'خىتاي ئەقلىي مۈلۈككە تاجاۋۇز قىلىدىغان سودا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك'

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سودا كومىتېتى ئاچقان خىتاينىڭ سودا ۋە مۈلۈك سىياستى ھەققىدە پىكىر ئاڭلاش يىغىنىدا، ئامېرىكا - خىتاي سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كرىستىن مۇرك قاتارلىق كىشىلەر، خىتاينىڭ خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان سودا سىياستىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىساتشۇناس خې چىڭليەن خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ مۇۋاپىق پىكىرىنى ئاڭلايدىغان - ياكى ئاڭلىمايدىغانلىقى ۋە ئاخىرقى نەتىجە قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سودا كومىتېتى 6‏ - ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى خىتاينىڭ ھازىرقى سودا ۋە مۈلۈك سىياستى ھەققىدە پىكىر ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، ئامېرىكا - خىتاي سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كرىستىن مۇرك، ئامېرىكىنىڭ سودىدىكى جىددىيلىكنى بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى كولمان كوھن، ئامېرىكىنىڭ خىتاي سودا - تىجارىتى مەسلىھەتچىسى كوھن فرېسبى قاتارلىق كىشىلەر، خىتاي ھازىر دۆلەت ئىچىدە خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە خىتاينىڭ ھازىرقى خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان سىياستىنى ئۆزگەرتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

'خىتاي ئۆزىنىڭ شىركەتلىرىگە مەنپەئەت بېرىپ، چەتئەل شىركەتلىرىنى چەتكە قېقىشقا باشلىدى'

ئامېرىكا - خىتاي سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كرىستىن مۇرك بۇ يىغىندا 'خىتاي 2009‏ - يىلىدىن باشلاپ ' ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش' دېگەن سودا سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن 'ھۆكۈمەت سېتىۋالىدىغان ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق ياراتقان مەھسۇلاتلار تېزىملىكى' تۈزۈش چىقىپ، خىتاي ئۆزىنىڭ شىركەتلىرىگە مەنپەئەت بېرىپ، چەتئەل شىركەتلىرىنى چەتكە قېقىشقا باشلىدى' دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىنىڭ سودىدىكى جىددىيلىكنى بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى كولمان كوھن يىغىندا 'خىتاينىڭ بۇنداق سودا سىياسىتى ئارقىلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېتىۋېلىش تېزىملىكىگە كىرىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەتمەكتە' دەپ كۆرسەتتى.

'خىتايدا يۇمشاق دېتاللارنىڭ 79%ى سېتىۋېلىنماي، ئوغرىلىقچە كوپى قىلىنغان'

سودا يۇمشاق دېتاللىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى روبېرت خولېيمان يىغىندا 'خىتايدا بۇلتۇر قوللىنىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ 79%ى پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىنماي، ئوغرىلىقچە كوپى قىلىنغان. خىتاينىڭ خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش سەۋىيىسى بۇرۇن رۇسىيىدە ۋە ھىندىستاندا بۇنداق ھادىسنى سادىر قىلغان ئىقىتىسادىي گەۋدىنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆپ يۇقىرى ۋە قوللانغان ئۇسۇلى قەبىھ' دەپ كۆرسەتتى.

ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چارلىس فرىمانمۇ يىغىندا بۇ پىكىرلەرنى دەلىللەپ كۆرسەتتى.

'ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشمىسا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆزى ھەرىكەت قوللىنىدۇ'

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ساندېر لېۋىن ' خىتاينىڭ ھازىرقى بۇنداق سودا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىدىغان بىر پۇرسەت بار، ئۇ بولسىمۇ يېقىندا ئېچىلىدىغان 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى، ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشمىسا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆزى ھەرىكەت قوللىنىدۇ' دەپ كۆرسەتتى.

ساندېر لېۋىننىڭ خىتاينىڭ سودا سىياسىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى تەھدىت مۇقامىغا يەتتى

ۋولت ستېرىت يازغۇچىسى لان تاللېينىڭ 'دوۋ جون' خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا 'ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ساندېر لېۋىننىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى سودا سىياسىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى تەھدىت مۇقامىغا يەتتى' دەپ كۆرسەتتى.

