خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسى قاناللار بىلەن تارقىلىش ئەھۋالى كۈچەيمەكتە

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ب د ت نىڭ ئەيدىز پروگراممىسى تۈنۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ يىل ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 8 يىلنىڭ ئالدىغا قارىغاندا 400 مىڭ كىشى ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

0:00 / 0:00

لېكىن خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى يېڭى ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي قاناللار بىلەن تارقىلىش ئەھۋالى كۈچەيگەن.

دۇنيا سەھىيە ۋە تەشكىلاتى ب د ت ئەيدىز پروگراممىسىنىڭ تۈنۈگۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھەر قايسى ئەللەردىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا دائىر دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيادا تەخمىنەن 33 مىليون 400 مىڭ ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، لېكىن كېيىنكى يىللاردا ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملىنىدىغانلارنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي قاناللار بىلەن تارقىلىش ئەھۋالى كۈچىيىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئەر - ئاياللار ئارىسىدىكى جىنسىي ئالاقە يولى بىلەن تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ب د ت ئەيدىز پروگراممىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنۈگۈن شاڭخەيدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا دۇنيا ئەيدىز پروگراممىسى ۋە ب د ت سەھىيە تەشكىلاتىدىكى ئەمەلدارلار خىتاي دائىرىلىرىنى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىكى بۇ يېڭى يۈزلىنىشكە دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

يىغىندا ب د ت ئەيدىز پروگراممىسىنىڭ ئىجرائىلىيە درىكتورى مايكېل سىدىبې ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش قانىلى ئۆزگىرىش ياساۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ۋىرۇسنىڭ جىنسىي ئالاقە يولى بىلەن تارقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ 72% ى ۋىرۇسنى جىنسى ئالاقە يولى بىلەن يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ دىققىتىمىز زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە مەركەزلەشكەن ئىدى. چۈنكى بۇلار ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىتىدىغان ئاساسلىق توپ ھېسابلىناتتى. لېكىن بىزنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا مەلۇماتىمىزدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 32% ى ئەرلەر بىلەن جىنسى ئالاقىدە بولىدىغان ئەرلەرنى ئاساس قىلىدۇ. 40% ى بولسا يات جىنىسلار ئارىسىدىكى جىنسى ئالاقىلاردا يۇقتۇرۇۋالغانلاردۇر. بۇ دېگەنلىك ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ 70% دىن كۆپرەكى بۇ ۋىرۇسنى جىنسى ئالاقە يولى بىلەن يۇقتۇرۇۋالدى دېگەنلىكتۇر".

ب د ت ئەيدىز پروگراممىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان يۇقۇمدارلارنىڭ ئىچىدىكى قالغان 28% كىشىنىڭ كۆپ قىسىمى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇرۇن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسى مەنبەئە، دەپ قارىلاتتى.

ب د ت ئەيدىز پروگراممىسىنىڭ ئىجرائىلىيە درىكتورى سىدىبې، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان يېڭى يۇقۇمدارلارنىڭ 97% ى شۇنداقلا ئۆلۈۋاتقان يۇقۇمدارلارنىڭ 98% ى خىتايغا ئوخشاش تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە، بۇ دۆلەتلەردىكى جەمئىيەتنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان توپ ۋە گۇرۇھلاردا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋالنى "يۇقۇملىنىشتىكى تەڭسىزلىك" دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇ، بۇ كىشىلەر "مۇلازىمەت، سېستىمىدىكى قالاقلىقنىڭ، ئۇچۇر يوقسىزلۇقى ۋە داۋالىنىشقا ئېرىشەلمىگەن كىشىلەر. ئۇلار جەمئىيەتتىكى چەتكە قېقىلغان توپلارنىڭ بىر پارچىسىدۇر" دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلى ۋە ئەيدىزلەر ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئەيدىزلەر ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى زاتلارنى ۋە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى باستۇرۇپ كەلدى. بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر چارشەنبە كۈنى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، تۆلەم پۇلىنى ئۆستۈرۈش، داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان بىر گۇرۇپپا خېنەنلىك ئەيدىز يۇقۇمدارىنى تۇتقۇن قىلغان.

بۇ ۋەقە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرى چېن جۇ تۈنۈگۈن شاڭخەيدىكى ئاخبارات يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىزگە قارشى تۇرىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كۈننىڭ ئەتىسى يۈز بەرگەن ئىدى.

شاڭخەيدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي سەھىيە مىنىستىرى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى ئالاھىدە گۇرۇھ ۋە رايونلاردا يۇقىرى سۈرئەت بىلەن كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يۇقۇش ئېھتىمالى يۇقىرى كىشىلەر توپىنى ھالقىپ، ئادەتتىكى پۇقرالارغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئەيدىزگە قارشى تۇرىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ، "بىز گەۋدىلىك تەكىتلەيدىغان نۇقتىلارنىڭ بېرى، غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارشى خىزمىتىنى ئاكتىپ قوللاشتۇر. ئەيدىز كېسىلىگە قارشى پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش، مەمۇرى ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىمىزدا ئەيدىز كېسىلىگە ئۈنۈملىك تاقابىل تۇرالايدىغان سېستىما بەرپا قىلىشتۇر" دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە "ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ يەنە ئۇزۇن مۇساپىلارنى بېسىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

يەنە بەزى ئانالىزچىلار، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا خەلقئارا ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، خىتاي ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئەيدىز مەسىلىسىگە بىخەتەرلىك نۇقتىئىي نەزىرىدە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ مەسىلىگە سالامەتلىك نۇقتىئيى نەزىرىدە قارايدىغانلىقىنى، خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىختىلاپ ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز خىزمىتىگە توسالغۇ يارىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چېن جۇ شاڭخەيدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە 2009‏ - يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىلىرىغا قەدەر خىتايدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى ئاز كەم 320 مىڭغا يېتىپ، 2008 ‏ - يىلغا قارىغاندا 55 مىڭ ئادەم كۆپەيگەنلىكىنى، لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 740 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.