خىتايدا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىنى بىكار قىلىش سادالىرى كۈچەيمەكتە

يېقىنىدىن بۇيان خىتايدا 60 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش تەلىپى بارغانچە كۈچەيگەن. خىتايدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ يىل 7 - ئايدا "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىنى بىكار قىلىش ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى" باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش فوندى"نىڭ مەسئۇلى ۋۇ خوڭدا ئەپەندى ھەم ئىلگىرى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا تۇرغان بىر ئۇيغۇر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ بولغان، ھازىر پەقەت خىتايدىلا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىنىڭ مۇقەررەر ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايچە تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان، "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىنى بىكار قىلىش ئىمزا توپلاش پائالىيىتى" نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ۋاڭ چېڭ، جاڭ خۇيخې، شياۋ يوڭ قاتارلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى باشلانغان، "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىنى بىكار قىلىش ئىمزا توپلاش پائالىيىتى"دە، ھازىرغىچە ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى 650 كىشىگە يەتكەن.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئېلان قىلغان "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىنى بىكار قىلىش خىتابنامىسى"دا "خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى"دا بەلگىلەنگەن قانۇن ‏ - ھوقۇقلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن:

"خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 37 - ماددىسىدا 'پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق بىر پۇقرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ھەم سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلماسلىقى كېرەك' دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىدە، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىسىز، پەقەت ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ھەيئىتىنىڭ قارارى بويىچىلا، پۇقرالارنى 3 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىل ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىغا يوللىماقتا. بۇ ئېنىقلا ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش. شۇڭا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك."

ئامېرىكىدىكى "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش فوندى"نىڭ مەسئۇلى ۋۇ خوڭدا ئەپەندى ئىلگىرى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا جازالانغان. ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا، " خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى" دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. بۇ يىل 7 - ئايدا بۇ كىتاب ئامېرىكىدا خىتاينى تونۇشتىكى 5 كىتابنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان.

ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ ئەكسىلىنقىلاپچى قالپىقى بىلەن جازا لاگىرىدا جازالىنىشى ھەم خىتايدىكى جازا لاگىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە توختالدى.

"مەن 1960 - يىلى 23 يېشىمدا ئەكسىلىنقىلاپچى دېگەن قالپاق بىلەن، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئەۋەتىلدىم. 42 يېشىمدا جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلدىم. 19 يىللىق ياشلىق ھاياتىم خىتاينىڭ جازا لاگىرىدا ئۆتتى. مەن ئوغرىلىق قىلمىدىم، بۇلاڭچىلىق قىلمىدىم، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانمىدىم.خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى سىياسىي پائالىيەتلەردە بولمىدىم، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ماقالىلەرنىمۇ يازمىغان ئىدىم. 1960 - يىلى پەقەت ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن نارازى بولۇپ دېگەن بىر نەچچە ئېغىز سۆزۈم سەۋەبىدىنلا ئەكسىلىنقىلاپچى ئۇنسۇر قالپىقىنى كىيىپ جازا لاگىرىدا جازالاندىم. خىتايدىكى جازا لاگېرى ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەردە بار ئىدى. ھازىر شەرقىي ياۋروپادىكى بۇ دۆلەتلەر دېموكراتىك تۈزۈمگە كۆچكەندىن بۇيان، پەقەت خىتايدىلا 'ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش' نامىدىكى جازا لاگىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئىنساننىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىدىغان بۇ خىل تۈزۈم، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغىلا خىلاپ بولۇپ قالماستىن، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ خىلاپ. شۇڭا بۇ تۈزۈم مۇقەررەر ئەمەلدىن قېلىشى كېرەك."

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازا مەيدانلىرى ئەڭ كۆپ جايلاشقان ئورۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى مۇستەقىل كىنەزلىك دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دېۋىزىيىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ جازا لاگېرلىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىلگىرى ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دېۋىزىيىسىنىڭ ئاقسۇ شايار ناھىيىسى ئارال ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا جازالانغان، ھازىر چەتئەللەردە ياشاشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جازا لاگىرى ھەم ئۇ يەردە جازالىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ يەنە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكىنى كۆرۈشكە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى بىكار قىلىشىغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدە غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.