خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگىمۇ ؟

خىتايدا ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئەيدىز مەسىلىسىگە جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئەيدىز بىمارلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە . بىراق ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار ۋە مۈتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى ئەكسىچە بولۇفان.

0:00 / 0:00

1 ‏- دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى، بۇ يىل 10 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 370 مىڭ 393 غا، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 132مىڭ 440 غا، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 68 مىڭ 315 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا يەنە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 77 % نىڭ يۈننەن، گۇاڭشى، خېنەن، سىچۈەن، شىنجاڭ ھەمدە گۇاڭدوڭ ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىدە شۇنىڭدەك يېڭى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ۋىنخۇي" گېزىتىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ، خىتاي مىدىتسىنا پەن - تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ قان تەتقىقات بۆلىمى تېز سۈرئەتتە ئەيدىز تەكشۈرۈش قەغىزى كەشىپ قىلىپ، سىناقتىن ئۆتكەنلىكى ھەمدە دۆلەت تىببى دورىلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىگە ئېرىشكەنلىكى، تەكشۈرۈش قەغىزىنىڭ كېلەر يىلى رەسمىي بازارغا سېلىنىدىغانلىقى، بۇ تەكشۈرۈش قەغىزى ئارقىلىق 3 مىنۇتتا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقنى رەسمىي جەزىملەشتۈرگىلى بولىدىفانلىقى ئېلان قىلىنغان .

خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرىدا يەنە، ئەيدىز بىمارلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىنىۋاتقانلىقى ئىزچىل تەشۋىق قىلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ دۇڭبېي رايونىدىكى ئەيدىز ۋە ئوخشاش جىنىسلىقلارنى قوغداشنى مەقسەد قىلغان ھۆكۈمەت تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتچىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2000 ‏- يىلىدىن بۇيان ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددى پوزىتسىيە تۇتۇپ، چەت ناھىيە يېزىلارغىچە داۋالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان، 84 ياشلىق دوختۇر گاۋ خۇيجې، ئامېرىكىغا كېلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن، ۋە ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا خىتايدىكى ئەيدىز ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا ئەيدىزنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت تۈپەيلى تېز سۈرئەتتە تارقالغانلىقى توغرىسىدىكى سەپسەتىسىنى رەت قىلغان. ئۇ، 1996 ‏- يىلى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ خىتايدا رەسمىي تارقىلىشقا باشلانغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىئىپ، مەخسۇس ئەيدىزدىن قوغدۇنۇش توغرىسىدا قوللانما ھازىرلىغان ۋە ، خەلق ئاممىسىغا ئەيدىز ساۋاتى تارقىتىشقا باشلىغان. گەرچە ھۆكۈمەت ئەيدىزنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق گاۋ خۇيجې بىۋاستە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆپلىگەن رايونلاردا يەرلىك ھاكىمىيەت بىلەن قان ئەتكەسچىلىرى تىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىلىم دائىرىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى قان سېتىشقا قىزىقتۇرۇشتىن مەيدانغا كەلگەن ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. دوختۇر گاۋ خۇيجېنىڭ پائالىيەتلىرى دەسلەپ خەلقنىڭ ۋە بىر قىسىم مەتبۇئاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، بىراق ھۆكۈمەت گاۋ خۇيجېنى قاتتىق كونترول قىلغان. گاۋ خۇيجې بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن ": خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز مەسىلىسىدە ، قاتتىق باستۇرۇش، يوشۇرۇش، سېتىۋېلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ كەلدى، ئەگەر سىز تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتسىڭىز سىزنى چوقۇم تۈرمىگە قامايدۇ، ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيا شۇ سەۋەبتىن قارار زىندانغا تاشلاندى" .

ئەيدىز پائالىيەتچىسى، ۋەن يەنخەي رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دوختۇر گاۋ خۇيجې بىلەن بىردەك قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى": ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر قان سېتىپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندى، بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تېگىشلىك تۆلەم ھەققىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدۇق، ئىنسانىيەتكە بۇ خىل ئاپەتنى ئېلىپ كەلگۈچىلەرنىڭ، مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدۇق، تېگىشلىق قانۇن جازاسىغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق، بىراق ھۆكۈمەت بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزنى قوللىمىدى، چۈنكى مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا دەل خېنەندە يۈز بەرگەن بۇ ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبكار رەھبەرلەردىن لى چاڭچۈن ۋە لى كېچاڭ ئىككى كىشى بار، ئۇلار نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە شۇنىڭدەك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمنى ساقلاپ يېتىشىغا يول ئاچقان باش جىنايەتچىلەردۇر " .

ئامېرىكىدىكى كولومبىيا تىببى ئۇنېۋىرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە سانلىق مەلۇماتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئەيدىز پائالىيەتچىسى ۋەن يەنخەي، "خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى، 1 مىليارد 300 مىليون ئاھالە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ" دەيدۇ. ئۇ سۆزىدە يەنە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز مەسىلىدە كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېڭى يېتەرلىك ئەمەس، ئۇلار ئەيدىز بىمارلىرىغا دوستانە مۇئامىلە تۇتمايدۇ، مەتبۇئاتلار ھەتتا زىيالىلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، يەنە بىرگە سىياسىي بېسىم تۈپەيلى، ئۇيغۇرلار ئۆز مەتبۇئاتىنى تەسىس قىلالمىغان، ئۇلار بىر كوللىكتىپ جامائەت پىكىرى توپلاشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىيلىرى بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، خەنزۇلاردا بولسا بۇنداق ئەمەس " دېدى.

تەتقىقاتچى مەمەت ئىمىن ئەپەندى، ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.