خىتاي 'كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى' دا زادى قانچىلىك سەمىمىي؟

13 - ئاپرىل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى "كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى" نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ پىلان ‘غا قارىتا ھەرخىل ئىنكاسلارنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

گېرمانىيە بىلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىلىرىدىن شىتايىن باخ ئەپەندى 15 - ئاپرىل كۈنى مەزكۇر پىلانغا باھا بېرىپ "بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزى يالغۇز ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى بىلەنلا ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. خىتاي بۇ پىلاننىڭ پەقەت ئېغىزدىكى قۇرۇق گەپلا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك" دېگەن.

باخ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلاندا كۆپ نەرسىلەرگە ۋەدە قىلغان. لېكىن كونكرېت نىشان يوق. نىشان كونكرېتلىشىشى ۋە پىلان ھەقىقى ئەمەلىيلىشىشى كېرەك. نۆۋەتتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان تاجاۋائۇزچىلىق ئىنتايىن ئېغىر. 2008 - يىلى ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى بەرگەن كىشىلەرنىڭ 70% ئىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى. 2009 - يىلىنىڭ بېشىدا خىتايدا ساقچىلارنىڭ ئادەم ئۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بەردى. بۇ خىل ناھەق ۋەقەلەرنى پاش قىلغان ئاخبارات ۋاستىلىرى قامال قىلىندى" دېگەن.

گېرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمەت سۆزچىسى باخ ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ پىلاندا سەمىمىي بولۇشىنى تەكىتلەپ كېلىپ، "بۇ يىل دۇنيانىڭ نەزىرى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە تىكىلىدۇ. ئەگەر يىغىلىش ۋە سۆز ئەركىنلىكى داۋاملىق قاتتىق چەكلەنسە، خىتاينىڭ بۇ پىلانى قۇرۇق قەغەزدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ" دېگەن.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى غەيۇر ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ پىلانىڭ ھەم دۇنيانى، ھەم ئۆز خەلقىنى ئالدايدىغان بىر نەيرەڭۋازلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 15 - ئاپرېلدىكى "كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنىڭ قۇرۇق شۇئارغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە" ناملىق خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مۇنداق دېگەن: "خىتاينىڭ بۇ پىلانى ھېچقانداق يېڭى بىر مەزمۇن يوق. بىزنىڭ ئەڭ زور ئەندىشىمىز؛ ئاخباراتنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك قامال قىلىنىشى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ بوغۇلۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ قوغدالماسلىقى قاتارلىقلار. خىتاي ئالدى بىلەن بۇ تەرەپلەرنى تۈزۈتىشى كېرەك."

بۇ يىل 2 - ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇمى يۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرگەندە، خىتاي ۋەكىللىرى "كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى" تۈزۈپ چىقىدىغانغا ۋەدە قىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر تاجاۋۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان "كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى" ئەنە شۇ ب د ت ۋە دۇنيا ئەللىرىگە بەرگەن ۋەدىسىنى كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ ئورۇنلىغانلىقتىن ئىبارەت. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشىلاتىنىڭ ۋەكىلى رىچاردسون خانىم "خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەت پىلانىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھىچ نەرسە يوق" دېگەن باھانى بەرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە "خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەت پىلانى ئىلگىرى ئېلان قىلغانلىرىنىڭ تەكرارىدىن ئىبارەت" دېگەن.