'خىتاينىڭ خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىسى، يېقىنقى يىللاردىلا باشلانغان مەسىلە ئەمەس'

ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىمنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىسى، يېقىنقى يىللاردىلا باشلانغان مەسىلە ئەمەس، بۇنداق ھادىسە خىتايدا، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش - ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش دېگەن سىياسەت يولغا قويۇلغاندىلا باشلانغان. 90‏ - يىللاردىلا، چەتئەل مەبلەغلىرى بۇ مەسىلىنى سېزىپ ۋە بۇنىڭدىن خالى بولۇشنى ئويلىغان.

مەسىلەن، گېرمانىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرى شۇ ۋاقىتتىلا، فىلىپس شىركىتىنىڭ تېخنىكىلىرى ئوغرىلىنىش خەۋپىدە قالغانلىقىنى، ئەمما ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ھازىر خىتايدا ئەرزان زېمىن، ئەرزان ئەمگەك كۈچى دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق ۋاقىتتا ئامېرىكا، خىتايدىكى خەلقئارا ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ھازىر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئاسان ئەمەس.

'ئامېرىكا بۇرۇن ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىلەردە بۇنداق مەسىلىنى 337 ‏- نۇمۇرلۇق نېزام ئاساسدا ھەل قىلغان'

ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەننىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىلەردە، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، مەسىلىنى 337 - نۇمۇرلۇق نېزام ئاساسدا ھەل قىلغان. ئۆز - ئارا كېلىشكەن قانۇن - نېزاملارنىڭ بۇ دۆلەتلەردە رولى بولغان. ئەمما ئامېرىكا 2006 ‏- يىلى خىتايدا خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان مەسىلىلەرنى بۇ نېزام بۇيىچە ھەل قىلماقچى بولغاندا، بۇ نېزامنىڭ رولى بولمىدى.

'باشقا دۆلەتلەر يېڭى تېخنىكا ئىجات قىلسا، خىتاي ئۇنى ئوغرىلاشقا ئادەتلىنىپ قالدى'

ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۇنيا بۇيىچە خەلقئارا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت. باشقا دۆلەتلەر ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىپ يېڭى تېخنىكا ئىجات قىلسا، خىتاي باشقىلارنىڭكىنى ئوغرىلاپلا قوللىنىشقا ئادەتلىنىپ قالدى. بۇ مەسىلە، ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ مەھسۇلات تۈرلىرىنى يېڭىلاپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەي تۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبى.

'ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغان بۇ دۆلەت مەدەنىيەتلىك دۆلەت ئەمەس، بىر لۈكچەك دۆلەت'

ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەننىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغان بۇ دۆلەت مەدەنىيەتلىك دۆلەت ئەمەس، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىلەردەك دېموكراتىك دۆلەت ئەمەس، بۇ كوممۇنىست خىتاي بىر لۈكچەك دۆلەت. ئۇ، باشقىلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەرگە ئۆزى ئەمەل قىلىدىغان دۆلەت ئەمەس، خىتاي خەلقئارا مۈلۈك ھوقۇقى دېگەننى تونىمايدۇ، ئۇ يىللاردىن بۇيان 'تېخنىكىنى بازارغا تېگىشىش' يەنى بازارنى مەن ساڭا بېرىمەن، سېنىڭ تېخنىكىلىرىڭ مېنىڭ بولىدۇ، بەرمىسەڭ ئوغرىلايمەن، دېگەن ئىستراتېگىيە بىلەن ئىش قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي 2005‏ - يىلىدىن بۇرۇن، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مىڭ خىلدىن ئارتۇق تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ بولدى. ھازىر ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە خىتايغا تەدبىر قوللانماقچى بولۇۋاتىدۇ. خۇددى ئامېرىكا 'خەلق پۇلى'نىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە چىرايلىق گەپ قىلىۋاتقىلى يەتتە يىل بولدى، ئەمما خىتاي يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىۋاتقاندەك، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ لۈكچەك دۆلەتنىڭ بىردىنلا ئۆزگىرىپ، مەدەنىيەتلىك گەپنى ئاڭلىشى ناتايىن تاكى ئۇ ئۆزى ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بۇيىچە ئىچ - ئىچىدىن يېمىرىلىپ گۇمران بولمىغىچە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.