"خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى پاجىئەسى" (1)

باش شىتابى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا بولغان "خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى" بۇ ھەپتە 2008 - يىلى ئاپرېللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلات "خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى پاجىئەسى" دېگەن نامدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئۇلرىچ دەلىئۇس ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەرغىباتچىلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

دوكلاتنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن.

خىتاي زۇلۇمى ھەققىدىكى مەلۇمات

دوكلاتتا 1989 - يىلى تىئەنئەنمېندا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقتىن كېيىن باشلانغان ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان چىدىغۇسىز پاجىئەلەر، خىتايدىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ۋە خرىستىيان ئېتىقادچىلىرى ئۇچراۋاتقان بېسىملار، فالۇنگوڭچىلار يولۇقىۋاتقان زۇلۇملار، ئىشچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي قوغدىلىشقا ئېرىشەلمەسلىكى، 280 مىڭدىن ئارتۇق ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسى، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالماسلىقى، ئىنتېرنېت قوللىنىشنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ قامال قىلىنىشى، پىلانلىق تۇغۇت قىرغىنچىلىقى قاتارلىق ناھايىتى كەڭ ساھەلەردىكى دەلىل - ئىسپاتلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن خەۋپ كەلتۈرىدۇ

دوكلاتتا ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال - ياراق ئىمبارگوسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئەنگىلىيە، رۇسىيىلەردىن نۇرغۇن ئىلغار قوراللارنى ياكى ئۇنىڭ تېخنىكىسىنى سېتىۋالغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھازىر فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىلغار قوراللىرىنى تاما قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇ دۆلەتلەر پۇل ئۈچۈن خىتايغا قورال - ياراق سېتىپ بەرگەن تەقدىردە، خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى ياۋۇزلارچە باستۇرۇپلا قالماي، تەھلىكە ئاستىدا قالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايلا قالماستىن، يەنە يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىبەت مەسىلىسى كەبى ئاكتىۋال بىر تېمىغا ئايلاندۇرۇش

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ قىسىملىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇمى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ يەنە چەت`ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررور بىلەن قارىلاپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

2003 - يىلى 15 - دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش شىتابى گېرمانىيىدە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى تېررورلۇق ئورگان دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلغانلىقىنى شەرھىلەپ، خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىپ، يېقىن ئالاقىدىكى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۈركىيە ۋە ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە خېلى زور خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ميۇنخېن شۆبىسىنىڭ رەھبىرى يۈرگېن تىراكك ئەپەندى ئۇشبۇ دوكلات مۇناسىۋىتىمىز بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك بىر چارىلىرىنى تېپىپ چىقىش ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىبەت مەسىلىسى كەبى ئاكتىۋال بىر تېمىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ زىيانكەشلىكى

"خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى پاجىئەسى" ناملىق دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررور مۇقامىدا رۇسلار، قازاقلار، ئۆزبېكلەر قىرغىزلار ۋە تاجىكلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بۇ دۆلەتلەر بىلەن كۆپ قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا قارشى مانېۋىرلار ئۆتكۈزگەنلىكى، 2003 - يىلى 23 - سېنتەبىردە تېررورغا قارشى تۇرۇش مەركىزىنى تاشكەنتتە قۇرۇپ، مەركىزى ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ھەم شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ

مەزكۇر دوكلاتتا تەپسىلى شەرھىلەنگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، 2003 - يىلى مايدا خىتايلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئەركىنلىك جەڭچىسى شىرئەلىدىن تارتىپ، بۈگۈنگىچە ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن. ئەلۋەتتىكى، پىكىر ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، يەنە خىتاي تۈرمىلىرىگە بەنت قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ "خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى پاجىئەسى" ناملىق بۇ دوكلاتىدا يەنە تىبەتلىكلەر، فالۈنگوڭچىلار مەسىلىسىمۇ تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتاي تەۋەلىكىگە ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقى، تەيۋەن دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىق مەسىلىمۇ ئەتراپلىق شەرھىلەنگەن. بۇ ھەقتە كېلەركى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىمىز.