30 بەتلىك بۇ ھۆججەتلىك ماتېرىيال ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، ھوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە فالۈنگوڭچىلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان دەلىللىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئۇيغۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىش ئىدىيىسى شەكىللەنمىدى
دوكلاتنىڭ دەسلەپكى مەزمۇنلىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2003 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا „يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش"نى يولغا قويغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇشقا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى تەپسىلى ئىزاھلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىچ نومۇس قىلماستىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى دۇنياغا تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.
گەرچە 2003 - يىلىدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررور بىلەن قارىلاش سىياسىتى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ سۈيقەسىتتىن بۈگۈنگە قەدەر ۋاز كەچمەيۋاتقانلىقى ۋە تولىمۇ ئۇياتسىزلارچە يول تۇتىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان. 2003 - يىلىدىن بۇيان، خىتاينىڭ غەرىپ ئەللىرىگە، بولۇپمۇ ياۋرۇپا پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلارنى تېررورىست قىلىپ كۆرسىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىغى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما 60 يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كەلگەن بارلىق سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىش ئىدىيىسىنىڭ زادىلا شەكىللەنمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاخبارات ئىگىلەش تەس
"خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى" ميۇنخېن شۆبىسىنىڭ رەھبىرى يۈرگەن تىراكك ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇچۇرلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ ۋەتەندىكى ھەقسىزلىقلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىشىنىڭ توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقى تىبەتلىكلەردىن بەتتەر خارلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ئىنسان ھەقلىرى دۇنياسىنىڭ خەۋەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۇ قېتىم بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن 20مىڭ چەت`ئەل مۇخبىرىنىڭ خىتايغا ئاياق باسىدىغانلىقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق چۆچىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ قورقۇنچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ نۆۋەتتىكى دەرت - ئەلەملىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى
يۈرگەن تىراكك ئەپەندى يەنە „خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى"نىڭ 24 - ئاپرىل كۈنى د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى گېرمانىيىنىڭ گۆتتىن`گەن شەھرىگە ئىلمىي لېكسىيىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى بارلىق ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتۇشنىڭ بىر پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى قىستۇرۇپ ئۆتتى.
تىبەت، خوڭكوڭ، فالۇنگۇڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسى
خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى پاجىئەسى" ناملىق بۇ دوكلاتتا تىبەتلىكلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان دۇچ كەلگەن دىنىي ۋە مىللىي ئازاپ - ئوقۇبەتلىرى ھەققىدىمۇ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن. خىتاينىڭ تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنى ئەل - قائىدىگە ئوخشاش تېررور ئورگىنى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە چاپلىغان تېررور بۆھتانىنى تىبەت ھەرىكىتىگىمۇ چاپلاشقا ئۇرۇنۇپ، دۇنيانىڭ مەسخىرىسىگە قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
دوكلاتتا فالۈنگۇڭچىلار مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان فالۈڭۇڭچىلار مۇرتلىرىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئېغىر جىسمانىي ئازابلار بىلەن قىينىغانلىقى، ئۆلۈم جازالىرىغا مەھكۇم قىلغانلىقى تەپسىلى شەرھىيىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يالغۇز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭلا ئەمەس، خىتايدىكى خرىستىيان ئېتىقاتچىلىرىنىڭمۇ زەربىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلاتنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە ئائىت قىسمىدا، دېموكراتىك تەيۋەننىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئاستىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە غەرب ئەللىرىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقىنى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە تەيۋەننى مۇستەملىكە قىلىش غايىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇنىڭغا پۈتۈن تەيۋەن خەلقىنىڭ تۈپتىن قارشى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
„خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى پاجىئەسى" ناملىق بۇ دوكلاتتا يەنە، ھوڭكوڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ھوڭكوڭلىقلارنىڭ ئەنگىلىيە ھاكىملىقىدىكى زامانلاردا مەۋجۇد بولغان دېموكراتىك سىستېما ۋە ئىدېئولوگىيىسىنىڭ قىزىل خىتاينىڭ سىياسىي تەھدىتىگە يولۇقىۋاتقانلىقى، كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيە بېسىملىرىنىڭ ھوڭكوڭدا باش كۆتۈرىلىۋاتقانلىقى، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
غەرىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى كېرەك
خۇلاسە قىلغاندا، سانلىق ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ۋە دەلىللىك ھۆججەتلەر بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان „خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى پاجىئەسى" ناملىق بۇ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىكى بارلىق مەزمۇنلار خىتاي زۇلۇمىنى پاش قىلىشقا قارىتىلغان بولۇپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا ئۈندەپلا قالماستىن، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا دەۋەت قىلىنغان، شۇنداقلا كوممۇنىستىك بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىمىغىچە، خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولالمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بېسىقمايدىغانلىقى، نەتىجىدە، مەركىزى ئاسىيانىڭ تېنىچلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايلا قالماستىن، پۈتۈن يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىق ئىدىيىسى ئالغا سۈرۈلگەن.
ياۋرۇپا بىرلىكى، ب د ت ھەم بارلىق غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىگە قارىتىپ تەييارلانغان بۇ دوكلات "خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى"نىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنىپلا قالماستىن، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يوللانغان.
شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى، "خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى" بىلەن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئون نەچچە يىللىق بىر تارىخقا ئىگە. د ئۇ ق ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن سىياسىي پائالىيەتلىرى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر تەشكىلات بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئىككى تەشكىلات ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ھازىرمۇ ئىزچىل داۋام قىلماقتا.