نورۋېگىيىدە بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆتكەن يىلى مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خىتاي پۇقراسى ليۇ شاۋبونىڭ كېيىنكى تەقدىرى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيىنى ياقلىشىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر يېزىلىشقا باشلىغان.
ئۆتكەن يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتايدىكى ئاكادېمىك، يازغۇچى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەشكۈچى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن نورۋېگىيىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تەرەپتىن جازالاشنى قارار قىلغان بولۇپ، جازالاش ھەرىكىتىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىپ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىققا مەجبۇرلىغان ئىدى.
ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيامۇ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان بولۇپ، ھېلىھەم ئۇنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان.
پەقەت بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا ليۇ شاۋبو داليەندىكى دادىسىنىڭ ئۆلۈم مەرىكىسىگە بېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇ يەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنغان ۋە شۇ چاغدا ئىنىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان، لېكىن ئۇ ئاكىسى ليۇ شاۋبونىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كېيىنكى يىللاردا خىتايدىكى يۈزلىگەن سىياسىي ئاكتىپلار ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۆرۈشكۈچىلەر قولغا ئېلىنغان، تۈرمىلەرگە تاشلانغان ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇسلارنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمەي ياكى ئادۋوكات تۇتقۇزماي ئالتە ئايغىچە مەخپىي تۈرمىلەرگە سولاپ قۇيۇشنى قانۇنى بىر شەكىلدە يولغا قۇيۇشقا باغلىغان.
2008-يىلدىن كېيىن ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلاشتى
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئۆتكەن يىلى تارقىتىلغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىدىن كېيىن باشقا سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ ئەھۋالى ليۇ شاۋبو ئەر-خوتۇنلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يامانلاشقان. يۈزلىگەن سىياسىي ئاكتىپلار قولغا ئېلىنغان، تۈرمىلەرگە تاشلانغان ھەم ھەر دائىم پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ كۆپلىرى مىسىر ۋە تۇنىستا دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭدا بىر جىددىيلىك ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇپ،ئۇ يەردىمۇ بۇ خىل دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى ھەر زامان مەۋجۇت ئىكەن.
ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرىدىن دىئالوگنىڭ خىتاي ئالىي سوتى ۋە دۆلەتلىك ئادۋوكاتلاردىن ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008-يىلدىن كېيىن تۇتۇلغان سىياسىي تۇتقۇنلار ۋە كېسىم كېسىلگەنلەرنىڭ سانى يەنىلا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.
ئۆتكەن يىلىلا 1045 ئادەم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك گۇناھى بىلەن قارىلىنىپ قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 670 ئادەملا ئوچۇق سوتتا سوتلانغان.
مەخپىي تۈرمىلەر كۆپەيمەكتە
نورۋېگىيىدىكى ئوڭچىلار پارتىيىسىدىن جان تۆرە ساننەر مۇنداق دەيدۇ:
-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ھەرىكەتلىرىگە ھەر دائىم قاتتىق زەربە بېرىۋاتقانلىقى ئادەمنى ئىنتايىن ئەنسىرىتىدىغان ئەھۋال. مەن نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز دېموكراتىك ھەم تىنچ دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز. لېكىن، بىزنىڭمۇ باشقىلارنى زوراۋانلىقتىن ۋە دىكتاتورىدىن توسۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى سىياسىي سىستېمىسى پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزى مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلار ساقچىلارغا ھوقۇقنى ئەركىن بېرىپ ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق دۆلەت پۇقرالىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
يېڭى قانۇن لايىھىسى ماقۇللانمىغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار جىنايەت گۇماندارلىرىنى ۋە سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئالتە ئايغىچە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمەستىن، ئادۋوكات بىلەن ئالاقىلاشتۇرماستىن تۈرمىلەرگە سولاپ قويالايدۇ. جان تۆرە ساننەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزەتكۈچى ئورگانلار بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇشقا باشلىغان.
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى نورۋېگىيىدىكى نوبېل كومىتېتى، نوبېل ئىنستىتۇتى ۋە ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
يېقىندا ئىگىلەنگەن مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
بۈگۈن نورۋېگىيە ۋاقتى سائەت 11 دە 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار لىبىرىيىلىك ئەللەن جوھنسون سىرلەئاف ۋە لەيماھ گبوۋە ھەم يەمەنلىك تاۋاككۇل كارمان خانىملاردىن ئىبارەت ئىكەن.