نېمە ئۈچۈن خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى چەتئەل كارخانىلىرىدا يۈز بەردى؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.16
2010.06.16

AFP Photo
بولۇپمۇ، ئىشچىلار ئىش تاشلىغان كارخانىلارنىڭ ئاساسەن چەتئەل زاۋۇت - كارخانىلىرى بولۇشى ئانالىزچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
بۈگۈن رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى گۇاڭدۇڭ ۋە سىچۈەندە ياشاۋاتقان ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىسنى مەزكۇر تېمىدا زىيارەت قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېمىدىكى مۇستەقىل قاراشلىرىنى يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشىمىغان نۇقتىدىكى خۇلاسە ۋە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گۇاڭدۇڭنىڭ شېنجېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان جاڭ جىڭجۈن، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە ھەيران قالمىغانلىقىنى، چۈنكى، زاۋۇت - كارخانىلاردىكى ئىش ھەققىنىڭ ھەقىقەتەن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل قارشىلىقنىڭ ھامان بىر كۈنى يۈز بېرىشنى بۇرۇندىنلا تەخمىن قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سىچۇەندە ياشاۋاتقان لىيۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى تۆۋەن بولۇش، تۇرمۇش شارائىتى ناچار بولۇش قاتارلىقلار خىتايدا ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋال. بولۇپمۇ، چەتئەل كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە خۇسۇسي كارخانىلاردا بۇ خىل ۋەزىيەت تېخىمۇ ئېغىر. شۇڭا ئۇ بۇ خىل نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ھەققانىي بىر ھەرىكەت دەپ مەدھىيىلەش بىلەن بىللە، چەتئەل كارخانىلىرىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ چەتئەل كارخانىلىرىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گۇاڭدۇڭلۇق جاڭ جىڭجۇننىڭ قارىشىچە، چەتئەل كارخانىلىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇق ئېڭى باشقىلارغا نىسبەتەن ئۈستۈن؛ چۈنكى، چەتئەل كارخانىلىرىدا كومپارتىيىنىڭ بىر قاتار تۈزۈم - بەلگىلىمىلىرى يوق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەل كارخانىلىرىدا بەلگىلىك دەرىجىدە بىر چەتئەل مۇھىتى مەۋجۇت؛ يەنى ئەركىن ئويلاش، ئەركىن پىكىر قىلىش مۇھىتى مەۋجۇت، شۇڭا ئىشچىلاردا ھەق - ھوقۇق ئېڭى تەبىئىي ھالدا يېتىلىپ قالغان. بۇ ئىككى نەپەر كۆزەتكۈچىنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدە ئىش تاشلاش ھەرىكىتى ئالدى بىلەن خىتاي كارخانىلىرىدا يۈز بېرىشى كېرەك ئىدى. بىراق بۇنداق بولمىغان؛ سەۋەب، خىتاي كارخانىلىرىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ئاياللار بىرلەشمىسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر تارمىقىغا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلار، ئىشچىلارغا ھەق - ھوقۇق تەربىيىسى بېرىش ۋە ئۇلارنى ھەق - ھوقۇقىنى قوغداشقا يېتەكلەشتەك رولى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قالغان؛ ئەكسىچە ئىشچىلارنى ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارغا بويۇن ئەگدۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. بۇ ئىككى كۆزەتكۈچى، بۇندىن ئىلگىرى زاۋۇت - كارخانىلاردا رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن؛ ئۇلارنىڭ پەرىزىچە، خىتاي كارخانىلىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىتائەتمەنلىكىمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس.
چۈنكى، نۆۋەتتىكى ئىشچىلار تەبىقىسى، 1980 - ۋە 1990 - يىللاردا تۇغۇلغان، بۇ بىر ئەۋلاد ئىشچىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ھەم ۋەزىيەت مەلۇماتى ئالدىنقى ئەۋلاد ئىشچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا خېلىلا ئۈستۈن.
خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇق مەسىلىسى چەتئەلدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكتە. . ئامېرىكا ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى تۈنۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ يېقىنقى تاشلاش ۋەقەلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن خىتايدا ئىشچىلارنىڭ ھەقسىزلىققە ئۇچراش ئەھۋالىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى پۇل قىممىتىنى تەڭشەش سىستېمىسىدا ، گەرچە خىتاي كارخانىلىرى خەلقئارا بازاردا پايدا ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ بۇ پايدىدىن بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە ئېغىر زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر تەشكىلات، ئىشچىلار مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ھەل قىلمىسا، ئۇ چاغدا ئامېرىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنۇپ، ھۆكۈمەتنى خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 11 مىليون 500 مىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇ تەشكىلات ھۆكۈمەتكە بىر تەكلىپ سۇنغان ئەھۋالدا، ھۆكۈمەت چوقۇم بۇ تەكلىپكە 45 كۈن ئىچىدە قاراپ چىقىشى كېرەك. ئەگەر تەكلىپ توغرا دەپ قارالسا، ئامېرىكا خىتايغا ئالدى بىلەن مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشى؛ ئاندىن كونكرېت چارە - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.