خەلقئارانىڭ تەنقىدىدىن كېيىن خىتاي چوشقا زۇكىمىدا ئۆلگەنلەر سانىنى قايتا ئېلان قىلدى

خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتاينى "چوشقا زۇكىمىنىڭ خىتايدىكى تارقىلىش ئەھۋالىنى يوشۇردى" دېگەن ئەيىبلىشىدىن كېيىن، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم ختايدىكى چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى دۇنياغا ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن، 1 - دېكابىر كۈنى كەچتە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى لياڭ ۋەننيەن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگە قەدەر خىتايدا 178 ئادەمنىڭ چوشقا زۇكىمى سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكىنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 91 مىڭ 393 كە يەتكەنلىكىنى، بۇلاردىن 72 مىڭ 306 ئادەمنىڭ داۋالىنىپ ساقايغانلىقىنى، 6 مىڭ 821 ئادەمنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، 12 مىڭ 88 ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىۋېتىلىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ سان خىتاينىڭ 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئېلان قىلغان،" خىتايدا چوشقا زۇكىمى بىلەن ئۆلگەنلەر سانى 53 نەپەر" دېگەن سانىنىڭ 3 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ " خىتاي ھۆكۈمىتى چوشقا زۇكىمىدا يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇردى" دەپ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ساننى ئېلان قىلغان.

خىتايدىكى ئاتاقلىق نەپەس كېسەللىرى مۇتەخەسسىسى جۇڭ نەنشەن ئەپەندىمۇ ئوتكەن ھەپتە، " جەنۇبىي جۇڭگو گېزىتى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان چوشقا زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە،" بەزى يەرلىك ئورۇنلار چوشقا زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن كىشىلەرنى ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەن دەپ يالغان مەلۇمات بېرىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چوشقا زۇكىمىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇشىغا ياردەمدە بولدى" دەپ كۆرسەتتى. جۇڭ نەنشەن ئەپەندى يەنە 2003 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى سارىس كېسىلىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش قىلمىشىنى پاش قىلغانلاردىن بىرى ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى كەچتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىشخانا مۇدىرى لياڭ ۋەننيەن نۆۋەتتە چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، قىش پەسلىنىڭ كىرىشى بىلەن خىتايدا چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلىدىغان كىشىلەر سانىنىڭ بەلكىم تېخىمۇ كۆپىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا چوشقا زۇكىمىنى كونترول قىلىش قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان چوشقا زۇكىمى ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇشنى خالايدىغان كىشىلەر ھازىرغىچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىشخانا مۇدىرى لياڭ ۋەننيەننىڭ 1 - دېكابىر كۈنى بىلدۈرۈشىچە، 29 - نويابىرغىچە خىتايدا 56 مىليون ئادەم چوشقا زۇكىمى ۋاكسىنىسى ئەملەشكە سەپەرۋەر قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە چوشقا زۇكىمى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزغانلار 26 مىليون 250 مىڭ ئىكەن.

لياڭ ۋەننيەن خىتايدا ياسالغان چوشقا زۇكىمى ۋاكسىنىسىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ،سىناق تەرىقىسىدە ئۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاكسىنىدا ئەكس تەسىر كۆرۈلگەن كىشىلەرنىڭ 2867 ئىكەنلىكىنى، بۇ ساننىڭ ۋاكسىنا ئۇرۇلغان كىشىلەر سانىنىڭ ئاران 100 مىڭدىن 31 ىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىرغىچە خىتايدا ۋاكسىنا ئۇرغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى 4 نەپەر بولۇپ، لياڭ ۋەننيەن بۇ كىشىلەرنىڭ جەسىتىنى يېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملىگەنلىك سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتايدا كىشىلەر يەنىلا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنىنى ئىشەنچسىز دەپ قارايدىغان بولۇپ، ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇشنى خالايدىغانلار يەنىلا ئاز ئىكەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى يۇقىرى بولغان رايونلاردىن بولۇپ، بۇ ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا چوشقا زۇكىمى ۋاكسىنىسى ئۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە چوشقا زۇكىمى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇشنى رەت قىلىپ ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇش جەدۋىلىنى تولدۇرمىغان.

خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 8 - نويابىردىكى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل دۇنيا بويىچە چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىليون كىشىگە يەتكەن بولۇپ، 6000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ساننىڭ چوشقا زۇكىمىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت چوڭ مۇز تاغنىڭ كىشىلەرگە كۆرۈنگەن كىچىككىنە بىر پارچىسىلا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.