبو ۋە ئەي ۋىيۋېي مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەنئەتكارلار ۋە زىيالىيلارنى قولغا ئېلىش قىلمىشلىرى، سەنئەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دېگەن.

فرانسىيە ئاۋازى ۋە گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 6-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە كۆرە، خىتايدىكى 36 ياشلىق بلوگ يازغۇچىسى مىخائىل ئانتى گېرمانىيىنىڭ م100 مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مىخائىل ئانتىنىڭ ئەسلى ئىسمى جاۋ جىڭ بولۇپ، بېيجىڭدا ياشايدىكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى چېرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى تۇرغانلىقى، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن گېرمانىيىنىڭ م100 مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن. گېرمانىيىنىڭ م100 مۇكاپاتى دېگەنلىك ئاخبارات ساھەسىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە بېرىلىدىغان خەلقئارالىق مۇكاپات بولۇپ، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 8-ئاۋغۇست كۈنى پوتىسدامدا ئۆتكۈزۈلمەكچى. بېيجىڭلىق زىيالىي جاۋ جىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي بلوگى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، مىخائىل ئانتى دېگەن ئىسىم بىلەن ھەرخىل تور بەتلىرىدە دېموكراتىيە ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ كەلگەن.