خىتاينىڭ ئۆزىدىلا بۇ خىل زۇكام ۋىروسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىغا دائىر 3000 دىئاگنوز قويۇلغان. ئىنسانلارغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان چوشقا زۇكامى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق H1N1 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەييارلىقلار مۇھاكىمە يىغىنى، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئېچىلماقتا. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 21 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتلار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە چوشقا زۇكامى ئاتالغان H1N1 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا تارقىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي بولماقتا.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى مۇھاكىمە يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا، "ئىنسانلار ئالدىمىزدىكى ئايلاردا H1N1 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسنىڭ يەنە بىر يۇقىرى باسقۇچلۇق تارقىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ، شۇ ۋەجىدىن دۇنيا مىقياسىدا دۆلەتلەر ئۆز تەۋەلىكىدە چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىشنى تىزگىنلەش، ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى تېخىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىشى كېرەك " دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىگە قارىغاندا، كېلەركى بىر قانچە ئايدا شىمالىي يېرىم شار قىش پەسلىگە كىرىدۇ، قىش پەسلى بولسا يۇقۇملۇق زۇكام ۋىروسىنىڭ ئەڭ تارقىلىشچان پەسلى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىشىدا يەنە يۇقىرى يۇقۇم دولقۇنى كۆتۈرۈلۈشى مۇقەررەر.
نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەت ھەم رايونلار چوشقا زۇكامىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق ئوخشاش بولمىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن قەتئىي نەزەر، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش، دورا -ئوكۇل،ۋاكسىنىسى، سەھىيە ئەسلىھەلىرى تەييارلىقىنى ئالدىن تولۇقلاش، جىددىي تارقىلىش ۋەزىتىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان تەييارلىق بولۇشى كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەربىي تىنچ ئوكيان رايونى بۆلۈمى باشلىقى شېن يىشۇنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە " دۇنيا مىقياسىدا چوشقا زۇكامى تارقىلىپ ھازىرغىچە بولغان تەتقىقات ھەم تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىشى ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەم جىددىي بولىدۇ، بۇ خىل H1N1 تىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگۈچىلەر سانى ئۆرلەيدۇ، ھەر قايسى دۆلەت ھەم رايونلاردا ئىنسانلارغا قارىتا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، تىببىي جەھەتتىكى تەييارلىقنى پۇختا ئىشلەش، كېسىلى ئېغىر يۇقۇمدارلارنى قۇتقۇزۇش ھەم قوغداشنى جىددىي ئېلىپ بېرىش، ئادەملەرنىڭ بىھۇدە كۆپ ئۆلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك."
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ستاتستىكىلىق دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئاپرىلدىن باشلاپ چوشقا زۇكام تارقىلىپ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا،دۇنيا مىقياسىدا چوشقا زۇكام بىلەن ئۆلگەن ئىنسانلار 1800گە يەتكەن.
خىتايمۇ دۇنيادا چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ھازىرغا قەدەر خىتايدا چوشقا زۇكام يۇقۇمدارى دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلار 3000گە يەتكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى خىتايدىكى چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: "خىتايدىكى چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ سان جەھەتتىكى ئۆرلەش ئەھۋالى تۇراقلىق كېتىپ بارىدۇ، بۇنىڭدىن خىتايدا چوشقا زۇۇكۇمىنىڭ تارقىلىشنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۈۋېلىشقا بولىدۇ،" دېگەن.
دۇنيادىكى ئىنسانلار نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرى ياشاۋاتقان غايەت زور نوپۇسلۇق دۆلەت خىتايغا نىسبەتەن بۇ قېتىم چوشقا زۇكام تارقىلىشى تېز تەسىر كۆرسەتتى، خەلقئارادا گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى چوشقا زۇكۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئىلگىرىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقىلىش ۋەزىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن جىددىيرەك تەدبىر ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ قوللانغان يۇقۇمدارلارنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىكتىن ھالقىغان قاتتىق تەدبىرلىك كارانتىن قىلىش ھەرىكەتلىرى دۇنيانىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى ھەمدە خىتاينىڭ يۇقۇمدار ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ھەم ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئالدىمىزدىكى ئىككى يىل ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا ئىككى مىليارد ئادەمنىڭ يەنى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ چوشقا زۇكامدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چوشقا زۇكام 170 دۆلەتتە تارالغان يۇقۇمدارلار 182 مىڭ 166 نەپەرگە يەتكەن.
ھەر ئېھتىمالغا قارشى، نۆۋەتتە چوشقا زۇكامىغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىدى، ۋاكسىنىنىڭ مۇسبەت ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى بىلەن چوشقا زۇكامىغا قارشى ئىنسانلاردا ئۈمىد پەيدا بولدى ھەم ئىلگىرىكى چوشقا زۇكام پەيدا قىلغان ۋەھىمە ئاجىزلىدى. ئامېرىكىنىڭ چوشقا زۇكامىغا قارشى ئېلىپ بارغان كىلىنىكىلىق تەجىرىبىسى غەلىبىلىك بولدى. نۆۋەتتە 6 ئايلىقتىن يۇقىرى 17 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئىككى قېتىمدىن ۋە يەنە ھامىلدارلارغا ئاۋال ۋاكسىنا يەتكۈزۈش ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كېلەر ئايدا كەڭ كۆلەملىك ۋاكسىنا ئەملەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، چوشقا زۇكامىغا قارشى ۋاكسىنا تەييارلاشقا ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەنلىكى ھەمدە بۇ جەرياندا تارقىلىش سۈرئىتى جىددىي بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن قىسقا ۋاقىتتا بارلىق جايلارغا ۋاكسىنا يەتكۈزۈش رىقابەتكە ئۇچرىماقتا.